جەۋھەر ئىلھام: «ھەممىمىز ئائىلىمىزنىڭ ئەركىن بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز»

تۈركىستان تايمس تەرجىمىسى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەنگەن «شاۋقۇن-سۈرەن» (All Static and Noise) ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى پاش قىلىدۇ. فىلىمنىڭ باش قەھرىمانلىرىنىڭ بىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جەۋھەر ئىلھام فىلىم ۋە ئۆزى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

سوئال: «شاۋقۇن-سۈرەن» دېگەن فىلىم نامىنىڭ مەنىسى نېمە؟

جاۋاب: بۇ فىلىمنىڭ نامى 2017-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكوم سېكرېتارىنىڭ بىر نۇتقىدىن كەلگەن. ئۇ بۇ نۇتقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە قارشى ھەرقانداق پىكىرنى «شاۋقۇن-سۈرەن» دەپ ئاتاپ، بۇنى چوقۇم يوقىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى يۇمشىتىپ ئاتىغان سۆزىدۇر.

سوئال: ئۇنداقتا بۇ فىلىمنى خىتايدا كۆرگىلى بولمايدۇ؟

جاۋاب: 2020-يىلى ئاشكارىلانغان بىر تەكشۈرۈش بۇيرۇقىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەركىزىي پارتىيە ئورگانلىرى دۆلەت تاراتقۇلىرىغا تېخى پۈتمىگەن بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى خىتايدا چەكلەشنى بۇيرۇغان: «تۆۋەندىكى قانۇنسىز سىنلارنى چەكلەڭلار: تىبەتكە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم ‹60 يىللىق قاچقۇن: دالاي لاما قېرىغاندا›، شىنجاڭغا ئائىت ھۆججەتلىك فىلىم ‹شاۋقۇن-سۈرەن› ۋە خوڭكوڭغا ئائىت ھۆججەتلىك فىلىم ‹يىغا-زارە شەھىرى›».

سوئال: سىز فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى بىلەن قانداق تونۇشتىڭىز؟ نېمە ئۈچۈن بۇ فىلىمگە سىز تاللاندىڭىز؟

جاۋاب: فىلىمنىڭ ئىشلىگۈچىسى جەنىس ئېنگېلھارت مەن بىلەن ئالاقىلەشتى. ئۇ 2009-يىلدىن 2019-يىلغىچە خىتايدا ياشىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىنلىك، ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئىنتايىن رەھىمسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئۆز ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلار تۈرمىگە كىرىش خەۋپىنى ئاڭلىق ھالدا تاللىغان بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى بۇ قارارنى چىقارمىغان تۇرۇقلۇق توختىماي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ 2018-يىلى مەن بىلەن ئالاقىلەشكەن، چۈنكى مەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىر كىشىنىڭ ئائىلە ئەزاسى ئىدىم.

سوئال: تۇيۇقسىز بىر فىلىم تۈرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىش سىز ئۈچۈن قانداق ئەھۋال بولدى؟ سىز ئۇ چاغقىچە ئاساسلىقى 2014-يىلدىن بېرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان دادىڭىز، ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى ئۈچۈن ئەنسىرەپ ياشاۋاتاتتىڭىز.

جاۋاب: تەخمىنەن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەن پەقەت دادام ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈنلا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدىم. بۇ فىلىمگە قاتناشقاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ غايىب بولۇۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە باشلىدىم. بۇ ئىشنىڭ پەقەت مېنىڭ ئائىلەمگىلا ئەمەس، بەلكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن قولۇمدىن كېلىشىچە، تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا قامالغان بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن، ئومۇمىي ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەشنى قارار قىلدىم.

تەشۋىقات پائالىيىتىمنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئومۇمىي ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆزلىسەم، بۇنىڭ بەك سىياسىي تۈس ئېلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. شۇڭا ئاساسەن دادامنىڭ قىزى سۈپىتىدە سۆز قىلاتتىم. ئەمما بۇ فىلىمگە قاتنىشىشقا باشلىغان دەقىقىدىن ئېتىبارەن، مەن پەقەت بىر قىز سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى بىر ئۇيغۇر سۈپىتىدە سۆزلەشكە ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا باشلىدىم.

سوئال: دېمەك سىز تېخىمۇ سىياسىيلاشقان؟

جاۋاب: فىلىمنىڭ بېشىدا مەن بۇ رايوننى يەنىلا «شىنجاڭ» دەپ ئاتايتتىم. 2019-يىلغىچە كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ رايوننى شىنجاڭ دەپ ئاتايتتى، بۇ خىتايچىدىكى رەسمىي نامى. فىلىمگە قاتناشقاندىن ۋە «ئىشچىلار ھوقۇقى كونسورتىيۇمى» بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈرمىدە يېتىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بۇ رايوننى داۋاملىق «شىنجاڭ» دەپ ئاتاشتىن بىئارام بولۇشقا باشلىدىم. چۈنكى بۇ مۇستەملىكىچىلىك تۈسىنى ئالغان بىر ئاتالغۇ بولۇپ، خىتايچىدىكى مەنىسى «يېڭى زېمىن» دېگەنلىكتۇر. شۇڭا مەن ئۇنى «ئۇيغۇر رايونى» دەپ ئاتايمەن.

مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تارىخىي نام بولغان «شەرقىي تۈركىستان»نى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، بۇ رايوننىڭ قايتىدىن شۇنداق ئاتىلىشى ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاتالغۇنى ھەددىدىن زىيادە سىياسىيلاشتۇرۇۋەتكەن، شۇڭا ئۇنى ئىشلىتىش خىتايدا بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق ياكى ئەسەبىيلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش دەپ قارىلىدۇ. دادام «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. شۇڭلاشقا مەن بۇ نامنى ئاممىۋى سورۇنلاردا تىلغا ئېلىشتىن ھېلىھەم ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىمەن، چۈنكى بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا دادامغا ۋە ئائىلەمگە قارشى ئىشلىتىدىغان مۇكەممەل بىر ئىسپات بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

سوئال: سىزچە باشقا ئۇيغۇرلارمۇ يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ سىياسىيلاشقانمۇ؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە. مەن ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئەسلا سىياسەتكە ئارىلىشىشنى خالىمايتتى. ئۇلار پەقەت ئۆز ھاياتىنى ياشاپ، ئۆيىدە تامىقىنى يەپ، ئوقۇپ، نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈپ ياكى يىغىلىشلاردا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئويناپ ئۆتۈشنىلا ئويلىغان. كۆپىنچە كىشىلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، نورمال كۈندىلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنىلا خالايدۇ. ئەمما ھازىر ئۇلار سىياسىي كۆز قاراشقا ئىگە بولۇشقا، سىياسەتنى چۈشىنىشكە، ئۆزگىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ۋە ئۆز ھوقۇقى ئۈچۈن تىرىشىدىغان تەشۋىقاتچىغا ئايلىنىشقا مەجبۇرلانماقتا. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ھەممىمىز ئائىلىمىزنىڭ ئەركىن بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

 

مەنبە: hpd