2025-يىلى 31-ئىيۇل
ۋاشىنگتون، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى – «ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئادالەت» تەشكىلاتىغا قاراشلىق «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» ھەرىكىتى، كېڭەش پالاتا ئەزالىرى جېف مېركلىي (دېموكراتلار پارتىيەسى، ئورېگون ئىشتاتى) ۋە جون كورنىن (جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى، تېكساس ئىشتاتى) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىككى پارتىيەلىك كېڭەش پالاتا قانۇن لايىھەسى بولغان «2025-يىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مۇھىم قانۇن لايىھەسى، ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا ئاجىز-ئورۇنلاردىكى كىشىلەرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشقا قاتناشقان ھازىرقى ياكى سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كىرىشىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە، زىيانكەشلىك، تۈرمە ياكى تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەردەك يۇقىرى خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ.
بۇ قانۇن لايىھەسى يولغا قويۇلغان تەقدىردە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بىلەن ئىشەنچلىك دەلىللەر ئاساسىدا ئەيىبلەنگەن خىتاي دائىرىلىرىگە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە شېرىك بولغانلارنىڭ ئامېرىكا ۋىزىسى ۋە كۆچمەنلىك ئىمتىيازلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى چەكلەيدۇ. بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە خىتايدىن قاچقان باشقا مىللىي ۋە دىنىي جامائەتلەرنىڭ، شۇنداقلا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان باشقا ئېتىقادچىلارنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
«ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئىمام ئابدۇلمەلىك مۇجاھىد مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن دۆلەتكە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى زالىملارنىڭ قوينىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشقا زورلاپ كەلدى. بۇ قانۇن لايىھەسى بۇ ھەقتە ئېنىق بىر قىزىل سىزىق سىزىپ بەردى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي يول قويمايدۇ. بىز كېڭەش پالاتا ئەزالىرى مېركلىي ۋە كورنىننىڭ بۇنداق مۇھىم بىر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز».
«ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇلى ئارسلان ھىدايەت مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن لايىھەسى خىتاينىڭ يەرشارىۋىي تەھدىت سېلىش ھەرىكىتىنى توختىتىشتىكى ھەل قىلغۇچ بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا، مەجبۇرىي قايتۇرۇشنىڭ ئارقىسىدىكى ئەمەلدارلارنى نىشانلاش ئارقىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يول قويۇشنىڭ، ھەتتا خىتاي چېگراسى سىرتىدىمۇ، چوقۇم ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىدەك ئېنىق بىر سىگنال بەرمەكتە»
«ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» ھەرىكىتى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تېزدىن ماقۇللىنىشى كېرەكلىكىنى كۈچلۈك تەكىتلەيدۇ ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنلارنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ. ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغداش پەقەت بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى خەلقئارالىق قانۇنىي مەسئۇلىيەت مەسىلىسىدۇر.
ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى:
ئىسمى: ھېنا زۇبەيرى، تەشۋىقات-تەشەببۇس دىرېكتورى
ئېلخەت: [email protected]
تېلېفون: 202-908-JUST
تور بەت: https://www.justiceforall.org/save-uighur/