خىتاينىڭ يولغا قويغان ۋىزىسىز ساياھەت سىياسىتىگە قارىماي، رۇس ساياھەتچىلەرنىڭ پاسپورتىدا تۈركىيە تامغىسى بولغانلىقى ئۈچۈن قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
رۇس ساياھەتچىلەر 15-سېنتەبىردە يولغا قويۇلغان «خىتايدا 30 كۈن ۋىزىسىز تۇرۇش» سىياسىتىگە باقماي، چېگرادىن ئۆتۈشتە ئاندا-ساندا مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە. «Business FM» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پاسپورتىدىكى تۈركىيەگە كىرىش-چىقىش تامغىسى سەۋەبلىك بىر رۇس ساياھەتچىنىڭ خىتايغا كىرىشى رەت قىلىنغان.
«TürkRus» تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭ بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن، بولۇپمۇ تۈركىيەدە 28 كۈندىن ئارتۇق تۇرغان رۇسىيە پۇقرالىرىنى ئىلگىرىمۇ چېگرادىن قايتۇرۇۋەتكەنلىكى مەلۇم ئىدى. بىراق، يېقىنقى ۋەقەدە، ساياھەتچىنىڭ تۈركىيەدە قىسقا مۇددەت تۇرغانلىقىغا قارىماي، تامغىدىكى چېسلانىڭ «خىرە» ئىكەنلىكى باھانە قىلىنغان.
ساياھەتچىلىك ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ ۋەقەنىڭ تېخى ئومۇملاشقان بىر ئەھۋال ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ۋەھىمىگە چۈشۈشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىمەكتە.
«Go China» ساياھەت شىركىتىنىڭ ئىگىسى سېرگېي سېدوۋ، خىتاينىڭ ۋىزىسىز تۈزۈمگە ئۆتكىنىگە كۆپ بولمىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ھەقتە يېتەرلىك ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتنىڭ تېخى توپلانمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆز خېرىدارلىرى ئىچىدە بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئىپادىلىدى. سېدوۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تەخمىنەن ھەر ئىككى رۇس ساياھەتچىنىڭ بىرىنىڭ پاسپورتىدا تۈركىيە تامغىسى بار. تامغىلارنىڭ ئېنىق ئوقۇغىلى بولماسلىقىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال. شۇڭلاشقا، مەن بۇ ۋەقەنى ئالاھىدە بىر ئەھۋال دەپ قارايمەن ھەمدە كىشىلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھالدا چېگرادىن قايتۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلايمەن».
لېكىن ساياھەت شىركەتلىرى تۈركىيەدە ئۇزاق مۇددەت تۇرغانلارنىڭ خىتايغا كىرىشتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. ۋىزىسىز تۈزۈم يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىمۇ خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ، كىشىلەرنىڭ تۈركىيەدە تۇرغان ۋاقتىنى ئىسپاتلىشى ئۈچۈن ئايروپىلان بېلىتى، ئايرودۇرۇمدا چۈشكەن سۈرەت، ھەتتا شۇ كۈننىڭ چېسلاسى يېزىلغان گېزىتنى كۆتۈرۈپ چۈشكەن سۈرەت قاتارلىق قوشۇمچە ماتېرىياللارنى تەلەپ قىلغانلىقى مەلۇم. مۇتەخەسسىسلەر بۇ يېڭى سىياسەتنىڭ ئەمەلىيەتتە قانداق يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى كۆزىتىش ئۈچۈن بىر قانچە ئاي ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، ئەمما ئومۇميۈزلۈك چەكلەش تەدبىرى قوللىنىلىشىنى مۆلچەرلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خەۋەر مەنبەسى:
Rus turistler Çin'e vizesiz girişte Türkiye damgasına takıldı