2025-يىلى 24-سىنتەبىر - دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ۋە سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، داڭلىق ژورنالىست پەرھات مۇھەممەت (يورۇڭقاش) 2025 -يىلى 9 - ئاينىڭ 24- كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن 61 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلان قىلغان تەزىيەنامىدە مۇنداق دېگەن: «مەرھۇمغا ئاللاھدىن رەھمەت تىلەيمىز. ئائىلىسى، ئۇرۇق تۇغقانلىرى، دوستلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە چۇڭقۇر تەزىيەلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز. مەرھۇمنى سۆيىدىغان، ياخشى كۆرىدىغان ھەممەيلەنگە سەۋىر تىلەيمىز. ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن!»
د ئۇ ق تەزىيانامىسىدە مەرھۇمنىڭ ھاياتىغا باھا بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «مەرھۇم پەرھات مۇھەممەت شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا چاقنىغان بىر يۇلتۇز ئىدى. ئۇ، مول تەجىربىسى، سىياسى جەھەتتىن پىشىپ يىتىلگەنلىكى، تەشۋىقات ساھەسىدىكى ئۇستىلىقى، تەشكىلاتچانلىقى، تەشكىلى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى دىپلوماتىك ماھارىتى بىلەن تونۇلغان بىر رەھبەر، پىداكارلىقى ۋە ھارماي-تالماي كۆرەش قىلىش روھىى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۈلگىسى ۋە پىداكارلىق ئابىدىسىدۇر. ئۇ، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھەرخىل بوران - چاپقۇن ۋە قىيىنچىلىقلارغا كۆكرەك كېرىپ تەۋرەنمەس مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن، نىمە بولىشىدىن قەتئىى نەزەر ئۇلۇغۋار غايىسى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى ۋە خەلقىنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن تىنىمسىز كۆرەش قىلغان، ئۆزىنى پىدا قىلغان ۋە ئاخىرقى نەپىسىنى بۇ يولدا بەرگەن بىر قەھرىماندۇر.
پەرھات مۇھەممەت ئىككى بالىنىڭ دادىسى ۋە كۈيۈمچان بىر ئەر ئىدى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.»
پەرھات مۇھەممەت كىم؟
مەلۇم بولۇشىچە، مەرھۇم پەرھــات مۇھەممەت ئەپەنــدى 1964 – يىلــى دۇنياغـا كەلگـەن. 1981 – يىلـى شـەرقىي تۈركىسـتانئۇنىۋېرسـىتېتىنىڭ تىـل فاكۇلتېتىغـا قوبـۇل قىلىنغـان.1985 – يىلــى ئالــى مەكتەپنــى تامامــلاپ <شــىنجاڭخەلــق رادىيــو ئىستانسىســى> دا تاكــى 1992 – يىلــى12 – ئايغـا قـەدەر تەھرىـر ۋە مۇخبىـربولـۇپ خىزمـەت قىلغا . ۋەتەندىكـى مەزگىلىـدە ھەرقايسـى گېزىـت –ژۇرناللاردا 200 پارچىدىــن ئارتــۇق پوۋېســت، ھېكايــەۋە باشــقا ئەدەبىــي ئەسەرلىرى ئــلان قىلىنغــان. 93 -يىلـى تۈركىيەگـە چىقىـپ، 95 – يىلىغىچـە مىللىـي رەھبىرىمىــز ئەيســا يۈســۈپ ئالىپتېكىــن ئەپەندىمنىــڭ يېنىــدا خىزمــەت قىلغــان. تۈركىيــەدە <شـەرقىي تۈركىسـتان ياشـلار بىرلىكى>نىـڭ قۇرۇلۇشـىدا ھـەم ئۇنىـڭ ئـورگان گېزىتـى <شـەرقىي تۈركىســتان ياشــلىرى>نىڭ تەســىس قىلىنىشــىدا ئاساســلىق رول ئوينىغــان ۋە گېزىتىنىــڭ بـاش تەھرىـرى بولـۇپ ئىشـلىگەن. 1995 – يىلـى گېرمانىيەگـە كېلىـپ يەرلەشـكەن. پەرھـات مۇھەممىـدى چەتئەلگـە ھىجـرەت قىلىـپ چىققـان 92 – يىلىنىـڭ ئاخىرىدىـن تاكـى ھازىرغىچـە ئىزچىــل تــۈردە ئۇيغــۇر مىللىــي ھەرىكىتىنىــڭ ئــەڭ ئالدىنقــى ســېپىدىن يــەر ئېلىــپ كەلــدى.
د ئۇ ق نىڭ تەزىيەنامىسىدە بىلدۈرۈلۈشىچە: «تۈركىيـە ۋە گېرمانىيەلـەردە نەشـر قىلىنغـان <شـەرقىي تۈركىسـتان ياشـلىرى> گېزىتـى، <شـەرقىي تۈركىســتان> گېزىتــى، <بىرلىــك> ژۇرنىلــى، <ئۇچقــۇن> گېزىتــى، <ئىســتىقال> گېزىتــى، ئۇيغـۇر تېلېۋىزىيەسـى، شـەرقىي تۈركىسـتان ئۇيغـۇر تېلېۋىزىيەسـى قاتارلىـق گېزىـت – ژورنـال ۋە ئىنتېرنېـت تېلېۋىزىيەلەرنىـڭ ئاساسـلىق قۇرغۇچـى ھـەم بـاش تەھرىـرى بولـۇپ خىزمـەت قىلغـان.»
ئىگىلىنىشىچە، پەرھـات مۇھەممىـدى ئەپەنـدى 1996 – يىلـى گېرمانىيـەدە قۇرۇلغـان <دۇنيـا ئۇيغـۇر ياشـلىرى قۇرۇلتىيى>نىڭ، 1999 – يىلى يەنە گېرمانىيەدە قۇرۇلغان <شـەرقىي تۈركىسـتان ( ئۇيغۇرىسـتان ) مىللىـي قۇرۇلتىيى>نىـڭ ۋە 2004 – يىلـى بارلىققـا كەلگـەن <دۇنيـا ئۇيغـۇر قۇرۇلتىيى>نىـڭ ئاساسـلىق قۇرغۇچـى ئەزالىرىنىـڭ بىـرى بولـۇپ، ھازىرغىچـە قۇرۇلتـاي تەشـۋىقات كومىتېتىنىـڭ مۇدىـرى، د ئـۇ ق مۇئاۋىـن رەئىسـى، د ئۇ ق تور تېلىۋىزىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش نازارەتچىسى ھەم مەسئۇل مۇھەررىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ۋە ئۆتىمەكتە ئىدى.