كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ب د ت نى خىتايغا شەرقىي تۈركىستاندىكى دەپسەندىچىلىكلەر مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك 2025-يىلى 8-سېنتەبىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 60-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا خىتاينىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ب د ت ئەلچىسى چېن شۈ بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە . (AFP)

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (AFP)

2025-يىلى 9-سېنتەبىر

جەنۋەدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى جەريانىدا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىللىرى باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈركنى بېيجىڭغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.

يىغىن زالىدىكى بىر خىتاي دىپلوماتى سۆز ئېلىپ: «ئاساسسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش دېگەنلەر پۈتۈنلەي يالغان» دەپ ټەكىتلىدى.

جەنۋە: سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ب د ت نىڭ 2022-يىلىدىكى خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) رايونىدىكى قىيىن-قىستاق ۋە كەڭ كۆلەملىك دەپسەندىچىلىكلەرنى تەپسىلىي بايان قىلغان ئەيىبلەش خاراكتېرلىك دوكلاتىغا قارىتا دۇنيانىڭ ئاجىز ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.

خىتايدىكى ئۇيغۇر ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرى جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدىن سىرت ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق باشلىقى ۋولكېر تۈركنى بېيجىڭغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇيول بۇ پائالىييەتكە يىغىلغان دىپلوماتلارغا: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق باشلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ب د ت نىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىش تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك» دېدى.

تۈركنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەتدىشى مىشېل باچېلېت 2022-يىلى 8-ئايدا دوكلات ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر» نىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئالغانىدى.

بېيجىڭ تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىنغان بۇ دوكلاتتا، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان دەپسەندىچىلىكلەر، جۈملىدىن كەڭ كۆلەملىك قىيىن-قىستاق ۋە ئاساسسىز تۇتقۇن قىلىشقا دائىر «ئىشەنچلىك» ئەيىبلەشلەر بايان قىلىنغان.

دوكلاتتا خىتاي «ئاساسسىز ھالدا ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىش» ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېنىقلاشقا چاقىرىلغان.

2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان قېرىندىشىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەد: «بۇ تەۋسىيەلەر ئىجرا قىلىنمىدى» دېدى.

ئۇ قېرىندىشىنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، يىغلىغان ھالدا: «ئۇ بىر ئائىلىنىڭ تىرىكى، بىر ئاتا، بىر ئەر، بىر ئوغۇل، بىر ئاكا، ئاددىي ۋە لايىق بىر پۇقرا ئىدى. لېكىن ئۇ ئۇيغۇر كىملىكىدىن باشقا ھېچقانداق سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، توققۇز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى» دېدى.

«خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل ئاساسسىز تۇتقۇن قىلىش ئەندىزىسى بۈگۈنمۇ داۋاملاشماقتا.<

ئۇيغۇرلاردىن يالقۇن ئۇلۇيولمۇ 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان دادىسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىر تاغىسى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، يەنە بىر تاغىسى ۋە نەۋرە ئاكىسى ھەر ئىككىلىسى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئۇ: «ئۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇنىي رەسمىيەتسىز جازالاندى» دېدى.

يىغىن زالىدىكى بىر خىتاي دىپلوماتى سۆز ئېلىپ: «ئاساسسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش دېگەنلەر پۈتۈنلەي يالغان» دەپ ټەكىتلىدى.

«خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى» (CHRD) ئاممىۋى تەشكىلاتىنىڭ ھەمراھ رەئىسى سوفى رىچاردسون: «بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك، سىستېمىلىق ئىكەنلىكى ئېنىق» دەپ، تۈركنى كېڭەشكە بۇ ئەھۋال ھەققىدە جىددىي مەلۇمات بېرىشكە چاقىردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەرگە موھتاج ئەمەس. بىزگە كەم بولۇۋاتقىنى ئالىي كومىسسار ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جاسارەت كۆرسىتىپ... خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان بارلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ھايات قالغۇچىلار ئۈچۈن پائالىيەت قىلىدىغان رەھبەرلىكىدۇر».

تۈركنىڭ ئىشخانىسى AFP غا ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى بېيجىڭ بىلەن ۋە كېڭەش ئالدىدا قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈرك دۈشەنبە كۈنى كېڭەشكە: «بىز شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈتكەن ئىلگىرىلەشلەر... تېخى ئەمەلگە ئاشمىدى» دېدى.

ئاخبارات كاتىپى راۋىنا شامداسانى ئېلخېتىدە: «شۇنى ئېنىق ئېيتىش كېرەككى: بىز دوكلاتىمىزدىكى بايقاش، ئانالىز، خۇلاسە ۋە تەۋسىيەلەرنى قەتئىي قوللايمىز. بۇ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ئۈنۈملۈك چارە ۋە ئادالەتكە ئېرىشىشى ئىنتايىن مۇھىم» دەپ يازدى.