خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن تەشۋىق قىلغان بايانلىرى، بۇ زۇلۇمغا بىۋاسىتە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئاچچىق كەچۈرمىشلىرىدىن يىراق.
يازغۇچى: جون بېك | 2025-يىلى 15-ئىيۇن
تۈركىستان تايمز تەرجىمىسى
خىتاي دائىرىلىرى، دەلىل-ئىسپاتلار ۋە غۇلغۇلا-چۇقانلار ئۇنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەندىن كېيىن: «شىنجاڭدا ھېچقانداق تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرى يوق، پەقەتلا كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش مەركەزلىرى بار» دېدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلغانلار ئەسلا مەھبۇس ئەمەس، بەلكى ئۇ يەردە تۇرۇشتىن زور مەنپەئەت ئالىدىغان «تەربىيەلەنگۈچىلەر» ئىمىش.
خىتاي ئەمەلدارى ئەركىن تۇنىياز 2019-يىلى 6-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا: «بۇ مەركەزلەر ھەقسىز مائارىپ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ياتاقلار رادىيو، تېلېۋىزور، تېلېفون، ھاۋا تەڭشىگۈچ، مۇنچا ۋە يۇيۇنۇش ئۆيى بىلەن تولۇق سەپلەنگەن. تەنتەربىيە مەيدانى ۋە كۇتۇپخانا سېلىنغان» دېگەن. ئۇ يەنە، «تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ئەركىنلىكى قوغدىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قەرەللىك ھالدا ئۆيىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشى ئاللىقاچان مەركەزلەردىن ‹ئوقۇش پۈتتۈرۈپ›، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە» دەپ كۆرسەتكەن.
بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى، دۆلەت تاراتقۇلىرى ۋە ئۇلارنىڭ «ئىنتېرنېت ئارمىيەسى» تەرىپىدىن ئەستايىدىللىق بىلەن تارقىتىلغان تەشۋىقات بايانى ئىدى. بۇ بايانلارنىڭ ھېچقايسىسى، 2022-يىلىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن دەپ يەكۈنلەنگەن، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەسۋىرلەنگەن شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىگە گىرىپتار بولغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى بىلەن قەتئىي ئۇيغۇن ئەمەس ئىدى.
لاگېر ۋە تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلغان تەخمىنەن بىر مىليون كىشىنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمىلا چەت ئەلگە قېچىپ چىقالىدى. مەن «تۇتۇلۇشقا تېگىشلىكلەر تۇتۇلسۇن» ناملىق كىتابىمنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، تۈركىيە، قازاقىستان ۋە ئامېرىكىدا ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بىلەن سۆھبەتلەشتىم. بۇ كىتاب خىتاينىڭ ئۆز پۇقراسى بولغان مۇسۇلمانلارنى قانداق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇلغانىدى. ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ سىستېمىلىق مېڭە يۇيۇشقا، رەھىمسىز مۇئامىلىگە ۋە قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇخبىرلار تەرىپىدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گۇۋاھلىقلار توپلانغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەن نۇرغۇن ھۆججەتلىرى بۇنى دەلىللەيدۇ.
كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى «ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى» دەپ قارىغان ئىشلار سەۋەبىدىن لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن – بۇ ھەر قانداق نەرسە بولۇشى مۇمكىن ئىدى: يەرلىك مەسچىتتە ناماز ئوقۇش، ياغلىق ئارتىش ياكى ساقال قويۇش؛ تاماكا تاشلاش، چەت ئەلدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى يوقلاش ئۈچۈن ساياھەت قىلىش ياكى چەت ئەل نومۇرىدىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلىش؛ «خۇدا بەرىكەت بەرسۇن» دېيىش.
قولغا ئېلىش يەرلىك ساقچىخانىغا چاقىرتىش ياكى كېچىلەپ قوراللىق ئەترەتلەرنىڭ ئىشىكلەرنى دوققۇنلۇتۇشى شەكلىدە بولاتتى. تۇتقۇنلار غايەت زور ئورۇنلارغا ئېلىپ بېرىلىپ، كىيىم-كېچەك، زىبۇزىننەت ۋە تېلېفونلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، تۇتقۇنلار كىيىمى كىيگۈزۈلەتتى. ئۇلار بەزىدە كارىۋات بار، لېكىن كۆپىنچە ھاللاردا ھەتتا كارىۋاتمۇ يوق تۇتقۇنلارغا لىق تولغان كامېرلارغا سولىنىپ، ئۆگزىگە ئورنىتىلغان CCTV كامېرالىرى ئارقىلىق كۆزىتىلەتتى. كامېرلار يازدا چىدىغۇسىز ئىسسىق بولۇپ، قىش كەلگەندە تۇتقۇنلار بىر-بىرىگە يېپىشىپ ئىسسىناتتى. ئۇلارغا ھاجەتخانىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت بېرىلەتتى ياكى كامېرىدىكى چېلەككە ھاجەت قىلىشقا مەجبۇرلىناتتى ۋە ھەپتىدە بىر قېتىم سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشقا رۇخسەت قىلىناتتى. يېمەك-ئىچمەك تولىمۇ ئاز ئىدى. بىر قانچە كىشى ھەر ۋاق تاماقتا پەقەتلا سۇيۇق شورپا، بەزىدە بىر پارچە نان بېرىلگەنلىكىنى تەسۋىرلىدى. يەنە بەزىلەر بۇنىڭدىنمۇ ئاز يېمەكلىك بېرىلگەنلىكىنى ۋە كۆيگىدەك ئاچلىق ئازابىنى تارتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
كۆپىنچە كۈنلەردە دەرسلەر ئۆتۈلۈپ، بۇ جەرياندا ئۇلار تار ۋە جىمجىت قاتارلاردا ئولتۇرۇپ، خىتاي تىلى ياكى قانۇن سىستېمىسى ھەققىدىكى لېكسىيەلەرنى ئاڭلاشقا مەجبۇرلىناتتى. ساقچىلار ئۇلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى ۋە (خىتاي) دۆلەت رەئىسىنىڭ سىياسىي تەلىماتى بولغان شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى يادلاشقا زورلايتتى. بۇنىڭدىن باشقا، شى جىنپىڭنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ياكى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەققىدىكى سىنئالغۇ لېنتىلىرىمۇ قويۇلاتتى.
تېببىي ياردەم پەقەت جىددىي ئەھۋال ئاستىدىلا بېرىلەتتى، بەزىدە ھەتتا ئۇمۇ بولمايتتى. لېكىن، كۆپىنچە تۇتقۇنلار ئۆزلىرىگە قەرەللىك ھالدا نامەلۇم دورىلارنىڭ بېرىلگەنلىكىنى ياكى ئوكۇل ئۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆزلىرىگە نېمە بېرىلگەنلىكىنى بىلمەيتتى، ئەمما بۇ نەرسىلەر ئۇلارنىڭ كاللىسىنى غۇۋالاشتۇرۇپ، ھورۇنلاشتۇرۇپ قويىدىغان ۋە ئاياللارنىڭ ھەيز دەۋرىيلىكىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىغاندەك تۇيۇلاتتى.
ئۇرۇپ-سوقۇش ۋە زوراۋانلىق ئومۇملاشقانىدى. ئەڭ كىچىك قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بەزىدە ھېچقانداق سەۋەبسىزلا، مۇشت، ئۆتۈك ۋە توكلۇق كالتەكلەر بىلەن ساۋىلاتتى. تۇتقۇنلار دائىم ساقچىلارنىڭ كىشىلەرنى سائەتلەپ ياكى كۈنلەپ باغلاپ قويىدىغان «يولۋاس ئورۇندۇق» دەپ ئاتىلىدىغان قىيناش ئەسۋابىنى تىلغا ئالاتتى. ئەڭ ئېغىر جازالار كۆپىنچە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بېكىتىلگەندەك قىلاتتى.
ئاياللار جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا گۇۋاھ بولغانلىقىنى بايان قىلدى. بىر ئايالنىڭ بايان قىلىشىچە، تېببىي ماسكا تاقىۋالغان ئەرلەر كېچىدە ئاياللارنى كامېرلاردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىدىكەن، بۇ ئىش ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەندە، ئۇ بىر نەچچە ساقچى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ۋە تاياق-توقماققا ئۇچرىغان.
لاگېرلاردا تۇرۇپ چىققانلار ئۆزلىرىنىڭ شۇنچىلىك خورلانغانلىقىدىن، ئۆزلىرىنىمۇ تونۇمايدىغان ھالغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلار روھسىز ۋە ھارغىن، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىدىن ئايرىلغان، ئېنىق تەپەككۇر قىلالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇلار ھەمىشە ئۆزلىرىنى ئازابلىغان شۇ قورقۇنچلۇق جايغا قايتا ئەكېتىلىش خەۋپى ئىچىدە ياشايتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى داۋاملىق ئىنكار قىلىشى ۋە چەت ئەلگە قېچىپ چىققانلارنى قوغلاپ، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى ئۇلارنى تېخىمۇ قىينايتتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، لاگېردىن چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ روھى ئەمدى ھەرگىزمۇ ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيدىكەن.
مەنبە: Big Issue