ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يوللىغان بىرلەشمە خېتى

ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت كوستا،
ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت ۋون دېر لېيىن،

بىز بۇ خەتنى سىزلەرنى 24- ۋە 25-ئىيۇل كۈنلىرى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي باشلىقلار يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالدىنقى كۈنتەرتىپكە قويۇشقا دەۋەت قىلىش مەقسىتىدە يازماقتىمىز. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن G7 (يەتتە دۆلەت گۇرۇھى) يىغىنىدا، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ پىرېزىدېنتى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيىن «يېڭى خىتاي زەربىسى» نى تىلغا ئېلىپ، G7 ئەزالىرىنى بۇنىڭغا تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىق، ئۆزىنى تېز ئوڭشىۋېلىش ئىقتىدارى ۋە باشقىچە ئۇسۇللار بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشقا ئۈندىگەن ئىدى. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر خىتايدىكى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىغا قارىتا ئوخشاش قەتئىي ئىرادە بىلەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، شۇنداقلا 2019-يىلى مارتتىكى «ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك كۆز قارىشى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەۋجۇت ۋەدىلەرنى ئاساس قىلىپ، ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىغان يېڭى تەشەببۇسلارنى بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا ئاشكارا ئېلان قىلىشى لازىم.

بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىكى مۇستەقىل پۇقرالار جەمئىيىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى ئۇزاقتىن بۇيان قوللاپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك دېلولارنى تىلغا ئېلىپ، كۈچلۈك باياناتلارنى بەرگەنلىكىنى قەدىرلەيمىز. بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا كېتىۋاتقاندا تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى شۈ يەن ۋە يۈ ۋېنشېڭنىڭ قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. 2022-يىلى سېنتەبىردە، ئەينى ۋاقىتتىكى ئالىي ۋەكىل ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنت جوسېپ بورېلنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ (OHCHR) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىنىڭ «خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى» گە دائىر ئەندىشىلىرىنى تەكىتلىگەنلىكى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولدى. بىز يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 40-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىدىن خەۋەردار.

لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەشەببۇسلىرى، پىرېزىدېنت شى جىنپىڭ 2012-يىلى ھاكىمىيەتكە چىققاندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قاراتقان ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمىنى توسۇپ قالالمىدى. شى جىنپىڭ ۋە باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرى خىتاي زېمىنىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قىيىن-قىستاقلار، شۇنداقلا ياۋروپانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق جازاغا تارتىلمايدىغانلىقىغا كامىل ئىشىنىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىپلا قالماي، يەنە دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى ئۆزگەرتىپ يېزىشقا ۋە مۇھىم خەلقئارالىق ئورگانلارنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنى، كۈنسېرى پەقەت خىتايدىكى ئىنسانلارغىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بۇ كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىغا قارشى، خۇددى ھازىر بىخەتەرلىك ۋە سودا مەسىلىلىرىدە كۆرسىتىۋاتقىنىدەك قەتئىي ئىرادە بىلەن تۇرۇپ، يېڭى چارە-ئاماللارنى تېپىپ چىقىشقا ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز.
بۇ روھ بىلەن، تەشكىلاتلىرىمىز سىزلەرنى باشلىقلار يىغىنى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بېيجىڭنىڭ زوراۋانلىقلىرى ۋە دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئۇچرىغان زىيانكەشلەر ۋە ھايات قالغۇچىلار ئۈچۈن ئادالەت تۇرغۇزۇش يولىدا، ئاشكارا ھالدا تۆۋەندىكىلەرنى قىلىشقا چاقىرىدۇ:

• ب د ت ئورگانلىرىنىڭ، جۈملىدىن 2022-يىلى ئاۋغۇستتىكى OHCHR نىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتى، 2023-يىلىدىكى ئاياللارغا قارشى ھەر تۈرلۈك كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى (CEDAW) ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن خىتايغا قىلىنغان تەكشۈرۈشلەر، 2024-يىللىق ئۇنىۋېرسال دەۋرىيلىك تەكشۈرۈشى (UPR) ۋە ب د ت ئالاھىدە تەرتىپلىرىنىڭ خۇلاسە ۋە تەۋسىيەلىرىنى قايتا تەكىتلەش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ۋە بۇ جىنايەتلەرنىڭ داۋاملىشىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان جازاسىزلىق ھالىتىنى ئەيىبلەش. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى، بۇ جىنايەتلەرگە مەسئۇل بولغانلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىمۇ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى ۋە ئادالەتنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە شۇنداق بولىدىغانلىقىنى قايتا جاكارلىشى كېرەك.

2025-يىلى 18-ئىيۇن ئارگېنتىنانىڭ ئەڭ ئالىي جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن سۇنۇلغان «خىتاي دائىرىلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزدى» دېگەن ئەرزنى قوبۇل قىلىپ، سوت ئېچىش قارارى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەشەببۇسلارغا ۋە ب د ت مېخانىزملىرى ئارقىلىق جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە زور ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېغىشلىشى لازىم. بۇنداق قىلىش ئالىي ۋەكىل كاجا كالللاسنىڭ 2025-يىلى مارتتىكى خەلقئارا قانۇننى كەڭ دائىرىدە قوللايدىغانلىقىنى ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ «ئەدلىيەگە تارتىلىشى» كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن سۆزلىرىنىڭ روھىغا تولۇق ئۇيغۇن.

• ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىش، ھەمدە تۇتقۇنلارنىڭ ئىسىملىرىنى، جۈملىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقراسى گۈي مىنخەي، ساخاروف مۇكاپاتى ساھىبى ئىلھام توختى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئەڭ يېڭى ياۋروپا ئىتتىپاقى باياناتىدا تىلغا ئېلىنغان: گۈلشەن ئابباس، ئانيا سېڭدرا، ئەكپەر ئەسەت، چادرېل رىنپوچې، راھىلە داۋۇت، دىڭ جيەشى، دىڭ يۈەندې، دۇڭ يۈيۈ، درۇگدرا، گاۋ جېن، گاۋ جىشېڭ، گو شېراب گياتسو، گولوگ پالدېن، خې فاڭمېي، خۇاڭ چى، خۇاڭ شۆچىن، خۇشتا ئىسا، يالقۇن ئىسا، جى شياۋلۇڭ، لى يەنخې، لوبساڭ گېفېل، لوبساڭ خېدرۇب، لۈ سىۋېي، پېڭ لىفا، چىن يۇڭمىن، رۇەن شياۋخۇەن، سېمكيى دولما، تاشى دورجې، تاشپولات تېيىپ، ۋاڭ بىڭجاڭ، پوپ ۋاڭ يى، كامىلە ۋايىت، شيې ياڭ، شۈ نا، شۈ جىيۇڭ، ياڭ خېڭجۈن، ياڭ ماۋدۇڭ، يۈ ۋېنشېڭ، پوپ جاڭ چۇنلېي ۋە جاڭ ژان قاتارلىقلارنى ئېنىق ئاتاپ كۆرسىتىش.

• G7 يىغىنىدا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى (TNR) توختىتىش، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە ۋە باشقا جايلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زوراۋانلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا بېرىلگەن ۋەدىلەرنى تەكىتلەش. بۇ ۋەدىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش ۋە جىنايەتچىلەرنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ نىشانىغا ئايلانغان ياكى ئايلىنىپ بولغان شەخسلەرنى ۋە جامائەتلەرنى قوللاش ھەمدە قوغداش كېرەك. بۇ تۈردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى قورقۇتۇش، كۆزىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى جىسمانىي زوراۋانلىق قىلىش، ئائىلە ئەزالىرىغا تەھدىت سېلىش ۋە رەقەملىك باستۇرۇش، بولۇپمۇ ئاياللارنى نىشان قىلغان جىنسىي پاراكەندىچىلىك ياكى ھاقارەتلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

• ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى، جۈملىدىن كېيىنكى دالاي لامانى تاللاش مەسىلىسىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن، قولىدىكى بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ جاۋابكارلىققا تارتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەش.

• ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۈستىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى تەكىتلەش؛ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەۋسىيەلىرىگە بىنائەن، بۇ مەجبۇرىيەتلەرگە زىت كېلىدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى، جۈملىدىن خوڭكوڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى»، خوڭكوڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش نىزامنامىسى»، «جېدەل چىقىرىش ۋە ئىغۋا قوزغاش»، «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش» ۋە «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەرنى، شۇنداقلا «بەلگىلەنگەن جايدا ئولتۇراقلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش» تەك جىنايى ئىشلار تەرتىپىنى جىددىي بىكار قىلىشقا چاقىرىش.

ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان باستۇرۇشىغا قاراپ ئۆزىنى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ چىقىشى، شۇنداقلا پۈتۈن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزۈش، قوغداش ۋە ھىمايە قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىشى لازىم. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېقىندا ئېغىر ئىختىلاپلارنى باھانە قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا دىيالوگىنى بىكار قىلىش قارارى، ئۇنىڭ بېيجىڭغا يېڭىچە ۋە ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن بېسىم ئىشلىتىش ئىرادىسى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېغىر ۋە كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئەگەر يېڭى ئىستراتېگىيەلەر بولمايدىكەن، خىتايدىكى، ھەتتا ياۋروپادىكى كىشىلەرمۇ بارغانسېرى ئېغىر خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ.

 

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى

ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق ۋە تەرەققىيات مۇنبىرى  (FORUM-ASIA)

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى

خىرىستىيانلارنىڭ دۇنياۋى ئىتتىپاقلىقى  (Christian Solidarity Worldwide)

پۇقرالار ئىتتىپاقى: پۇقرالارنىڭ قاتنىشىشى ئۈچۈن دۇنيا ئىتتىپاقى  (CIVICUS)

ئالدىنقى سەپ قوغدىغۇچىلىرى  (Front Line Defenders)

خوڭكوڭنى كۆزىتىش تەشكىلاتى  (Hong Kong Watch)

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق  (Human Rights in China)

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى  (Human Rights Watch)

چېگراسىز كىشىلىك ھوقۇق  (Human Rights Without Frontiers)

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى  (International Campaign for Tibet)

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيەسى  (FIDH)، (كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى قوغداش كۆزىتىش مەركىزى رامكىسىدا)

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھەمكارلىقى  (IPHR)

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى  (International Service for Human Rights)

كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلىيىتى  (The Rights Practice)

دۇنيا قىيناشقا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى  (OMCT)، (كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى قوغداش كۆزىتىش مەركىزى رامكىسىدا)

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

 

مەنبە: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى