ميۇنخېن [گېرمانىيە]، 4-ئاۋغۇست (ANI): دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېقىندا ھەپتىلىك خۇلاسە دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسىگە دائىر خەلقئارالىق نازارەتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۈچ مۇھىم تەرەققىياتنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بۇ دوكلاتتا ئەنگلىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ كۈچىيىشى، ئارگېنتىنادىكى قانۇنىي ئىلگىرىلەشلەر ۋە ياۋروپاغا ئىمپورت قىلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
دوكلاتتا تەپسىلىي بايان قىلىنغاندەك، ئەنگلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمە كومىتېتى تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلىپ، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ (TNR) كېڭىيىۋاتقان تەھدىتىنى ئاشكارىلىغان. بۇ خىل باستۇرۇشتا، بولۇپمۇ خىتاي قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەر سۈرگۈندىكى ئۆكتىچىلەرنى ئەنگلىيە زېمىنىدا كۆزىتىش، قورقۇتۇش ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىتىش ئارقىلىق نىشان قىلغان. دوكلاتتا ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بېسىمغا ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ ئاشكارا پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇۋاتقانلىقى بايقالغان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بۇ مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىغا قارىماي، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تېخىچە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا قارىتا رەسمىي ئېنىقلىما بېرىپ باقمىغان، شۇنداقلا بۇ ھەقتە بىر تۇتاش دۆلەتلىك چارە-تەدبىرنىمۇ يولغا قويمىغان. كومىتېت قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنى تەربىيەلەش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسى قۇرۇش ۋە SLAPPs قاتارلىق خورلاش خاراكتېرلىك قانۇنىي ھۇجۇملاردىن قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) نىڭ يېڭى دوكلاتىدىكى بايقاشلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە ۋە شىۋىيېتسارىيەدىكى نۇرغۇن شەھەرلەرگە تۇتىشىدىغان بىۋاسىتە ھاۋا يۈك لىنىيەلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن ئاگاھلاندۇردى.
دوكلاتتا تىلغا ئېلىنىشىچە، 2024-يىلى 6-ئايدىن بۇيان، كەم دېگەندە توققۇز خىتاي يۈك توشۇش شىركىتى بۇ لىنىيەلەردىن پايدىلىنىپ، كىيىم-كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملار ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ساھەلەردىكى تاۋارلارنى توشۇماقتا. دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى قاتتىق كونتروللۇقى ۋە كۆزىتىشى سەۋەبىدىن، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈپ دەلىللىنىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى شەرقىي تۈركىستاننى «يۇقىرى خەتەرلىك رايون» قىلىپ بېكىتىشكە چاقىرىپ، ئەنگلىيەنى مۇناسىۋەتلىك سودا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاشكارىلاشقا ۋە نىشانلىق ئىمپورت چەكلىمىسىنى يولغا قويۇشقا ئۈندىگەن.
بىر بۆسۈش خاراكتېرلىك قانۇنىي تەرەققىيات شۇكى، دوكلاتتا ئارگېنتىنانىڭ ئەڭ يۇقىرى جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارشى سۇنۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دېلوسىنى داۋاملىق سوتلاشقا رۇخسەت قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئىلگىرى تۆۋەن دەرىجىلىك سوتلار تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بۇ دېلونىڭ ھازىر خەلقئارالىق قولغا ئېلىش بۇيرۇقى ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قىزىل رەڭلىك ئۇقتۇرۇشىنى چىقىرىشقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكى، بۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي رەھبەرلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن كەم ئۇچرايدىغان بىر پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىماقتا. مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى»دا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
نۇرغۇنلىغان دوكلاتلار ۋە تەكشۈرۈشلەردە مەجبۇرىي ئەمگەك، كەڭ كۆلەملىك كۆزىتىش، دىنىي چەكلىمىلەر، ئائىلىلەرنى مەجبۇرىي ئايرىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەيىبلىمىلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ تەدبىرلەرنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە ب د ت ئورگانلىرى بۇ قىلمىشلارنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي زۇلۇم دەپ ئەيىبلىمەكتە .(ANI)
ئىزاھات:
SLAPPs (Strategic Lawsuits Against Public Participation): ئاممىۋى قاتنىشىشقا قارشى ئىستراتېگىيەلىك دەۋالار. بۇ ئادەتتە شىركەتلەر، ھۆكۈمەتلەر ياكى كۈچلۈك شەخسلەر تەرىپىدىن تەنقىدچىلەرنى، پائالىيەتچىلەرنى ياكى ژۇرنالىستلارنى قورقۇتۇش، جىمىقتۇرۇش ۋە مالىيە جەھەتتىن خورىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان دەۋالارنى كۆرسىتىدۇ.