ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى: ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىدا تېخىچە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولمىدى

2025 -يىلى 8-سېنتەبىر، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 60-نۆۋەتلىك يىغىنىدا. سۈرەت:AFP)

2025-يىلى 10-سېنتەبىر

تسېرىڭ دوندۇپ

دارامسالا، 10-سېنتەبىر: دۈشەنبە كۈنى شېۋىيېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 60-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك تىبەتتىكى ۋەزىيەتكە دائىر يېڭى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي بىلەن كۆپ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئالاقىسىگە قارىماي، تىبەتتىكى تىبەتلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئىشلىرىدا تېخىچە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلمىگەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

تۈرك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 60-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا مۇنداق دېدى: «خىتايدا، بىزنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى، شۇنداقلا تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆز رايونلىرىدىكى ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا كۆزلىگەن ئىلگىرىلەشلەر تېخى ئەمەلگە ئاشمىدى. بۇ، مېنىڭ ئىشخانامنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمىتىدىكى ئالدىنقى كۈنتەرتىپتۇر».

ئالىي كومىسسارنىڭ بۇ سۆزلىرى خىتاينىڭ يېقىندا «تىبەت ئاپتونوم رايونى» (TAR) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىشىگە توغرا كەلدى. بېيجىڭنىڭ رەسمىي تەشۋىقاتلىرىدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىقلار خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى غەلىبىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە كۆككە كۆتۈرۈلدى.

بىراق، مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇنىڭغا تامامەن قارمۇقارشى بىر رېئاللىقنى پاش قىلىپ، تىبەتلىكلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا بوغۇلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دوكلاتلاردا دالاي لامانى مەدھىيەلەپ ناخشا ئېيتقانلىقى ئۈچۈنلا جازالانغان ئاساڭ ئىسىملىك كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، شۇنداقلا قېرىندىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە جازاسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىگە قەست قىلىشقا ئۇرۇنغان گومپو كىينىڭ پاجىئەلىك قىسمىتى قاتارلىق ۋەقەلەر تىلغا ئېلىنغان. تىبەتلىك دىنىي داھىي گونجو تۇلكۇ پالدېن ۋاڭيالنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ۋاپات بولۇشى بولسا، ھاكىمىيەت سىياسىتىگە قارشى چىققانلارنىڭ قانداق ئېغىر خەۋپلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئايانلاشتۇرۇپ بەردى.

تەنقىدنىڭ يەنە بىر نىشانى مائارىپ ۋە تىل سىياسىتى بولدى. تىبەتلىك بالىلار كۈنسېرى كۆپلەپ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىروگراممىلىرىدا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىپ، تىبەت تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئىزچىل چەتكە قېقىلماقتا. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ خىل ئۇسۇللارنىڭ ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا تىبەت مىراسلىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى ۋە ب د ت تىبەت ئىدارىسى خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە كۈچەيتىلگەن نازارەت، موناستىرلارغا يۈرگۈزۈلگەن چەكلىمىلەر، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە تىنچ يول بىلەن پىكىر بايان قىلىشنى جىنايەت ھېسابلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى مىسال قىلىپ، بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم ئەندىشە بىلدۈرۈپ كەلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل تەدبىرلەر خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە زىممىسىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلىرىگە ئاشكارا خىلاپ ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: https://www.phayul.com/2025/09/10/52951/