تۈركىستان تايمز-كوجائەلى، تۈركىيە: 17-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» 2025-يىلى 27-سېنتەبىر، شەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ كوجائەلى شەھىرىدە ھاياجانلىق كەيپىيات ئىچىدە باشلاندى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھەر يىلى ئەنئەنىۋى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ مەقسىتى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تېخىمۇ كۈچلۈك ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت.
ئۇچرىشىشنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بويىچە دۇنيا چېمپىيونى، تۈركىيەلىك مەشھۇر قارى ئابدۇلكەرىم قارىنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستىقلال مارشلىرى ياڭرىدى.
يىغىننىڭ ئاساسلىق ئۇيۇشتۇرغۇچىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مۇساجان ئەر ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ نۇتقىدا، 17 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، شۇنداقلا تەشكىلاتلارنىڭ خىزمىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا زور تۈرتكە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، يېقىندا ئالەمدىن ئۆتكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەدىنى چوڭقۇر تەزىيە بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى.
مۇراسىمدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر سېلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. فىلىمدە قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ 17 يىللىق شانلىق مۇساپىسى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم نەتىجىلىرى خۇلاسىلىنىپ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇلۇپ چىققۇچە بۇ كۈرەش روھىنىڭ سۇسلاشمايدىغانلىقىدەك كۈچلۈك ئىرادە نامايان قىلىندى.
يىغىندا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى رىشات ئابباس قاتارلىق نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخسلەرنىڭ تەبرىك خەتلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىققا چاقىرىق
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى باشلىقى نۇرمۇھەممەد تۈركىستان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالائۇددىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن ۋە تونۇلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىق دەۋا رەھبەرلىرى ئۆز نۆۋىتىدە سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ئىچكى ئىختىلاپلارنى بىر ياققا قويۇپ، ئورتاق دۈشمەنگە قارشى بىرلىك سەپنى مۇستەھكەملەشنىڭ ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىردەك تەكىتلىدى.
تۇرغۇنجان ئالائۇددىن سۆزىدە: «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش بىر تاللاش ئەمەس، بەلكى خىيانەتتۇر» دېسە، ئەركىن ئالپتېكىن مەپكۇرە بىرلىكى بولمىغان يەردە سىياسىي بىرلىكنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى، تەشكىلاتلارنىڭ ئاۋۋال مەپكۇرە بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئابدۇقادىر ياپچان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسمى، جىسمى، بايرىقى ۋە دۆلەت گېربى قاتارلىق بەش ئاساسىي قىممەتنى يادرو قىلىپ ھەرىكەت قىلغاندا غەلىبىنىڭ قولغا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارالىق قوللاش ۋە كەلگۈسى پىلانلار
يىغىنغا تۈركىيەدىكى مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا قانۇنشۇناسلار بىرلىكى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيەلىك يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ «مەن بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نېمە ئىش قىلدىم؟» دەپ ئۆزىدىن سورىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈتىنى تەنقىد قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا ياۋروپا، ئاۋسترالىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ جانكۆيەرلىرىدىن بولغان تۈركىيەلىك زىيالىيلار ۋە يازغۇچىلارمۇ ئىشتىراك قىلىپ، دەۋاغا بولغان قوللىشىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمى خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش بىلەن ئاخىرلاشتى. يىغىننىڭ 28-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغانلىقى، بۇ جەرياندا ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى مەلۇم.