تۈركىستان تايمىز، 2025-يىلى 13-سېنتەبىر، ئەنقەرە : بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ (BBP) رەئىسى مۇستاپا دەستىچى پارتىيە باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزىي قارار ۋە ئىجرائىيە ھەيئىتى (MKYK) يىغىنىدىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت ھەم تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسىدىكى قىزىل رەقەم مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دەستىچى داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانىيەت كىرىزىسلىرى ھەققىدە توختىلىپ، پەلەستىندىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ئەھۋالنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «1949-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت ئىدى. ئۇ قىزىل خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى، شۇنىڭدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر ئىشغالىيەت، زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاستىدا ياشاپ كەلدى». ئۇ پارتىيەسىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «كىمنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىشغالىيەتنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ھەمدە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايمىز. بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز بۇ ئېتىقادىمىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز» دەپ كۆرسەتتى.
دەستىچى يەنە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگىمۇ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈردى. ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X تا، تۈركىيەنىڭ تاشقى سودىسىدىكى قىزىل رەقەمنىڭ ئاساسلىقى خىتاي بىلەن بولغان سودا تەڭپۇڭسىزلىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ گەرچە 60 مىليارد دوللارلىق بىر ساننى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، رەسمىي سانلىق مەلۇماتلار تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدا ھەقىقەتەن زور قىزىل رەقەمگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسى 48.3 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ 44.9 مىليارد دوللىرى ئىمپورت، پەقەت 3.4 مىليارد دوللىرىلا ئېكسپورتنى تەشكىل قىلغان. نەتىجىدە 41.5 مىليارد دوللارلىق سودا قىزىل رەقىمى شەكىللەنگەن. بۇ ئەھۋال يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئىزچىل داۋاملاشقان بولۇپ، قىزىل رەقەم 2022-يىلى 38.2 مىليارد دوللار، 2023-يىلى 41.7 مىليارد دوللار، 2024-يىلى 41.5 مىليارد دوللار بولغان.
تۈركىيەنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرى مەرمەر تاش ۋە تراۋېرتىن تېشى، ھەر خىل قىممەتلىك مېتال رۇدىلىرى ۋە كونسېنتراتلىرى، قوغۇشۇن، مىس، تۆمۈر، سىنك ۋە بور قاتارلىق كان مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلار ئىچىدە بولسا يانفون، كومپيۇتېر ۋە سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىلىرى، ئاۋاز-سىن ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر، پىرىسلاغۇچ ۋە توك ئايلاندۇرغۇچلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئىككى تەرەپلىك سودىدىكى قۇرۇلمىلىق تەڭپۇڭسىزلىقنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
دەستىچىنىڭ بۇ باياناتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە جەمئىيىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە قايتا ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەنقەرەنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىدىكى خىرىسلارنىمۇ گەۋدىلەندۈردى. ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بىلەن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە ئوخشاشلا ئەھمىيەت بېرىشى، كەلگۈسى ھەپتىلەردىكى سىياسىي مۇنازىرىلەرنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
(خىتاي-تۈركىيە سودا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ مەنبەسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتى)