«پاختا زەنجىرى»نىڭ پەردە ئارقىسىدىكى زۇلۇم: دۇنياۋى مودا ماركىلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلدى

تۈركىستان ۋاقتى، 2025-يىلى 24-سىنتەبىر – ئەنقەرە: ئىرېلاندىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (RTÉ) ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، 2024-يىلى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسىغا چېتىشلىق ئىككى شىركەتتىن نەچچە يۈز توننا پاختا رەخت ئىمپورت قىلغان كەم دېگەندە 15 بېنگال زاۋۇتىنىڭ ئېرلاندىيەدىكى بىر قىسىم داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرىنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ دوكلاتتا «سىجىل» ماركىسى بېسىلغان كىيىملەرنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان رېئاللىقنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن پاختىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ دۇنياۋى تەمىنات زەنجىرى ئارقىلىق كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا قانداق سىڭىپ كىرگەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. بۇ تەمىنات زەنجىرىنىڭ مەنبەسى – دۇنيا پاختىسىنىڭ كەم دېگەندە بەشتىن بىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىنىۋاتقان جاي دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن شەرقىي تۈركىستاندۇر.

شەرقىي تۈركىستان خىتاي پاختىسىنىڭ تەخمىنەن %90 ىنى، دۇنيا پاختىسىنىڭ بولسا كەم دېگەندە بەشتىن بىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ رايوندىكى پاختا تېرىقچىلىقىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، «Esquel Group» қа ئوخشاش خىتاينىڭ نۇرغۇن مۇھىم توقۇمىچىلىق شىركىتى ئاقسۇدا دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ۋە زاۋۇتلارنى قۇرغان. ئەمما، نۇرغۇن گۇۋاھچىنىڭ بايانلىرى، ھايات قالغۇچىلارنىڭ شاھىتلىق سۆزلىرى، ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ماتېرىياللاردىن تۈزۈلگەن دەلىل-ئىسپاتلار بۇ رايوندىكى پاختا سانائىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىغا تايىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا. ئىرېلاندىيە كېڭەش پالاتاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئورگانلار بۇ سىستېمىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر شەكلى دەپ ئېتىراپ قىلغان. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى 2022-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەرىجىسىگە يېتىشى مۇمكىنلىكىنى خۇلاسىلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشنى باھانە قىلىپ، مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنى نىشانلىغان «زوراۋان تېررورلۇققا قارشى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نى يولغا قويدى. بۇ سىستېما ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ۋە تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە قامىدى. بۇ جايلاردىن قۇتۇلۇپ چىققانلار ئۆزلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىيىن-قىستاق، تاياق-توقماق ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق زۇلۇملارغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى. دۆلەت كونتروللۇقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى ئارقىلىق، مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر شەرقىي تۈركىستان ئىچى-سىرتىدىكى جايلارغا ئىشلەشكە يۆتكەلدى، نۇرغۇن كىشى پاختا سانائىتىدە ئىشلەشكە مەجبۇرلاندى.

RTÉ  نىڭ تەكشۈرۈشىدە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتاينىڭ «Esquel» ۋە «Jiangsu Lianfa Textiles» توقۇمىچىلىق شىركەتلىرىنىڭ ھەر يىلى نەچچە يۈز توننا پاختا خام ئەشياسىنى كەم دېگەندە 15 بېنگال زاۋۇتىغا تەمىنلەيدىغانلىقى، بۇ زاۋۇتلارنىڭ بولسا داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرى ئۈچۈن مىليونلىغان كىيىم ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى ئېنىقلانغان. RTÉ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەنە كىيىملەردىكى ئۆزگىچە بەلگە كودىنى ئىز قوغلاش ئارقىلىق، «Penneys»، «Tesco»، «Marks and Spencer» ۋە «Dunnes Stores» قاتارلىق دۇكانلاردىن دەل يۇقىرىقى زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىملەرنى سېتىۋالغان.

بۇ ماركىلار RTÉ بىلەن ئالاقىلەشكەندە، ئۆزلىرىنىڭ «Better Cotton Initiative» (تېخىمۇ ياخشى پاختا تەشەببۇسى) غا ئوخشاش گۇۋاھنامە سىستېمىلىرىغا ئەزا ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا «Oritain» شىركىتىنىڭ ئىزوتوپلۇق تەكشۈرۈشىدىن پايدىلىنىپ، كىيىملىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئەمما، بۇ سىستېمىلار ھەقىقەتەن ئىشەنچلىكمۇ؟

«ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىتتىپاقى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پاترىسىيانىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، «Better Cotton» نىڭ «ماسسا تەڭپۇڭلۇقى» (mass balance) مودېلى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنمىگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مودېلدىكى مەسىلە شۇكى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىلا ‹Better Cotton› نى ئادەتتىكى پاختا، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن پاختا بىلەن ئارىلاشتۇرۇشقا بولىدۇ». شۇڭا، بىر ماركىنىڭ «%100 Better Cotton Initiative» نى ئىشلىتىشى ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن پاختىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.

ئىزوتوپلۇق تەكشۈرۈش تېخنىكىسىمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. بۇ تېخنىكىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان دوكتور لېن ۋاسسېنار، پاختىنى ئارىلاشتۇرۇشنىڭ ئىزوتوپ ئارقىلىق مەنبەنى ئېنىقلاشنى «غايەت زور قىيىنچىلىق» قا دۇچار قىلىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئارىلاشما پاختىدىن ئېلىنغان نەتىجىنىڭ «مەنىسىز» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ سىستېمىلار ئۈنۈمسىز بولغان ئەھۋالدا، پارچە ساتقۇچىلارنىڭ قولىدىكى بىردىنبىر دەلىل تەمىنلىگۈچى زاۋۇتلارنىڭ يازما ۋە ئاغزاكى كاپالىتىدىنلا ئىبارەت. بۇ زاۋۇتلار بولسا ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىۋاتقان «Jiangsu Lianfa Textiles» ۋە «Esquel Group» قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ كاپالىتىگە تايىنىدۇ. ئەھۋالنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىدىغىنى شۇكى، «Jiangsu Lianfa Textiles» ۋە ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرى «Better Cotton Initiative» نىڭ «ماسسا تەڭپۇڭلۇقى» تەمىنلىگۈچىسى سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىنغان.

خىتاي ئەلچىخانىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت ھەرقانداق ئەيىبلەشلەرنىڭ «خىتايغا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن ئويدۇرۇلغان يالغانچىلىق ۋە دېزىنفورماتسىيە» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سابىق دىرېكتورى كېننېت روت، ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ مەسىلىدە مۇھىم رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر يېتەرلىك ساندىكى ئىستېمالچى كىيىم-كېچەك دۇكىنىغا بېرىپ، ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئىشلىتىلمىگەن كىيىملەر قەيەردە؟› دەپ سورىسا، بۇ دەل شىركەتلەرنى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلايدىغان، شۇنداقلا بېيجىڭغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان بىر ھەرىكەتتۇر».

ھەقىقىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالايدىغان كۈچ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قولىدا. 2027-يىلى يولغا قويۇلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى قانۇنى – «مەجبۇرىي ئەمگەك نىزامى» – مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىغا كىرىشى، سېتىلىشى ياكى ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەيدۇ. لېكىن ھازىرچە، پارچە ساتقۇچىلار «Jiangsu Lianfa Textiles» ۋە «Esquel Group» قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ پاختىسىنى ئىشلىتىدىغان يۇقىرى خەتەرلىك زاۋۇتلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. قىسقىسى، بۇ ماركىلار ئىستېمالچىلارغا ئۆزلىرى سېتىۋاتقان كىيىملەردىكى پاختىنىڭ ھەقىقىي مەنبەسى ھەققىدە ھېچقانداق كاپالەت بېرەلمەيدۇ.