تۈركىستان تايمىز، 10 - ئىيۇن، توكيو: ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى (JUA) تەرىپىدىن 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھايات قېلىش ئۈچۈن كۈرىشى: ئۇنتۇلۇش ۋە قارشىلىق ئارىلىقىدا» ناملىق يېڭى دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) دا يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، مەدەنىيەت ۋە دىنىي باستۇرۇش، شۇنداقلا مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم پاش قىلدى. بۇ دوكلات نۇرغۇنلىغان يېڭى مەلۇماتلار، گۇۋاھلىقلار ۋە ئاشكارىلانغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى ئاساس قىلىپ تەييارلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر كىرىزىسنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
دوكلاتنىڭ كىرىش قىسمىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمىي تارىخى، جۇغراپىيەلىك ئورنى، مول بايلىقلىرى ۋە كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيىتى قىسقىچە بايان قىلىنغان. شۇنداقلا، 20-ئەسىردىن باشلاپ خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي بېسىمغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كۆزىتىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئاسسېمىلياتسىيە سىياسەتلىرى، مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىش قاتارلىق رېئاللىقلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك تەكشۈرۈش ۋە گۇۋاھلىقلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىپ، ب د ت، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» دەپ قارالغان.
مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىش لاگېرلىرىنىڭ رېئاللىقى كۈچەيمەكتە
دوكلاتنىڭ 6-بابىدا، «مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىش لاگېرلىرى» نىڭ رېئاللىقىغا كەڭ ئورۇن بېرىلگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلىدىن باشلاپ خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىش لاگېرلىرى قۇرغان بولۇپ، دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بۇ لاگېرلارغا كەم دېگەندە 3 مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن بولغان كىشىلەر مەجبۇرىي قامالغان. دوكلاتتا يەنە، بۇ لاگېرلارنىڭ سانى ۋە كۆلىمىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى، يېڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھەرقايسى ناھىيەلەردە كەم دېگەندە 5 تۇتقۇن مەركىزى بارلىقى، بەزىلىرىنىڭ نەچچە مىڭ، ھەتتا نەچچە تۈمەن ئادەمنى سىغدۇرالايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا لاگېر ئىچىدە نېمىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلار بېرىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغۇچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئىدىيەسى ۋە خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا قىيناش، ئۇيقۇ بەرمەسلىك، تاماق چەكلەش، كىشەنلەش قاتارلىق جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلاشلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئايلانغانلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتتا ئالاھىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللارغا قارىتىلغان جىنسىي زوراۋانلىقمۇ كۈندىلىك ئەھۋال بولۇپ، بىر قانچە ئايال تۇتقۇن قىلىنغۇچىنىڭ لاگېر ئىچىدە مۇھاپىزەتچىلەر تەرىپىدىن كوللېكتىپ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى قەيت قىلىنغان. بۇ گۇۋاھلىقلارنىڭ بىر بىرىگە ماس كېلىدىغانلىقى ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ بۇ خىل ئەھۋاللارنى دەلىللىگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە ئەزا ئوۋلاش دەھشىتى
دوكلاتتا بېرىلگەن يېڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، لاگېرغا سولانغان بارلىق ئاياللارنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىۋاتقانلىقى، تۇخۇمدانلىرىغا دورا سېلىنىۋاتقانلىقى، بەش ياش قىرىق ياشقىچە بولغان ئاياللارنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ئوپېراتسىيەسى قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن گۇۋاھلىقلار بار. بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى مەقسەتلىك ئازايتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ئېنىق.
دوكلاتتا يەنە قەيت قىلىنىشىچە، لاگېرلاردا ئۆلۈم ھادىسىلىرى كۆپەيگەن. بەزى ياشانغانلارنىڭ جەسەتلىرىدىن باشقا، جەسەتلەر ئائىلىسىگە بېرىلمەي، يېڭىدىن سېلىنغان «جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرى» دا كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى، شۇنداقلا ئەزا سودىسى ئۈچۈن، جەسەتلەردىن ئەزا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بارلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتتا ئىسپات سۈپىتىدە قەشقەر ئايرودۇرۇمىدا كۆرۈنگەن «ئىنسان ئەزالىرىنى توشۇش يولى»، «ئىنسان ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىش، ئەزا كۆچۈرۈش ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىك كاپالەتلىك قىلىش مۇساپىسى» دېگەندەك بەلگىلەرنىڭ، دۆلەتنىڭ ئادەملەردىن مەجبۇرىي ئەزا ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
مەدەنىيەتنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە كىملىكنىڭ يوقىتىلىشى
دوكلاتنىڭ 11-بابىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسەتلىرىگە كەڭ ئورۇن بېرىلگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسېمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى، ئاياللارنىڭ يۈزلۈك، ئۇزۇن يوپكا كىيىشى چەكلەنگەن. كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرى مەجبۇرىي ھالدا خىتايچە كىيىملەرگە ئۆزگەرتىلگەن. دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، مەسچىتلەر كەڭ كۆلەمدە چېقىپ تاشلانغان، يېپىلمىغانلىرىغا يۇقىرىدىن كۆزىتىش كامېراسى ۋە خىتاي بايرىقى ئورنىتىلغان. 18 ياشتىن تۆۋەنلەر، ئوقۇغۇچىلار، ئەمەلدارلار قاتارلىقلارغا ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش چەكلەنگەن. «ئىسلامىي» ئىسىملار بېرىش مەنئى قىلىنىپ، مەجبۇرىي ئىسىم ئۆزگەرتىش يۈرگۈزۈلگەن. دوكلاتتا يەنە، قەبرىستانلىقلارنىڭ ۋەيران قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي باغلىنىشىنى ئۈزۈش ئۇرۇنۇشىنىڭ بارلىقى بايان قىلىنغان. يەر ناملىرىنىڭ خىتايچە نامغا ئۆزگەرتىلىشىمۇ بۇ سىياسەتنىڭ بىر قىسمى.
زىيالىيلارنى نىشانلاش ۋە بالىلارنى ئايرىۋېتىش
دوكلاتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان زىيالىيلارنىڭ مەقسەتلىك نىشانغا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ تەخمىنەن 386 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيىسى «قامالغان، تۈرمىگە تاشلانغان، مەجبۇرىي يوقاپ كەتكەن» بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەم دېگەندە 5 نەپىرىنىڭ قامالغان ۋاقتىدا قازا قىلغانلىقى دەلىللەنگەن. دوكلاتتا يەنە، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كاندىدات كۆرسىتىلگەن ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختىنىڭ 2014-يىلى مۇددەتسىز تۈرمىگە تاشلانغانلىقىغا دائىر مىسال كەلتۈرۈلگەن.
دوكلاتتا ئەڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنىڭ بىرى سۈپىتىدە، ئاتا-ئانىسى قامالغان ئۇيغۇر بالىلىرى، يەنى «يېتىم قالغانلار» نىڭ دۆلەت نازارىتى ئاستىدىكى يەسلى، ياتاقلىق مەكتەپ ۋە باشقا ئورۇنلارغا مەجبۇرىي ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتتا بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ ئورۇنلاردا بالىلار مەركەزلىك ھالدا خىتاي تىلى ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئىدىيەسى بويىچە تەربىيەلەنگەن. بۇ سىياسەتنىڭ «ئەۋلادلارنى ئايرىش» ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ۋە مەدەنىيەت ئۆزلۈكىنىڭ باغلىنىشىنى ئۈزۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ كۆزىتىش ئوبيېكتى بولدى
دوكلاتنىڭ 10-بابىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك كۆزىتىشىنىڭ پەقەت شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بېسىپلا قالماي، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئائىلىنى گۆرۈگە ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنى كۆزىتىشكە ۋە ئۇچۇر بېرىشكە مەجبۇرلىغان، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان. دوكلاتتا بېرىلگەن مىساللار ئىچىدە، ئەنگلىيەگە قاچقان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەندىن كېيىن، ساقچىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن سىنلىق تېلېفوندا ئالاقىلاشقانلىقى، لېكىن بۇ ئالاقىنىڭمۇ تولۇق ساقچىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغانلىقى، ھەمدە جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا يەنە، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىتىشى ۋە تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ لېتېپ ئەخمەت ئىسىملىك باشلىقىنىڭ، كوچا پائالىيەتلىرىدە، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىدا، ھەتتا كۆرگەزمىلەردىمۇ «خىتايغا ئوخشايدىغان ئادەملەرنىڭ يوشۇرۇن سۈرەتكە ئېلىپ يۈرىدىغانلىقى»، ساقچىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىپ سۆز ئەركىنلىكىنى بوغۇشىغا يول قويمايدىغانلىقى ھەققىدە بايان قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خۇلاسە: ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش چاقىرىقى
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئېلان قىلغان بۇ يېڭى دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ مىللىي يوقىتىشقا يۈزلەنگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىش لاگېرلىرى، مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىش، دىننىي باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان بېسىملارنىڭ ھەممىسى بىر پۈتۈن، سىستېمىلىق پىلاننىڭ بىر قىسمى.
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەشكە، لاگېرلارنى تاقاشقا، بارلىق قامالغانلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىنغان. بۇ چاقىرىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھايات-ماماتلىق مەسىلىسىگە تاقاشقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈنمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
دوكلاتنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز