ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى «2025-يىللىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە جازا جاۋابكارلىق قانۇنى» لايىھەسىنى تۇنۇشتۇردى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە يېڭى بىر قانۇن لايىھەسى سۇندى. بۇ قانۇن لايىھەسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان باستۇرۇشلىرىغا قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەش شۇنداقلا بۇرۇنقى ئالاقىدار قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، جۈملىدىن ئىمبارگولارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. 

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) نىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى تۆەندىكىچە: 

2025-يىلى 31-ئىيۇل - ۋاشىنگتون.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى دان سۇللىۋان (جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى - ئالياسكا) ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس (جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى - يېڭى جېرسىي شىتاتى)، خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە قوشۇمچە رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۈگۈن «2025-يىللىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە جازا جاۋابكارلىق قانۇنى» (Uyghur Genocide and Sanctions Accountability Act of 2025) لايىھەسىنى تونۇشتۇردى. ئومۇمىيۈزلۈك ۋە پارتىيە ھالقىغان بۇ قانۇن لايىھەسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان ۋەھشىيلىكلىرىگە قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 

بۇ قانۇن لايىھىسى نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

بۇ ئىككى پارتىيەلىك بىر قانۇن لايىھىسى بولۇپ، ھازىرقى ئىمبارگولارنى كېڭەيتىدۇ؛ مەجبۇرىي ۋىزا چەكلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ؛ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك توختاملىرىنى چەكلەيدۇ ھەمدە قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي تۇغماسلىق، باسقۇنچىلىق ۋە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوللايدۇ.

ئۇ يەنە ئامېرىكا ئورگانلىرىنى خىتاي سىياسىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا يېتەكلەيدۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىدىغان ساختا ئۇچۇر پائالىيىتىگە قارشى تۇرىدۇ ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەسلىھەلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە شىمالىي كورىيە مەجبۇرىي ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى چەكلەيدۇ.

خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى دان سۇللىۋان (Dan Sullivan):

«ئىسپاتلار ئېنىق. خىتاي كومپارتىيىسى مەجبۇرىي تۇغماسلىق، كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىتىش ئۈچۈن قەستەن ۋە سىستېمىلىق سىياسەت يۈرگۈزمەكتە. بۇ قانۇن بۇ ۋەھشىيلىككە بىۋاسىتە مەسئۇل بولغانلارنى جازالاپلا قالماي، ئۇلاردىن پايدا ئالىدىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈنمۇ لايىھەلەنگەن. بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورتىنى كېمەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ قىلمىش ئۇيغۇر ۋە شىمالىي كورىيەلىك ئىشچىلارنى ئىشلىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى ئادالەتسىز رىقابەتكە دۇچار قىلىدۇ».

خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس (Chris Smith):

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۆتمۈشتىكى ئۇقۇم ئەمەس - ئۇ ھازىر، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشتەك رەھىمسىز ئۇرۇنۇشى ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىرى. بۇ قانۇن نىشانلىق جازا، ۋىزا چەكلىمىسى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوللاش ۋە بۇ جىنايەتلەرگە چېتىشلىق كىشىلەرگە قارىتا قاتتىق تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز بۇ ۋەھشىيلىكلەر يۈز بەرگەندە سۈكۈت قىلالمايمىز».

خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي (Senator Jeff Merkley):

«خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاجىز توپلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىۋاتقان بولغاچقا، بىز ئامېرىكىدا چوقۇم بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە سىستېمىلىق دەخلى-تەرۇزغا قارشى سۆز قىلىشىمىز كېرەك. بۇ قانۇن لايىھىسى مەن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان "ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى" نى ئاساس قىلىپ، جازانى كېڭەيتىپ، خىتاينىڭ نازارەت قىلىش تۈزۈمى، كەڭ كۆلەملىك تۈرمىگە سولاش، قىيناش ۋە ئاتالمىش "قايتا تەربىيىلەش لاگېرى" غا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك قوراللار بىلەن تەمىنلىدى».

خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ (House Uyghur Caucus) رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سۇوزى (Tom Suozzi):

«خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، شۇنداقلا ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق زۇلۇم ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇردى، بۇلار كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش، قىيناش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مىللىي تازىلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىككى پارتىيەلىك قانۇن چىقىرىش بۇ ۋەھشىيلىككە مەسئۇل خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان جازانى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى خاتىرىلەشكە قولايلىق يارىتىدۇ. ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشىمەن».

خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جون مولېنار (John Moolenaar):

«خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دەۋرىمىزدىكى ئەڭ قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ قانۇن ئامېرىكىنىڭ پرىنسىپال ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىك رولىنى نامايان قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ: تېخىمۇ قاتتىق جازا، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارغا ۋىزا چەكلەش ۋە باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ بايلىقىنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن يۆتكەش. ئۇ يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوللايدۇ ۋە خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقات پائالىيىتىگە قارشى تۇرىدۇ. ئەگەر بىز ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساق، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش بىزنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىمىزنىڭ يادروسى بولۇشى كېرەك».

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە جازا جاۋابكارلىق قانۇنى:

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنىدىكى مەۋجۇت جازانى كېڭەيتىپ، مەجبۇرىي ئورگان يىغىۋېلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە بالىلارنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەجبۇرىي تۇغماسلىق ۋە نوپۇسنى كونترول قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان چەتئەللىكلەرگە ۋىزا چەكلىمىسى قويىدۇ.

ئۇيغۇر ۋە شىمالىي كورىيە مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن، خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئەسلىھەلىرىدە ئىشلىتىش ۋە سېتىشنى چەكلەيدۇ.

ھازىر خىتاي سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە قازاق لاگېر شاھىتلىرىنى داۋالاش ۋە پسىخولوگىيىلىك مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياردەملەر بىلەن تەمىنلەش.

كىملىكى تەھدىتكە دۇچ كەلگەن ئاز سانلىق مىللەت ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە تىلنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ياكى ۋەھشىيلىك جىنايىتىگە چېتىشلىق ئورۇنلاردىن مال سېتىۋېلىشىنى چەكلەش.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەشۋىقاتى ۋە ساختا ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش، جۈملىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان تەشۋىقاتلارمۇ بار.

كەلگۈسىدىكى خەلقئارالىق ياكى دۆلەت ئىچىدىكى ئەيىبلەشلەردە ئىشلىتىلىدىغان ۋەھشىيلىك جىنايى قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ھۆججەتلەرنى قوللاش.

CECC كومىسسارلىرى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە ئامېرىكىنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوراللاندۇرىدىغان تەشەببۇسلار ئۈستىدە داۋاملىق تىرىشىپ، مىللىتىمىزنى تېخىمۇ بىخەتەر، قەيسەر ۋە ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جاۋابكارلىق ۋە جازا قانۇنىنىڭ تېكىستىنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز.