رەسىمدە، مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرغان ئۈچىنچى كىشى مورو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھازىرقى رەئىسى ھاجى مۇرات ئىبراھىم.
ئاپتورى: مىر كامىل كاشغەرىي
مۇقەددىمە
قەلبىدە ئازادلىق ئوتى ئۆچمىگەن، كۆزلىرى شەپەق نۇرىغا تەلمۈرگەن ئەزىز قېرىنداشلىرىمغا مورو مۇجاھىدلىرىدىن سالام!
76 يىللىق ئۈمىد، 76 يىللىق كۈرەش، 76 يىللىق قۇربانلىق... قان ۋە ياش بىلەن يېزىلغان شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق كۈرىشى داستانىمىزنىڭ سەھىپىلىرىنى ئۈمىدسىزلىك تۇمانلىرى قاپلىغان، روھىمىز چارىسىزلىكنىڭ سازلىقىغا پېتىپ، ئۆزىمىزنى نەپەس ئالالمايۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، كېلىڭلار، بىر-بىرىمىزنىڭ يۈرىكىگە قۇلاق سېلىپ، قايتىدىن سىردىشايلى!
ئىلگىرى بىز ھىندىستاننىڭ ئوت يۈرەك ئوغلانى سۇبھاس چاندرا بوسنىڭ پولات ئىرادىسىدىن ئىلھام ئېلىپ، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق يولىغا خەرىتە سىزىشقا ئۇرۇنغان ئىدۇق. ئۇ داستان كۆپچىلىكىمىزنىڭ كاللىسىدا يېڭى ئۇپۇقلارنى ئاچتى. ئەمدىلىكتە مەن سىلەرنى تارىخنىڭ قەغەزلىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئىمان بىلەن يېزىلغان، قان بىلەن سۇغىرىلغان ۋە غەلىبە بىلەن تامغالانغان ھاياتلىق داستانىغا باشلايمەن. بۇ — بىز بىلەن ئوخشاش قىبلىگە يۈزلەنگەن، ئوخشاش تەقدىرنى ياشىغان، ئوخشاش دۇئانى قىلغان، يولى بىزگە تېخىمۇ يېقىن ۋە ماس كېلىدىغان، ئەمما ئاخىرىدا بىر پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان بىر مۆجىزىنىڭ سىرىدۇر.
بۈگۈن مەن سىلەرنى غەربنىڭ روھسىز ھوقۇق كارىدورلىرىغا ئەمەس، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ مۇزدەك زاللىرىغا ئەمەس، بەلكى تىنچ ئوكياننىڭ يىراقلىرىدىكى جىھادنىڭ تىرىك، نەپەس ئېلىۋاتقان يۈرىكىگە — ھەر بىر يوپۇرمىقىدىن شاھادەت شەبنىمى تامچىپ تۇرىدىغان يامغۇرلۇق جاڭگاللارغا، ھەر بىر غېرىچ توپىسى پىدائىيلارنىڭ قېنى بىلەن سۇغىرىلغان مۇبارەك تاغ-قىرلارغا، ئىسلامى ۋە ئىمانى ئۈچۈن 400 يىل بويى تىز پۈكمىگەن مورو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئوتلۇق داستانىغا باشلاپ بارىمەن!
قېنى، شۇ مۆجىزىگە ئايلانغان غەلىبىنى روھىمىز بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقايلى!
قانداق بىر ئىلاھىي ئىنايەت، 11-سىنتەبىر پىتنىسىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادا «جىھاد» كەلىمىسى زەھەرگە ئايلاندۇرۇلغان، تەكبىر ئېيتىلغان ھەر قانداق بايراققا تۆھمەت يامغۇرى يېغىۋاتقان بىر دەۋردە، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس جىھاد بايرىقىنى بۇ زەھەرلىك بوران-چاپقۇنلاردىن تىنچ - ئامان ساقلاپ قالالىدى؟ دۇنيا «تېرور» سۆزى بىلەن تىترىگەن شۇ زۇلمەتلىك كۈنلەردە، ئۇلار ئۆز كۈرىشىنىڭ شەرىپىنى قانداق قىلىپ كىرلىتىپ قويماي، ھەتتا زالىم دۈشمىنىنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقى ئالدىدا باش ئېگىشكە مەجبۇرلىيالىدى؟
قانداق بىر ئۇستا ئىستراتېگىيىلىك قوماندانلىق، ئۆزىنىڭ ئەڭ شىر يۈرەك ئوغلانلىرىنى ئافغانىستان ۋە چېچىنىستاننىڭ ئوتلۇق جەڭگاھلىرىغا ئەۋەتىپ، ئەمەلىي ئۇرۇڭشلاردا پولاتتەك تاۋلىغان تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى يات ئىدىيەلەرنىڭ كۈلىگە مىلەنمەستىن، غايىسىنىڭ ساپلىقىنى ساقلىغان ھالدا قايتۇرۇپ كېلەلەيدىغان ئىمانىي ئىنتىزامنى ياراتالىدى؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس غايىسىنى دۇنيانىڭ قالايمىقانچىلىقلىرىدىن ۋە خەلقئارالىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ توزىقىدىن قانداق ساقلاپ، ئۆز يولىنى مۇستەقىل داۋاملاشتۇرالىدى؟
ئەڭ ھەيران قالارلىقى! قانداق بىر رەھبەرلىك، بىر قولىدا ئاللاھنىڭ ۋەھيىسى بولغان قۇرئاننى، يەنە بىر قولىدا مىللەتنىڭ غۇرۇرى بولغان قورالنى مەھكەم تۇتۇپ، بۈركۈتتەك ئۆتكۈر نەزىرى بىلەن دۇنيا سىياسىتىنىڭ خەرىتىسىنى تەڭ ئوقۇپ ماڭالىدى؟ قانداق قىلىپ ئۇلار جاڭگاللىقنىڭ لاي-پاتقاقلىرىدىن بىر دۆلەتنىڭ ئۇلىنى قۇرۇپ چىقىپ، كۆزلىرىنى بىر دەممۇ ئەرشتىن ئۈزمەي تۇرالىدى؟ ئۇلار مۇستەقىللىق ئۈچۈن ھەممە نەرسىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرۇپ، ئەمما ئىمانىدىن بىر زەررىچىمۇ ۋاز كەچمەسلىكنىڭ سىرىنى زادى قەيەردىن تاپتى؟
دەرۋەقە! ئىسلام ئۈممىتىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ئىسلامىي ھەرىكەتلەرنىڭ قەبرىستانلىقىغا ئايلانغان، سان-ساناقسىز بايراقلار يا مۇرەسسە (تەنەززۇل) شامىلىدا يىقىلغان ياكى زۇلۇم (ھەزىمەت) بورىنىدا يىرتىلىپ كەتكەن بىر دەۋردە، پەقەت ئۇلارنىڭلا بايرىقى ئاللاھنىڭ ياردىمى (نۇسرەت) بىلەن غەلىبە تۇپرىقىغا تىكلەندى! بۇ — ئۇلارنىڭ ھەرىكەت يادروسى بولغان جىھاد روھىدىن ۋە ئىمان ئەقىدىسىدىن قىلچە تەۋرەنمەي تۇرۇپ، غەلىبە چوققىسىغا يەتكەن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بىردىنبىر بايراقتۇر!
مەن ئەنە شۇ شانلىق غەلىبىنىڭ داستانىنى، ئۇلارنىڭ ھەر بىر قەدىمىنى، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىنى ۋە غەلىبىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق سىرلىرىنى سىلەر بىلەن بۆلۈم-بۆلۈم ھالەتتە ئورتاقلىشىشنى نىيەت قىلدىم.
بۇ پەقەت بىر ھېكايە ئاڭلاش ئەمەس. بۇ — بىرلىكتە تەپەككۇر قىلىدىغان، قەلبىمىز بىلەن ھېس قىلىدىغان ۋە روھىمىز بىلەن دەرس ئالىدىغان، جىھاد ۋە ئىستراتېگىيەنىڭ بىر «ھالقا»سىدۇر (ئۆگىنىش چەمبىرىكىدۇر). ھەر بىر بۆلۈمنىڭ ئاخىرىدا، بىز «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق كۈرىشى ئۈچۈن قايسى نۇرلۇق يوللارنى تاپتۇق؟ قايسى قاراڭغۇ ئۆستەڭلەردىن ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەك؟ قايسى پولات قورغانلارنى ئۆرنەك قىلالايمىز؟» دېگەن سوئاللارغا بىرلىكتە جاۋاب ئىزدەيمىز.
مەقسىتىمىز — بۇ ئۇلۇغ غەلىبىنىڭ ئوتىدىن بىر ئاچقۇچ ياساپ، زاماننىڭ روھىغا ۋە ئۆزىمىزنىڭ رېئاللىقىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ھەر بىر قەدىمى ئىنچىكە پىلانلانغان، ئىستراتېگىيە بىلەن تاكتىكا بىرلەشتۈرۈلگەن بىر يول خەرىتىسىنى بىرلىكتە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتۇر.
بۇ سەپەردە مېنى يالغۇز قويماي، ئىنكاس، سوئال ۋە تەنقىدىي پىكىرلىرىڭلار بىلەن يول خەرىتىمىزنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە ھەسسە قوشۇشىڭلارنى، قاراڭغۇدا يولىمىزنى يورۇتىدىغان چىراغ بولۇپ بېرىشىڭلارنى ۋە بۇ مەشئەلنىڭ يورۇقىنىڭ باشقا قەلبلەرگىمۇ يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن ئۇنى كەڭ ھەمبەھىرلەشىڭلارنى سورايمەن.
قېنى ئەمىسە، ئەقىل-پاراسىتىمىزنى بۇ ئالماس بىلەن قايتىدىن بىلەپ، ئۈمىدىمىزنى يېڭىلاپ، بۇ تارىخىي، ئىبرەتلىك سەپەرنى بىرلىكتە باشلايلى!
ئۇنۇتمايلى! بۇ داستاننى بىز تارىخ ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس، تارىخ يارىتىش ئۈچۈن ئوقۇيمىز!
ئەسكەرتىش: بۇ يېڭى داستانىمىز «تۈركىستان تايمز (ۋاقتى)» تورىدا ۋاقتى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ.