3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە ياشلار كېڭىشى خىتابنامىسى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2025-يىلى 28-ماي

3- نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە ئۇيغۇر ياشلار كېڭىشى ئۇيغۇر ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئۆزئارا ئىتتىپاقلىق ئۈچۈن يېڭى ئەھدىلەر بىلەن غەلبىلىك ئاياغلاشتى.

بىز، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (دئۇق) يېتەكچىلىك قىلغان 3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە ئۇيغۇر ياشلار كېڭىشىنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۈچ كۈن داۋام قىلغان بۇ كېڭەشنىڭ نەتىجىلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىپتىخارلىق ئىچىدە جاكارلايمىز.

بۇ كېڭەشگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى، ھەققانىيىتى، ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مۇھاپىزە قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ئورتاق كۈرەشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، 22 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 150 دىن ئارتۇق قاتناشقۇچى، 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر رەھبەرلىرى، ئىنسان ھەقلىرى قوغدىغۇچىلىرى، ئىجتىمائىي يېتەكچىلەر، ياش پائالىيەتچىلەر، ئاكادېمىكلار ۋە سىياسەتچىلەر ئىشتىراك قىلدى.

ھەلقىلغۇش بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كېڭەش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى قىلىنىۋاتقان خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق مۇنبەر بولدى.

كېڭەشنىڭ تۇنجى كۈنى كۆپلىگەن خەلقئارالىق مېھمانلار، قىممەتلىك ئىشتىراكچىلار، يۇقۇرى سەۋىيەدە پىكىر قاتناشتۇردى، سۆز قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا،

  • ‏Yves-François Blanchet, كانادا پارلامېنت ئەزاسى
  • ‏Markétka Gregorová, ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى(ۋىدىئو ئارقىلىق ئىشتىراك قىلغان)
  • Jiri Oberfalzer, چېخىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى(يازما ئارقىلىق كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان)
  • ‏Iain Duncan Smith, ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى
  • Baroness Helena Kennedy, ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى
  • Pina Picierno, ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (يازما ئارقىلىى كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان)
  • Oleksandra Matviichuk,نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇكرائىنالىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى
  • Andrei Sannikov, پۇقرالار ھەرىكىتىنىڭ كوئوردېناتورى، ياۋروپا بېلوروسىيە فوندىنىڭ رەئىسى
  • Amérika parlamént ezasi Young Kim, ئامېرىكا تىنچ ئوكيان تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى
  • ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى Suhas Subramanyam
  • Markus Rinderspacher, باۋارىيا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى
  • Barbara lochbihler, ب د ت مەجبۇرىي غايىب قىلىۋىتىلگەنلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى
  • ‏ Tomoya Obokata , ب د ت نىڭ ئالاھىدە دوكلاتچىسى
  • Dogan Bekin, تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى
  • Alexes, كانادا پارلامېنت ئەزاسى

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى قايتا ئىپادىلىدى.

مىللىي كېڭەش ۋە ئۇيغۇر ياشلار كېڭىشى تۇنجى كۈنى ئەتىگەندە بىرلەشمە پروگرامما بىلەن باشلىنىپ، ئەۋلادلار ئارا دىئالوگ ۋە ئورتاق مەقسەتنىڭ ئەھمىيتىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن، ياشلار كېڭىشى رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش بىلەن، ئۆزىنىڭ مەخسۇس پائالىيەتلىرىگە باشلاپ كەتتى.

بۇ قېتىمقى كېڭەش پروگراممىلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن ھەرىكەتچان ۋە ئوخشىمىغان شەكىلدە بولۇپ، ئىككى يۇمۇلاق ئۈستەل يېپىق يىغىنى، تۆت ئوچاپبېشى سۆھبىتى، سەككىز ئەركىن مۇنازىرە ۋە تۆت ئوچۇق سۆھبەت قاتارلىقلار بىلەن تەشكىل تاپقان، ئىستراتېگىيەلىك مۇزاكىرە، ھېكايە سۆزلەش ۋە ھەمكارلىق ھەرىكەت پىلانلاشلارنى ئۆز ئىىچىگە ئالىدۇ.

كېڭەش جەريانىدا، مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  • بارغانسىرى ئارتىپ بېرىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قارىتىلغان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش تەھدىدى.

 

  • ئادالەت ئۈچۈن قانۇنىي يوللار، جۈملىدىن ئۇنىۋېرسال سوتلاش ھوقۇقى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزىملىرىنىڭ قوللىنىلىشى.

 

  • ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئاياللارنىڭ ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەشتىكى ھەلقىلغۇش رولى.

 

  • ئېغىر تەھدىت ئاستىدىكى ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى قوغداشنىڭ ئىستراتېگىيەلىرى.

 

  • ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈش، ئىمكانلارنى ھەمبەھىرلەش، ۋە دۇنياۋى ھەرىكەتلەرنى كۈچەيتىش.

 

  • چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقىنىڭ ئەھمىيىتى – مۇستەقىل تاراتقۇلارنىڭ ئاخبارات بېرىشى، زۇلۇمنى خاتىرلەش ۋە دۇنياۋى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم رولىنى گەۋدىلەندۈرۈش.

 

  • ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن ئىبارەت بۇ جىددىي مەسىلە، قانۇن ماقۇللاش ھەرىكەتلىرى ۋە خەلقئارا قانۇنىي جاۋابكارلىق مىخانىزىملىرى.

 

  • ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىش، ھەرىكەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى، ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشى ۋە تەجرىبە-ساۋاقلىرى.

 

  • لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىرىنچى قول گۇۋاھلىقى، ئادالەت، ئېتىراپ قىلىش ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوللاشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى.

 

  • ئۇيغۇر ھەرىكىتى دۇچ كېلىۋاتقان كىرزىس ۋە بۇ ھەقتە سەمىمىي مۇلاھىزە، جۈملىدىن ئىچكىي كۈرەش، تاشقىي بېسىم ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئۆزگۈرۈش قاتارلىقلار.

 

  • ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئىستىقبالى ئۈستىدە كېلەچەككە نەزەر سېلىش، كېيىنكى قەدەم ئۈچۈن مۇھىم نۇقتىلارنى بەلگىلەش، ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشاننى تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى ئېنىرگىيە توپلاش.

 

مىللىي كېڭەشگە پاراللىل ھالدا ئېلىپ بەرىلغان ئۇيغۇر ياشلار كېڭىشى ئۇيغۇر كىملىكى، ئەۋلادلار ئارا دىئالوگ، ھېكايە سۆزلەش، پىسخىكىلىق جاراھەت ۋە شىپا تېپىش، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە ياشلارنى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ مۇزاكىرىلەر، ئۇيغۇر ياشلار ھەرىكەتنىڭ كەلگۈسىگە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەپەككۈر، مۇناسىۋەت ۋە ئالاقە، ئىقتىدارلارنى بەرپا قىلىدىغان بىر سەھنە بولدى.

بۇ قېتىمقى كېڭەشنىڭ يەنە بىر مۇھىم نەتىجىسى بولسا ميۇنخېن خىتابنامىسىنىڭ ماقۇللىنىشى بولۇپ، ئۇيغۇر جامائەتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىش، ماس قەدەمدە دەۋا قىلىش ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تىنچ يول ئارقىلىق ئادالەت ۋە ئەركىنلىك كۈرىشىدە تەۋرەنمەسلىكنى قايتا تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى مۇنداق دىدى: بۇ پەقەت ئاددى بىر يىغىلىشلا ئەمەس، بۇ بىر خىتابنامە. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز دەۋاسىدا يەنىلا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنىڭ ۋە بىزنىڭ كىملىكىمىزنى ۋە ئاۋازىمىزنى ھېچقانداق بېسىمنىڭ يوق قىلالمايدىغانلىقىنىڭ خىتابنامىسى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ كېڭەشنى ۋۇجۇتقا چىقارغان بارلىق قاتناشقۇچىلار، ھەمكارلاشقۇچى تەشكىلاتلار ۋە پىدائىيلارغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان خىرىس ۋە تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ كېڭەش تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىق، كۈرەش ۋە ئۈمۈدنىڭ باشلانغۇچى بولغۇسى.

كېڭەشنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە بەزى سۆھبەتلەرنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز.

ميۇنخېن خىتابنامىسىنىڭ تولۇق قىسمىنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز.