يازغۇچى ھېربېرت روتشىلد خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى ئۈستىگە قۇرۇلغان تەمىنات زەنجىرىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىستان تايمىز، 2025-يىلى 7-ئىيۇن، ئىستانبۇل
2025-يىلى 6-ئىيۇل ئامېرىكانىڭ «ئاشلان خەۋەرلىرى»(Ashland.news) تورىدا ئېلان قىلىنغان «يۆتكىلىشلەر: مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بالىلار ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان تەمىنات زەنجىرى» ناملىق ماقالىدە، يازغۇچى ھېربېرت روتشىلد (Herbert Rothschild) يەر شارىۋىلاشقان ئىقتىسادتا ئىستېمالچىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ دۇنياۋى تەمىنات زەنجىرىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. روتشىلد ماقالىسىدە دۇنياۋى شىركەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى جاۋابكارلىقىنى تەكىتلەپ، نازارەت ۋە قانۇنىي تەدبىرلەرنى كۈچەيتىشكە چاقىرىق قىلغان.
ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ چېتىشلىقى
يازغۇچى ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنى «قۇللۇققا يېقىن شارائىتتا» ئىشلەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇلارغا قاراتقان «ۋىجدانسىزلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش» نىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. روتشىلدنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختا ئېتىزلىرى، «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرى ئىچىدىكى ياكى يېنىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە سېلىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەۋاتىدۇ.
روتشىلد خىتاينىڭ تور سودا سۇپىسى Temu نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەنگەن تاۋارلارنى، تېز مودا ماركىسى Shein نىڭ بولسا شەرقىي تۈركىستان پاختىسىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. گەرچە ئامېرىكا 2022-يىلى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ماقۇللىغان بولسىمۇ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت باھاسى 800 دوللاردىن تۆۋەن پوسۇلكىلارنى تاموژنا تەكشۈرۈشىدىن كەچۈرۈم قىلىدىغان «ئەڭ تۆۋەن قىممەت قائىدىسى» دىن پايدىلىنىپ قانۇندىن قېچىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قائىدىنى بىكار قىلىشى بىلەن ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى بايان قىلغان.
يازغۇچى بۇ مەسىلىنىڭ پەقەت خىتاي شىركەتلىرى بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ «سېتىلىدىغان ئۇيغۇرلار» ناملىق دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلىغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «كەم دېگەندە 82 داڭلىق دۇنياۋى ماركىنىڭ، جۈملىدىن Apple، BMW، Gap، Nike، Samsung ۋەVolkswagen قاتارلىقلارنىڭ تەمىنات زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەۋجۇت».
تەمىنات زەنجىرىنىڭ يۆتكىلىشى يېڭى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا
روتشىلد ماقالىسىدە، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى خىتايدىن ھىندىستان ۋە ۋىيېتنامغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە يۆتكەۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلماستىن، بەلكى «بىر ئوچاقنى ئاغدۇرۇپ يەنە بىر ئوچاقنى تىكلەش» كە ئوخشايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، گەرچە ھىندىستاندا ھۆكۈمەت قوللىغان مەجبۇرىي ئەمگەك بولمىسىمۇ، «يەر شارى قۇللۇق كۆرسەتكۈچى» گە ئاساسلانغاندا، 2018-يىلىلا بۇ دۆلەتتە تەخمىنەن 8 مىليون كىشىنىڭ قۇللۇقتا ياشاۋاتقانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
يازغۇچى Apple شىركىتىنىڭ iPhone ئىشلەپچىقىرىشىنى ھىندىستانغا يۆتكەش قارارىنى مىسالغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ھەمكارلاشقۇچىسى، ئەمگەكچىلەرگە تۇتقان ناچار مۇئامىلىسى بىلەن تونۇلغان Foxconn شىركىتىنىڭ ھىندىستانغا زور مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا «قاتتىق نازارەت بولمىسا، بۇ شىركەتلەرنىڭ يېڭى جايلاردىمۇ ياخشى ئىش قىلىشى ناتايىن»ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
قانۇنىي نازارەتنى كۈچەيتىشكە چاقىرىق
ھېربېرت روتشىلد ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، كاپىتالىستىك تۈزۈمدە پايدىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش ئاساسىي مەقسەت بولغاچقا، شىركەتلەرنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنى تىزگىنلەيدىغان بىردىنبىر ئىشەنچلىك چارىنىڭ «ئېغىر ئاقىۋەتلىك نازارەت» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ھازىرقى نازارەت مېخانىزملىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تەنقىد قىلغان. مەسىلەن، ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى خەلقئارا ئەمگەك ئىشلىرى ئىدارىسى [ILAB] نىڭ تۈزىگەن تىزىملىكىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ماركا نامىنىڭ يوقلۇقى، شىركەتلەرگە قارىتا ھېچقانداق مەجبۇرلاش كۈچىنىڭ بولمىغانلىقىنى؛ 2010-يىلدىكى كالىفورنىيەنىڭ «تەمىنات زەنجىرىدىكى ئاشكارىلىق قانۇنى» نىڭ پەقەت ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىپ، ھېچقانداق جازا بەلگىلىمىگەنلىكىنى مىسال قىلغان.
يازغۇچى خۇلاسە قىلىپ، دۇنيا مىقياسىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەرنى جازالايدىغان قانۇنلارنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئورېگون ئىشتاتىنىمۇ كالىفورنىيەنىڭكىگە ئوخشاش، ئەمما تېخىمۇ كۈچلۈك «ئىجرا قىلىش ۋاسىتىلىرى» گە ئىگە بىر قانۇننى ماقۇللاشقا چاقىرغان ۋە Nike شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى فىل نايتنىڭ بۇ ئىشنى قوللاپ، شىركىتىنىڭ «ئادىل ئەمگەك» ۋەدىسىنى ئىسپاتلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.
ماقالە مەنبەسى: راشلان خەۋەرلىرى