خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇش جاكارنامىسى: شى جىنپىڭ نۇتقىدىكى يوشۇرۇن سىگناللار

2025-يىلى 30-سېنتەبىر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئاۋازى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» بىرىنچى بېتىدە «شى جىنپىڭ خ ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 22-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئېلىمىزدىكى دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دىننىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك» سەرلەۋھىلىك بىر خەۋەرنى ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەرنىڭ ھەر بىر ھەرپى، ھەر بىر سۆزى بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر ئۇچۇر ئەمەس، ئەكسىچە مىللىي مەۋجۇتلۇققا ۋە دىنىي ئېتىقادقا قىلىنىۋاتقان سىستېمىلىق ھۇجۇمنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا ئۆتكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدىغان سوغۇق بىر رېئاللىقتۇر.

2025-يىلى 30-سېنتەبىردىكى بۇ خەۋەر، يۈزەكى قارىغاندا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئۆگىنىش پائالىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتتەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ قۇرلار ئارىسىغا پارتىيەنىڭ دىنىمىزنى، كىملىكىمىزنى ۋە مەدەنىيىتىمىزنى يوقىتىش ئۈچۈن تەييارلىغان قەبىھ پىلانىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى يوشۇرۇنغان. بۇ ئاددىي بىر خەۋەردەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىر سىياسىي بايانات، بىر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ يول خەرىتىسىدۇر. خەۋەرنىڭ جەۋھىرىنى تەشكىل قىلىدىغان «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» ئىبارىسى، دىننىڭ يەرلىك مەدەنىيەت بىلەن بىرلىشىشىنى ئەمەس، ئۇنى كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەگە پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇشنى ۋە ئۇنىڭ روھىنى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. «دىننىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىش» سۆزى بولسا، «مەجبۇرلاش»، «كونترول قىلىش» ۋە «جازالاش» قاتارلىق زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنىڭ سىياسىي نىقابىدۇر.

بۇ سىياسىي مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، شى جىنپىڭ نۇتقىدا بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى قايتىدىن بەرپا قىلىشنىڭ كونكرېت ۋاسىتىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇ تەلەپ قىلغان «توغرا دۆلەت، تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت ۋە دىن قارىشى»نى ئورنىتىش ھەم «بەش كىملىك تۇيغۇسى»نى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ «بەش كىملىك تۇيغۇسى» 2015-يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى (خ ك پ) تەرىپىدىن «ئۇلۇغ ۋەتەن بولغان خىتايغا سادىق بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتىگە سادىق بولۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە سادىق بولۇش، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە سادىق بولۇش ۋە خىتايچە سوتسىيالىزمغا سادىق بولۇش» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. «بەش كىملىك تۇيغۇسى» ئەمەلىيەتتە، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىسى ۋە كىملىك تۇيغۇسىغا قارىتىلغان بىۋاسىتە ھۇجۇم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇرۇنۇشىدۇر. بۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىن ياشاش ئەنئەنىسى تارىخىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى «ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر قىسمى» دەپ قوبۇل قىلىشقا؛ مۇستەقىل بىر تۈرك مىللىتى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ، ئۆزىمىزنى خىتاي مەركەزلىك «جۇڭخۇا مىللىتى» دەپ ئاتالغان سۈنئىي ئۇقۇمنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراشقا ۋە ئىسلام دىنىنى ئاللاھنىڭ ۋەھيىسى ئەمەس، بەلكى پارتىيە رۇخسەت قىلغان چەكلىك دائىرە ئىچىدىكى بىر «مەدەنىيەت ھادىسىسى» دەپ چۈشىنىشكە مەجبۇرلاشتۇر.

بۇ ئىدېئولوگىيەلىك ھۇجۇم، مەدەنىيەت يىلتىزىنى يوقىتىش ھەرىكىتى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇلغان. نۇتۇقتا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن «دىننىڭ خىتاي زېمىنىدا يىلتىز تارتىشى ۋە خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلىنىشى/بىرلىشىشى» دېگەن تەلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىڭ يىللىق شانلىق تارىخىنى ۋە ئۇنىڭ تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن بولغان ئورگانىك باغلىنىشىنى ئۈزۈپ تاشلاشنى نىشان قىلىدۇ. مەسچىتلەرنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلىرىنى چېقىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي ئىبادەتخانىلىرىغا ئوخشايدىغان ئۆگزىلەرنى سېلىش، دىنىي سورۇنلارغا قىزىل بايراق ئېسىپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇتۇش، ئىماملارنى قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن بىرگە شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى يادلاشقا مەجبۇرلاشتەك ھەرىكەتلەرنىڭ «نەزەرىيەۋى ئاساسى» دەل مۇشۇ جۈملىدۇر. بۇ ئەھۋال، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئاللاھ بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئارىسىدا بىرىنى تاللاشقا مەجبۇرلىماقتا.

بۇ زۇلۇمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى يۈزلىمىلىك تاكتىكىسىنى قوللانماقتا. ئاساسىي قانۇننىڭ 36-ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە.»، «ھېچقانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى شەخس پۇقرالارنى بىرەر دىنغا ئىشىنىشكە ياكى ئىشەنمەسلىككە مەجبۇرلىيالمايدۇ؛ دىنغا ئىشىنىدىغان ياكى ئىشەنمەيدىغان پۇقرالارنى كەمسىتەلمەيدۇ.»، «دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ.». ئوخشاش ماددىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ھېچكىم دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزالمايدۇ، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ ياكى دۆلەتنىڭ مائارىپ سىستېمىسىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.» ۋە «دىنىي ئورگانلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىمايدۇ.». نەتىجىدە، مەزكۇر 36-ماددىدىكى كېيىنكى جۈملىنىڭ ئالدىنقىسىنى ئىنكار قىلىدىغان زىددىيەتلىك ئىپادىلەش شەكلى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دىن ۋە ئېتىقاد مەسىلىسىدىكى ئىككى يۈزلىمىلىكىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.

بىر تەرەپتىن، «دىنىي ساھەنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» باھانىسى بىلەن، پارتىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى قورچاق دىنىي زاتلار ئارقىلىق دىننى ئىچىدىن چىرىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇ يول ئارقىلىق، قىلىنغان ئۆزگەرتىشلەرنى «دىنىي جامائەتنىڭ ئۆز ئىرادىسى» دېگەندەك كۆرسىتىپ، خەلقنى ئالداشنى مەقسەت قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، «دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش» شوئارى ئاستىدا، قانۇننى زۇلۇمنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرماقتا. ساقال قويۇش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش قاتارلىق نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى «ئاشقۇنلۇق» ۋە «قانۇنسىزلىق» دەپ ئېنىقلىما بېرىپ، ئۆزىنىڭ قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قانۇنىي نىقاب كەيدۈرمەكتە.

خۇلاسىلىگەندە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ نۇتقى يېڭى بىر سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ. ئەكسىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى (OHCHR) نىڭ 2022-يىلى 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەندەك، يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى پۈتۈن خىتاي مىقياسىغا كېڭەيتىش، ئۇنى نەزەرىيە جەھەتتىن «مۇكەممەللەشتۈرۈش» ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشىدۇر. بۇ خەۋەرنىڭ 2025-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنىشى، بۇ زۇلۇمنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ قاتتىقلىشىدىغانلىقىغا، تېخىمۇ ئىنچىكە تەپسىلاتلارغىچە سىڭىپ كىرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. شۇنداقتىمۇ، بىر مىللەتنىڭ مىڭلىغان يىللاردىن بۇيان قەلبىگە ئورنىغان ئېتىقادىنى ھېچقانداق سىياسىي كۈچ قەغەز يۈزىدىكى نۇتۇقلار ياكى زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن يوق قىلالمىغان ۋە يوق قىلالمايدۇ. بۇ ھەرىكەت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە ئاجىزلىقى ۋە قورقۇنچىنىڭ ئىپادىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

2025-يىلى 30-سېنتەبىر