بۇ ھۆججەتلەر شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) دىكى ئۇيغۇر قۇللۇق ئەمگىكىدىن پايدا ئالىدىغان شىركەتلەرگە قارشى كۈچلۈك سىياسەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى. ئەنگلىيەدە بۇ ئىش يۈز بەرمىدى.
شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى.
رەھىمە مەخمۇت
06/04/2025
ئۆتكەن ھەپتە شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىغا ئۈچ يىل بولدى – بۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى، نازارەت قىلىنىشى ۋە ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇلۇشىنى ئىنتايىن تەپسىلىي ئاشكارىلىغانىدى.
بۇ ھۆججەتلەر نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ئاللىقاچان بىلىدىغان ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇردى: يەنى يېقىنلىرىمىزنىڭ ئېتىپ تاشلاش بۇيرۇقى، تۈگىمەس سوراقلار، مەدەنىيىتىمىز، تىلىمىز ۋە ئېتىقادىمىزنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلىنغان ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقلار بىلەن باشقۇرۇلىدىغان لاگېر ۋە تۈرمىلەردىن ئىبارەت بۇ قورقۇنچلۇق سىستېمىغا يوقاپ كەتكەنلىكىنى.
بۇ ھۆججەتلەردە مىڭلىغان تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى بار ئىدى، ئەڭ كىچىكى ئاران 15 ياش، ئەڭ چوڭى 73 ياش، ئۇلارنىڭ چىرايىدا قورقۇنچ ۋە گاڭگىراش ئىپادىلىنىپ تۇراتتى، بۇ «مۇقىملىق» ۋە «تەرەققىيات» شوئارلىرى ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىنسانىي بەدىلى ئىدى. شۇنداقتىمۇ، كېيىنكى نارازىلىقلارغا، ئەيىبلەشلەرگە ۋە ئادالەت چاقىرىقلىرىغا قارىماي، بىز كونكرېت ھەرىكەت جەھەتتە ئىنتايىن ئاز نەتىجىنى كۆردۇق.
يىگىرمە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان سۈرگۈندە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۇزۇن سەككىز يىلدىن بۇيان ئائىلەم بىلەن سۆزلىشەلمىدىم. ئايرىلىشنىڭ ئازابى ئۆتكۈر ۋە دائىملىق بولدى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چوڭ ئاكام بىلەن سۆزلەشكەندە، ئائىلەمدىكى ھەر قانداق بىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن نەچچە ئاي تىرىشقاندىن كېيىن، 2017-يىلى يانۋار ئىدى. ئۇ: «ئەمدى بىز بىلەن ئالاقىلاشمىغىن. بىزنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە تاپشۇرغىن!» دېدى، بۇ مېنىڭ ئاۋازىمنىڭ مەن ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن بىر تەھدىتكە ئايلانغانلىقى توغرىسىدىكى گۇمانىمنى ئىسپاتلىدى.
2023-يىلى، بىر كۆڭلى يۇمشاق ئۇچۇر بەرگۈچى ماڭا ۋەيران قىلغۇچ خەۋەر ئېلىپ كەلدى: چوڭ ھەدەم، پېنسىيەگە چىققان بىر مەكتەپ مۇدىرى، ئۇ ھاياتىنى بالىلار مائارىپىغا بېغىشلىغانىدى ۋە بىز مۇزىكا ۋە شېئىرىيەت ئارقىلىق چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورناتقانىدۇق، 2023-يىلى مارتتا ۋاپات بوپتۇ. ئاكام، ماڭا ئاخىرقى ئىلتىجا بىلەن گەپ قىلغان كىشى، ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش» ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەن، ئىككى يىلغا يېقىن ئوخشىمىغان لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلغان، ھەمدە پەقەت ئۆلۈم گىردابىغا كەلگەندىلا قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ قانداقتۇر ھايات قالدى، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ھېچقانداق خەۋەر ئاڭلىمىدىم. ھېچقانداق سالام يوق. ھايات ياكى ئۆلۈم توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. پەقەت جىمجىتلىق.
مەن بۇنىڭدا يالغۇز ئەمەس. دىئاسپورادىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلاربۇ مەجبۇرىي بىخەۋەرلىكتە ياشايدۇ، بىز ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بىلەن ھەر قانداق ئالاقىدىن مەھرۇم قىلىنغان، قاراڭغۇلۇقتا ماتەم تۇتۇشقا مەجبۇرلانغان. بىز خىتاينىڭ رەقەملىك ساقچى دۆلىتىنىڭ پولات ۋە جىمجىتلىقى ئارقىسىدا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ھايات گۇۋاھچىلىرىمىز.
شۇنداقتىمۇ، بۇ ئەھۋال ئالدىدا، دۇنيا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى، ھازىر ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى «نورماللاشتۇرۇش»نى تاللىدى. ئەخلاقىي ئېنىقلىق قەيەردە؟ ۋەدە قىلىنغان ئادالەتكە بولغان ۋەدىلەر قەيەردە؟
ئۆتكەن ھەپتە، بىز شۇ ھۆججەتلەردىكى يۈزلەرنى – ئاتىلار، قىزلار، مومىلار، بالىلارنى ئەسلەۋاتقاندا، بىز يەنە SHEIN غا ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ لوندون ئاكسىيە بىرژىسىدا بازارغا سېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆردۇق، گەرچە ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چوڭقۇر ۋە ئىشەنچلىك باغلىنىشى بولسىمۇ. مەجبۇرىيەت ئارقىلىق يىغىۋېلىنغان پاختا، تۇتقۇن لاگېرلىرى يېنىدا قۇرۇلغان زاۋۇتلار، بۇ بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزغا ۋە ئۆيلىرىمىزگە كىرگۈزۈش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان نەرسىلەردۇر.
مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىمپورتلارنى توسۇش ئۈچۈن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى يولغا قويغان ئامېرىكىدىن پەرقلىق ھالدا، ئەنگلىيە تېخى بۇ ماللارنىڭ تەمىنات زەنجىرىمىزگە كىرىشىنى توختىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق كۈچلۈك سىياسەت ياكى مېخانىزم يولغا قويمىدى. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان مەھسۇلاتلار، پاختا ۋە كىيىم-كېچەكتىن تارتىپ قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرى، پەمىدۇر قىيامى، ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملار ۋە ئېنېرگىيە زاپچاسلىرىغىچە، بازارلىرىمىزنى نازارەتسىز ھالدا بېسىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ھەرىكەتسىزلىك بىزنى سانائەت كۆلىمىدىكى زامانىۋى قۇللۇقتىن پايدا ئالىدىغان خورلاش سىستېمىسىغا شېرىك قىلىدۇ.
شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى.
بەزى سىياسەتچىلەر: شىنجاڭدىكى ھازىرقى ئەھۋال قانداق؟ بىز قانداق بىلەلەيمىز؟ دەپ سورايدۇ. خىتاي دۆلىتى بۇ رايوننى تەشۋىقات ۋە ئويۇن بىلەن يۆگەپ قويدى. ساياھەتچىلەرگە «گۈزەل شىنجاڭ» كۆرسىتىلىدۇ، بۇ بىر پوتاكىن رېئاللىقى بولۇپ، ئۇيغۇرلار دۆلەت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سېرك پاراتىدىكى ئارتىسلاردەك كىيىنىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ، سەھنە ئارقىسىدا بولسا، بالىلار ئائىلىسىدىن ئايرىلىدۇ، ئاياللار تۇغماس قىلىنىدۇ، مەھبۇسلار قىيىن-قىستاققا ئېلىنىدۇ، ئېتىقاد جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.
تېخىمۇ ئەندىشە قىلارلىقى شۇكى، ئۇيغۇرلار يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ۋە كونترول سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تەجرىبىخانا سۈپىتىدە ئىشلىتىلدى. ئىرقىي كەمسىتىش ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان يۈز تونۇش سىستېمىسىدىن تارتىپ بىئومېترىك سانلىق مەلۇمات يىغىش، ھېسسىياتنى پەرقلەندۈرۈش ئالگورىزىمى ۋە بىيو-ئوپتىماللاشتۇرۇش تېخنىكىلىرىغىچە، بىزنىڭ ئازابىمىز ھازىر باشقا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان قوراللارنىڭ يارىتىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ پەقەت باستۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىققا خىزمەت قىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، ئۇيغۇرلار رەقەملىك دىكتاتورلۇقنىڭ بۇ ۋەھىمىلىك يېڭى دەۋرىدە ئىختىيارسىز سىناق ئوبيېكتىغا ئايلاندى.
بىزگە يېڭى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلار بىز بىلەن نەچچە يىلدىن بۇيان بىللە.
بىزگە كېرەك بولغىنى ھەرىكەت.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك – جازا يۈرگۈزۈش، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانغان سودا كېلىشىملىرىنى رەت قىلىش، SHEIN نىڭ بازارغا سېلىنىشىغا ئوخشاش ئىشلارغا قارشى تۇرۇش ۋە ۋەھشىي جىنايەتلەر ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى قوللاش. پۇقرالار جەمئىيىتى ئاۋازىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. دىنىي رەھبەرلەر، سەنئەتكارلار ۋە مائارىپچىلار – ھەممىمىزنىڭ بۇ ۋەھشىيلىكلەرنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنىشىغا ياكى ئۇنتۇلۇپ كېتىشىگە يول قويماسلىقتا رولىمىز بار.
بۇ پەقەت ئادالەت چاقىرىقى ئەمەس. بۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلىنغان بىر ئىلتىجا. بىز يەنە ئۈچ يىل ساقلاشقا قۇربىمىز يەتمەيدۇ. ئۇ چاغقىچە، يەنە قانچىلىغان ھەدىلەر ئۆلۈپ كېتەر؟ يەنە قانچىلىغان بالىلار لاگېرلاردا، تىلدىن ۋە مۇھەببەتتىن مەھرۇم ھالدا چوڭ بولار؟
بىر ناخشىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەمىشە مۇزىكىنىڭ شىپا بېرىش ۋە باغلاش كۈچىگە ئىشەنگەنىدىم. ئەمما ھېچقانداق ناخشا ئائىلەمگە يېتەلمەيدۇ. ھېچقانداق مېلودىيە بۇ جىمجىتلىقنى تولدۇرالمايدۇ. پەقەت ئادالەتلا بۇنى قىلالايدۇ.
مەنبە: زېمىستان تورى
تەرجىمە: تۈركىستان تايمز