ئۇيغۇر دىئاسپوراسى مىيۇنخېندا يىغىن چاقىرىپ كەلگۈسى ئىستراتېگىيەلىرىنى بېكىتتى

تۈركىستان تايمىس خەۋەرلىرى – 2025-يىلى 29-ماي – ميۇنخېن، گېرمانىيە:

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلىپ ئۈچ كۈن داۋام قىلغان 3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە ئۇيغۇر ياشلار كېڭىشى يىغىنى خىتابنامىسىنى ئېلان قىلدى.

خىتابنامىدە، مەزكۇر يىغىننىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كۈچىيىۋاتقان بېسىملىرىغا قارشى ئورتاق مەيداندا تۇرۇش ۋە كەلگۈسى ئىستراتېگىيەلىرىنى بېكىتىش نۇقتىسىدىن ھالقىلىق بىر سۇپا ھازىرلاپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى. دۇنيا ئۇيغۇرقۇرۇلتىيى تەرىپىدىن 28-ماي ئېلان قىلىنغان مەزكۇر خىتابنامىدە، يىغىننىڭ ئۇيغۇر ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى رايوندىكى ئىنسان ھەقلىرى كىرىزىسىگە جەلپ قىلىش يولىدىكى مۇھىم بىرقەدەم ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

بۇ مۇھىم يىغىنغا دۇنيانىڭ 22 دىن ئارتۇق دۆلىتىدىن كەلگەن 150 دىن ئارتۇق ۋەكىل، جۈملىدىن 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئاكادېمىكلار، سىياسەتچىلەر ۋە ياش پائالىيەتچىلەر قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كېڭەشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى، ئادالىتى ۋە كىملىكىنى قوغداش كۈرىشىنى كۈچەيتىش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەش ھەمدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايەتلىرى ۋە چېگرا ھالقىغان بېسىملىرىغا قارشى خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى ماسلاشتۇرۇش ئىكەن.

خەلقئارالىق قوللاش ۋە ئەكس سادا قوزغىغان چاقىرىقلار

كېڭەشنىڭ ئېچىلىش كۈنىدە نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق سىياسەتچىلەر ۋەكىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. سۆز قىلغانلار ئارىسىدا كانادا پارلامېنت ئەزاسى ئىۋ-فرانسۇئا بلانشېت، ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئىيىن دانكېن سمىس، ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتا ئەزاسى بارونېس ھېلېنا كېننېدى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇكرائىنالىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئولېكساندرا ماتۋىيچۇك، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ياڭكىم ۋە سۇھاس سۇبرامانيام، باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇس رىندېرشپاچېر ۋە ب د ت نىڭ ئالاھىدە دوكلاتچىسى تومويا ئوبوكاتا قاتارلىق نوپۇزلۇق شەخسلەر بار ئىدى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پىنا پىچېرنو ۋە چېخىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىرى ئوبېرفالزېر بولسا يازما مەكتۇپ ئارقىلىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رەھبەرلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق بېسىملىرىنى ئەيىبلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كونكرېت ۋە قەتئىي قەدەملەرنى ئېلىشقا چاقىردى.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك مۇزاكىرىلەر

ئۈچ كۈنلۈك كېڭەش داۋامىدا، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرىدىغان بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەر ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىندى. مۇھىم نۇقتىلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
● چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قارىتىلغان كۈچىيىۋاتقان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش تەھدىتلىرى ۋەبۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرى.
● ئۇنىۋېرسال سوت ھوقۇقى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادالەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق قانۇن يوللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش.
● ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئاياللىرىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلەشتىكى مەركىزىي ۋەئاكتىپ رولى.
● ئېغىر تەھدىت ئاستىدىكى ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋەكىملىكىنى قوغداش ۋە جانلاندۇرۇشقا دائىر ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلەر.
● ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، بايلىقلارنى ئۈنۈملۈك ئورتاقلىشىش ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك ئورتاق ھەرىكەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش.
● مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تاراتقۇلىرىنىڭ ئەھمىيىتى؛ مۇستەقىل ئاخباراتچىلىق، يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى خاتىرىلەش ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتىشتىكى ھالقىلىق رولى.
● ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق قانۇنىي بەلگىلىمىلەر ۋە جاۋابكارلىق مېخانىزملىرىنى يولغا قويۇش.
● لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىۋاسىتە گۇۋاھلىقلىرى ئاساسىدا ئادالەت ئىزدىنىشى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش پىروگراممىلىرىنى كۈچەيتىش.
● ئۇيغۇر ھەرىكىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئىچكى ۋە تاشقى قىيىنچىلىقلار، جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرى ۋە بۇلارغا قارىتا ھەل قىلىش مەركەز قىلىنغان ئۇسۇللار.

بۇ ئىستراتېگىيەلىك مۇزاكىرىلەر ئىككى يۇمۇلاق ئۈستەل يېپىق يىغىنى، تۆت ئوچاقبېشى سۆھبىتى، سەككىز ئەركىن مۇنازىرە ۋە تۆت ئوچۇق مۇھاكىمە قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەردە، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدى.
ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە كەلگۈسى تەسەۋۋۇرى

مىللىي كېڭەش بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ياشلار كېڭىشىدە بولسا، ئۇيغۇر كىملىكى، ئەۋلادلار ئارا سۆھبەت، روھىي بېسىم ۋە ئۇنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرى، چېگرا ھالقىغان بېسىملارغا قارشى تۇرۇش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ياشلارنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقاتارلىق مەسىلىلەر ياشلارنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن مۇزاكىرەقىلىندى. بۇ يىغىنلار ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەرىكەتنىڭ كەلگۈسىگە يۆنىلىش بېرىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن بىر ئاساس ياراتتى.

ميۇنخېن خىتابنامىسى: بىرلىك ۋە قەتئىيلىك ئۇچۇرى

يىغىننىڭ ئەڭ كونكرېت نەتىجىلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىتتىپاقلىقئىچىدە ھەرىكەت قىلىش، دەۋالىرىنى ماس قەدەمدە داۋاملاشتۇرۇش ۋەشەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تىنچ يوللار بىلەن ئادالەت ۋە ئەركىنلىك كۈرىشىدىكى تەۋرەنمەس قەتئىي ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىگەن «ميۇنخېن خىتابنامىسى»نىڭ ماقۇللىنىشى بولدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن: «بۇ پەقەت ئاددى بىر يىغىلىشلا ئەمەس، بۇ بىر خىتابنامە. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز دەۋاسىدا يەنىلا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنىڭ ۋە بىزنىڭ كىملىكىمىز ۋە ئاۋازىمىزنى ھېچقانداق بېسىمنىڭ يوق قىلالمايدىغانلىقىنىڭ خىتابنامىسى» دېگەن سۆزلەرنى قىلدى.

داۋاملىشىۋاتقان بېسىملار سايىسىدىكى ئۈمىد نۇرى

بۇ مۇھىم كېڭەش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق بېسىملىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى. خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە نۇرغۇن دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدىكى جىنايەتلىرىنى «ئىنسانىيەتكەقارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىماقتا. بېيجىڭ ھاكىمىيىتى بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، سىياسەتلىرىنى «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ۋە «تەرەققىيات» تىرىشچانلىقى دەپ ئاقلىماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ميۇنخېندا چىقىرىلغان قارارلار ۋە نامايان قىلىنغان ئىتتىپاقلىق روھىنىڭ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ئېغىر سىناقلار ئالدىدا تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىق، قارشىلىق ۋە ئۈمىد ئۈچۈن بىر باشلىنىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.