خەلقئارا كۈچۈرۈم تەشكىلاتى: خىتايدا ئادۋوكاتلار كوللىكتىپ تۇتقۇن قىلىنىپ ئون يىلىن كېيىن زۇلۇم تېخىمۇ كۈچەيدى

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، «9-ئىيۇل ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش دولقۇنىدىن ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، ھېچقانداق خىتاي ئەمەلدارى جاۋابكارلىققا تارتىلمىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 35 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلات ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى باشلاشقا چاقىردى.

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا قارىتىلغان 10 يىللىق باستۇرۇش زۇلۇمنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سارا برۇكس «7.9 ھەرىكىتى» نىڭ 10 يىللىقى ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويۇپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ۋەقە خىتاينىڭ بىر قىسىم ئالاھىدە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە قانۇنىي قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ناھەق ئەيىبلىنىشى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمما ئۇ بۈگۈنگە قەدەر داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ پەقەت بىر باشلىنىشى ئىدى».

ئون يىل ئىلگىرى نىشان قىلىنغان نۇرغۇن ئادۋوكاتلار يەنىلا تۈرمىدە يېتىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ ھەمدە توختىماي پاراكەندىچىلىك ۋە قاتتىق چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىلا ئەمەس، ئائىلىسىنى، جۈملىدىن بالىلىرىنىمۇ قالايمىقانلاشتۇرىدۇ.

ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش

بىرلەشمە باياناتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق پۇقرالار جەمئىيىتىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىنى نىشانلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى نەقىل قىلىنىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق باستۇرۇشىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاينىڭ 2015-يىلى ئادۋوكاتلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشى مۇستەقىل پۇقرالار جەمئىيىتىگە تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇمنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، جۈملىدىن مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، دىنىي ئادەتلەرنى چەكلەش ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى باستۇرۇش قاتارلىقلار پاكىتلار بىلەن خاتىرىلەندى. بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بېيجىڭنىڭ جازالانماسلىقى بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ كېڭىيىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشىغا يول ئاچقان.

بۇ مەزگىلدە، خىتاي دائىرىلىرى دۆلەت ئىچىدىكى ئادۋوكاتلار ۋە پائالىيەتچىلەرنىلا ئەمەس، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ۋە چەتئەلدىكى ئوخشىمىغان ئاۋازلارنىمۇ نىشانلىدى. دۆلەت ھالقىغان بېسىم تاكتىكىسى ھەتتا چېگرا ھالقىغان ھالقىلىق ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تەھدىد ۋە كۆزىتىش سىياسەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ تەرەققىياتلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر دىيارىدا سادىر قىلىنغان دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ يالغۇز قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلار ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق دۆلەت سىياسىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىمزا قويغان تەشكىلاتلار ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە مۇستەقىل ۋە خەلقئارالىق تەكشۈرۈشنى باشلاشقا چاقىردى. پەقەت مۇشۇنداق مېخانىزملا ئۇيغۇر ۋە باشقا تەسىرگە ئۇچرىغان گۇرۇپپىلار ئۈچۈن ئادالەتنىڭ دەرۋازىسىنى ھەقىقىي ئاچالايدۇ.

«قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» ئاياغ ئاستى قىلىندى

ھەرىكەت جەريانىدا، خىتاي ساقچىلىرى 300 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسىنى قولغا ئالدى. نۇرغۇن كىشىلەر قانۇنسىز سوتلانغاندىن كېيىن مەجبۇرىي غايىب بولدى، قىيىن-قىستاققا ئېلىندى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. پائالىيەتچى ۋۇ گەن (8 يىل كېسىلگەن) ۋە ئادۋوكات جوۋ شىفېڭ (7 يىل كېسىلگەن) بۇ باستۇرۇش دەۋرىدىكى سىمۋول خاراكتېرلىك شەخسلەرگە ئايلاندى. بۇ جەريان ئادۋوكاتلارنىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىمۇ نىشانلىدى. ئۆيلەرگە بىخەتەرلىك كامېراسى ئورنىتىلدى، مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى توسۇلۇپ، خەلقئارا ساياھەت چەكلىمىسى قويۇلدى. بۇ قىلمىشلار خىتاينىڭ جەمئىيەتنى قورقۇتۇشتىكى «كوللېكتىپ جازا» ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىلىدۇ.

خەلقئارا جەمئىيەتكە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇش چاقىرىقى

خىتايدىكى مۇستەقىل ئادۋوكاتلار خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خىرىستىيانلار ۋە باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى چەكلەش، ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىش، ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىش ۋە خالىغانچە قولغا ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە داۋاملىق توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئادۋوكاتلار دىڭ جياشى ۋە شۈ جىيوڭغا 2023-يىلى بېرىلگەن 12 ۋە 14 يىللىق قاماق جازاسى بۇ زۇلۇمنىڭ ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بىرلەشمە باياناتتا ھەر قايسى تەشكىلاتلار ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى نازارەت قىلىش ۋە دوكلات قىلىش ئۈچۈن مۇستەقىل مېخانىزم ئورنىتىشقا چاقىردى. تەشكىلاتلار يەنە دۇنيا رەھبەرلىرىنى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بولغان ھەر قېتىملىق ئالاقىدە ناھەق تۈرمىگە تاشلانغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىش مەسىلىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

باياناتنىڭ مەنبەسى:  

https://www.amnesty.org/en/latest/news/2025/07/chinese-government-impunity-for-crackdown-on-lawyers-fuels-decade-of-repression/