تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
بۇ ماقالە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «2025-يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتى» نىڭ خىتايغا ئائىت بۆلىكىنى ئاساس قىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت دەرىجىلىك مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا يولغا قويۇلۇشىنى كۆپ قاتلاملىق مۇھاكىمە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ماقالىدە بۇ سىياسەتنىڭ خاراكتېرى، كۆلىمى، خەلقئارالىق تەسىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى سىياسەت يۆنىلىشى تەھلىل قىلىنىدۇ.
مۇھاكىمىمىزگە ئاساس بولغان بۇ مۇھىم ھۆججەت، يەنى «2025-يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتى»، 2025-يىلى 29-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ رەسمىي تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھالاشتىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە تەسىر دائىرىسى ئەڭ كەڭ يىللىق دوكلاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دوكلات ئاددىي بىر كۆزىتىش دوكلاتى بولماستىن، بەلكى ئامېرىكانىڭ «ئادەم ئەتكەسچىلىكى قۇربانلىرىنى قوغداش قانۇنى» (Trafficking Victims Protection Act, TVPA) غا بىۋاسىتە ئاساسلانغان قانۇنىي ۋە سىياسىي باھالاش مېخانىزمىدۇر.
دوكلاتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى شۇكى، ئۇنىڭدا دۆلەتلەرنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن دەرىجىلەر، ئامېرىكانىڭ شۇ دۆلەتلەرگە قاراتقان دىپلوماتىك بېسىمى، ئىقتىسادىي ياردەم سىياسىتى ۋە يۈرگۈزۈش ئېھتىمالى بولغان جازا تەدبىرلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ دوكلاتتا ئۇدا سەككىز يىل ئەڭ تۆۋەن دەرىجە بولغان «3-دەرىجە» (Tier 3) قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشى، ئۇنىڭ دۆلەت مىقياسىدا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇۋاتقان كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر. شۇڭلاشقا، بۇ دوكلات پەقەت بىر كىشىلىك ھوقۇق ھۆججىتى بولۇپلا قالماي، بەلكى خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تۈگۈنلەرنىڭ بىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان، خەلقئارا سىياسەتكە يۆنىلىش بېرىدىغان مۇھىم بىر ھۆججەتتۇر.
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپ مۇھىتىدا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دۆلەتلەر ئارا دىپلوماتىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتنىڭ مۇھىم بىر مەيدانىغا ئايلاندى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان «ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتى» دەل مۇشۇ مەيداندىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللارنىڭ بىرى سۈپىتىدە، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىگە قارشى تۇرۇشتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە تىرىشچانلىقىنى باھالاش ئارقىلىق، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. 2025-يىللىق دوكلاتتا خىتاينىڭ يەنە بىر قېتىم ئەڭ تۆۋەن دەرىجە بولغان «3-دەرىجە» گە قويۇلۇشى تاسادىپىي ئەمەس، بەلكى بۇ دۆلەتنىڭ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا سىستېمىلىق ھالدا يولغا قويۇۋاتقان دۆلەت دەرىجىلىك مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق-پىرىنسىپلىرىغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپ ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئىسپاتىدۇر. بۇ مۇھاكىمە مەزكۇر دوكلاتتىكى پاكىتلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىر دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە قانداق يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خەلقئارالىق تەسىرىنى ۋە دوكلاتنىڭ ئۆزىنىڭ بىر سىياسىي ھۆججەت سۈپىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك قىممىتىنى ئېچىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
دوكلاتنىڭ ئومۇمىي رامكىسى ۋە خىتايغا بېرىلگەن «3-دەرىجە»نىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى
«ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتى» نىڭ دۆلەتلەرنى دەرىجىگە ئايرىش سىستېمىسى ئاددىي بىر تۈرگە ئايرىش ئەمەس، بەلكى ئامېرىكانىڭ «ئادەم ئەتكەسچىلىكى قۇربانلىرىنى قوغداش قانۇنى» غا بىۋاسىتە باغلانغان بىر قانۇنىي ۋە سىياسىي باھالاش مېخانىزمىدۇر. دوكلاتتا[1]، «3-دەرىجە» دىكى دۆلەتلەر «ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى تۈگىتىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەملىرىگە تولۇق ماس كەلمەيدىغان ۋە بۇ ئۆلچەملەرگە يېتىش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيدىغان ھۆكۈمەتلەر» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. بۇ ئېنىقلىمىدىكى ھالقىلىق نۇقتا، مەسىلىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىدىن ھالقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولغان سىياسىي ئىرادىسىنىڭ بار-يوقلۇقىغا مەركەزلەشكەنلىكىدۇر. خىتاينىڭ ئۇدا سەككىز يىل بۇ دەرىجىدە قېلىشى، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالىمايلا قالماستىن، بەلكى ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ، بولۇپمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ، بىۋاسىتە ئىجراچىسى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
دوكلاتتا ئالاھىدە تەكىتلەنگەندەك، «ھۆكۈمەتنىڭ بىرەر سىياسىتى ياكى ھەرىكەت ئەندىزىسى» نىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى شەكىللەندۈرۈشى «3-دەرىجە» گە قويۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى ھېسابلىنىدۇ[2]. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى ھەرىكەتلىرى دەل مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. بۇ، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ يەككە كارخانىلار ياكى جىنايى گۇرۇھلارنىڭ قىلمىشى ئەمەس، بەلكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتا يولغا قويۇلۇۋاتقان، دۆلەت ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ، سىياسىي مەقسەتلەرگە خىزمەت قىلدۇرۇلۇۋاتقان بىر دۆلەت جىنايىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ خىل باھالاش خەلقئارا جەمئىيەتكە، بولۇپمۇ خەلقئارا شىركەتلەرگە، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتە، بولۇپمۇ تەمىنلەش زەنجىرىدە، ئىنتايىن ئېغىر ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي خەتەرلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.
دۆلەت تەرىپىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەك: دوكلاتنىڭ يادرولۇق زاكونى
2025-يىللىق دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىنىڭ يادروسىنى دۆلەت تەرىپىدىن قوللىنىلغان ۋە سىستېمىلاشتۇرۇلغان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى تەشكىل قىلىدۇ. دوكلاتتا بۇ سىياسەتنىڭ ئىككى چوڭ جۇغراپىيەلىك رايوندا، يەنى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە، ئوخشىمىغان ناملار ئاستىدا، ئەمما ماھىيەتتە ئوخشاش بولغان ئۇسۇللار بىلەن يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
بىرىنچىدىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋال. دوكلاتتا، «كەسپىي تەربىيەلەش» ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نامى ئاستىدا، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مىللەتلەردىن مىليونلىغان كىشىنىڭ لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ، بۇ يەرلەردە ۋە ئۇنىڭغا يانداش قۇرۇلغان زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىق پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان[3]. بۇنىڭدىن باشقا، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ۋە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭمۇ ماھىيەتتە ئوچۇق-ئاشكارا مەجبۇرلاش ئېلېمېنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى، كىشىلەرنىڭ ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا بۇ جەرياندىكى مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى سۈپىتىدە «لاگېرغا سولاش تەھدىتى، كۆزىتىش، ئائىلىلەرنى كونترول قىلىش» قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ، مەزكۇر ئەمگەك يۆتكەشلەرنىڭ ھەرگىزمۇ ئىختىيارىي ئەمەسلىكىنى، بەلكى بىر پۈتۈن باستۇرۇش سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىككىنچىدىن، تىبەتتىكى ئەھۋال. دوكلاتتا تىبەتتىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر سىستېمىنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى، يەنى «ھەربىيچە ئۇسلۇبتىكى» كەسپىي تەربىيەلەش ۋە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» پىروگراممىلىرى ئارقىلىق، مىڭلىغان تىبەتلىك چارۋىچى ۋە دېھقاننىڭ زاۋۇتلارغا مەجبۇرىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان[4]. گەرچە بۇ پىروگراممىلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكىدەك كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش كۆرۈلمىسىمۇ، ئەمما «ئۆيمۇ-ئۆي تەكشۈرۈش، ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق ئىجتىمائىي كونتروللۇقى ئاستىدا كىشىلەرنىڭ رەت قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بولماسلىقى» قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن، بۇ سىياسەتنىڭمۇ يۇقىرى دەرىجىدە مەجبۇرلاش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئانالىز قىلىنغان. بۇ نۇقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان تاكتىكىلارنى قوللىنىپ، ئەمما ئوخشاش بىر مەقسەتكە، يەنى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى بۇزۇپ، ئۇلارنى دۆلەت كونتروللۇقىدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا مەجبۇرىي سىڭدۈرۈش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ.
«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە خەلقئارالىق ئەمگەككە چېتىشلىق جىنايەتلەر
دوكلاتنىڭ ئەھمىيەتلىك بىر تەرىپى، ئۇنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئۇنىڭ خەلقئارالىق ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن بىۋاسىتە باغلىغانلىقىدۇر. دوكلاتتا، ئاسىيا، ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشلىرىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ئۇنىڭ دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ-كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا قۇربانلارغا ياردەم قىلىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان[5]. بۇ، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ پەقەت دۆلەت ئىچىدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خەلقئارالىق ئەمگەك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىدىغان، دۆلەت ھالقىغان بىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، دوكلاتتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى توردا ئالدامچىلىق قىلىدىغان لاگېرلارغا ئالداپ ئەكىلىنىپ، ئۇ يەردە مەجبۇرىي جىنايەتكە سېلىنىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قۇربانلارنى قۇتقۇزۇشتا يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي، ئەكسىچە ئۇلارنى «جىنايەتچى» سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىمۇ تەنقىد قىلىنغان[6]. بۇ نۇقتىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەلدىكى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمايۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بۇ خىل جىنايەتلەرگە كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ «ئورتاق گۈللىنىش» شوئارى ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئەمگەكچىلەرنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش رېئاللىقىنى پاش قىلىدۇ.
قانۇنىي جاۋابكارلىق ۋە قانۇن ئىجراسىدىكى يېتەرسىزلىكلەر
دوكلاتنىڭ «جىنايى ئىشلار بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش» (PROSECUTION) بۆلىكىدە، خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسىدىكى ۋە قانۇن ئىجراسىدىكى ئېغىر يېتەرسىزلىكلەر ئانالىز قىلىنغان. گەرچە خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە ئائىت ماددىلار بولسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇنلار خەلقئارا ئۆلچەملەرگە، بولۇپمۇ ب د ت نىڭ «پالېرمو ئەھدىنامىسى» (Palermo Protocol) نىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. مەسىلەن، دوكلاتتا كۆرسىتىلگەندەك، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 240-ماددىسى «ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ، تۇتۇپ كېتىش ۋە سېتىش» نى جىنايەت دەپ بېكىتكەن، ئەمما بۇ ھەرىكەتلەرنى «ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش مەقسىتى» بىلەن ئوچۇق باغلىمىغان[7]. بۇ خىل قانۇنىي بوشلۇق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە جىنسىي ئېكىسپىلاتاتسىيەگە ئوخشاش ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ يادرولۇق ئېلېمېنتلىرىنىڭ قانۇنىي جازادىن قېچىپ قۇتۇلۇشىغا يول ئاچىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇدا سەككىز يىل ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە ئائىت دېلولارنىڭ تەكشۈرۈلۈشى، ئەيىبلىنىشى ۋە ھۆكۈم قىلىنىشىغا ئائىت ئىشەنچلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلمىغانلىقى تەنقىد قىلىنغان. سانلىق مەلۇماتنىڭ كەمچىل بولۇشى، بۇ مەسىلىنىڭ ھەقىقىي كۆلىمىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش «تىرىشچانلىقى» نى باھالاشنى مۇمكىنسىز قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، دوكلاتتا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى دۆلەت دەرىجىلىك مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە قاتناشقان ياكى ئۇنىڭدىن نەپ ئالغان ئەمەلدارلارنىڭ، ھېچقانداق تەكشۈرۈشكە ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلمىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن[8]. بۇ، مەسىلىنىڭ يادروسىنىڭ قانۇن ئىجراسىدىكى ئاددىي بىر مەغلۇبىيەت ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ جىنايەتكە شېرىك ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.
قۇربانلارنى قوغداش مېخانىزمىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى
بىر دۆلەتنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قۇربانلارنى قوغداش مېخانىزمىدۇر. ئەمما، 2025-يىللىق دوكلاتتا خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە مەغلۇپ بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئاساسلىق ئىجراچىسى بولغان ئەھۋال ئاستىدا، قۇربانلارنى قوغداش مېخانىزمىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇدا سەككىز يىل قانچىلىك قۇرباننىڭ ئېنىقلانغانلىقى، ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق سانلىق مەلۇمات بەرمىگەنلىكى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن [9].
دوكلاتتا بىر قانچە مۇھىم نۇقتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان: بىرىنچى، قۇربانلارنى جازالاش. توردا ئالدامچىلىق قىلىدىغان لاگېرلاردىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن خىتاي پۇقرالىرىغا ئوخشاش قۇربانلار، قوغداشقا ئېرىشىشنىڭ ئورنىغا، دائىم جىنايەتچى سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ ۋە تەكشۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى، چەت ئەللىك قۇربانلارغا بولغان ناچار مۇئامىلە. خىتايغا ئالداپ ئەكىلىنىپ مەجبۇرىي نىكاھقا ۋە جىنسىي قۇللۇققا سېلىنغان چەت ئەللىك ئاياللار دائىم قۇربان سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنماي، قانۇنسىز كۆچمەن سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ، ھەتتا ئۇلارنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلغان «ئەر» لىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئۈچىنچى، شىمالىي كورېيەلىك مۇساپىرلارنى قايتۇرۇۋېتىش. خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ يۇقىرى خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان شىمالىي كورېيەلىك پاناھلانغۇچىلارنى ھېچقانداق تەكشۈرۈشسىزلا قايتۇرۇۋېتىدۇ، بۇ ئۇلارنى شىمالىي كورېيەدە تېخىمۇ ئېغىر جازا، ھەتتا ئۆلۈمگە دۇچار قىلىدۇ[10]. بۇ مىساللار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇربانلارنى مەركەز قىلغان قوغداش پىرىنسىپىغا پۈتۈنلەي سەل قارايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قۇربانلارنى قەستەن قۇربان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەر ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي يۆنىلىشى
دوكلاتنىڭ «ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدىغان تەۋسىيەلەر» (PRIORITIZED RECOMMENDATIONS) بۆلىكى، پەقەت تەنقىدتىن ھالقىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا قانداق كونكرېت ئۆزگەرتىشلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر سىياسەت خەرىتىسىدۇر. بۇ تەۋسىيەلەرنى بىر قانچە تۈرگە ئايرىپ ئانالىز قىلىش مۇمكىن:
- سىستېمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلىپى: تەۋسىيەلەرنىڭ ئەڭ بېشىدا، «شىنجاڭ ۋە باشقا ئۆلكىلەردىكى لاگېرلار، تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى ۋە تۈرمىلەردىكى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش»[11] تەلەپ قىلىنغان. بۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىنىڭ يىلتىزىنىڭ دەل مۇشۇ باستۇرۇش سىستېمىسىدا ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، ئاددىي بىر ئىسلاھات تەلىپى ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن سىياسەتنى ئۆزگەرتىش تەلىپىدۇر.
- قانۇنىي ئىسلاھات تەلىپى: «بارلىق شەكىلدىكى جىنسىي ئەتكەسچىلىك ۋە ئەمگەك ئەتكەسچىلىكىنى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن جىنايەت دەپ بېكىتىش ئۈچۈن قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش»[12] تەلەپ قىلىنغان. بۇ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى قانۇنىنى خەلقئارا ئۆلچەملەر بىلەن ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئاساسىنى تىكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.
- خەلقئارالىق جاۋابكارلىق تەلىپى: «<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، توختام ۋە خىزمەت شارائىتىغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىش»[13] ۋە «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى توختىتىش»[14] قاتارلىق تەۋسىيەلەر، مەسىلىنى خىتاينىڭ دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىپ، ئۇنىڭ خەلقئارالىق ھەرىكەتلىرىگىچە كېڭەيتىدۇ. بۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئۇنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىرى نۇقتىسىدىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ تەۋسىيەلەرنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشى، خىتايدىن پەقەت يۈزەكى ئۆزگەرتىشلەرنى ئەمەس، بەلكى تۈپ، قۇرۇلمىلىق ۋە سىستېمىلىق ئۆزگەرتىشلەرنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ يەنىلا مۇھىم بىر كۈن تەرتىپ بولىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىدۇر.
خۇلاسە
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 2025-يىللىق «ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتى» پەقەت بىر يىللىق باھالاش ھۆججىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا، دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىپ يولغا قويۇۋاتقان زامانىۋى قۇللۇق تۈزۈمىنى سىستېمىلىق ھالدا پاش قىلىدىغان كۈچلۈك بىر سىياسىي ۋە قانۇنىي ھۆججەتتۇر. دوكلات، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ يەككە جىنايى قىلمىشلارنىڭ يىغىندىسى ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان، ئېنىق سىياسىي غەرەزگە ئىگە بىر دۆلەت سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىتلار ۋە تەھلىللەر، خىتاينىڭ «3-دەرىجە» دىكى ئورنىنىڭ ھەرگىزمۇ «ئاساسسىز ئەيىبلەش» ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ خەلقئارا قانۇنلار ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىغا قىلىۋاتقان ئېغىر خىلاپلىقلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. دوكلاتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە خىتاينىڭ باشقا خەلقئارالىق ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلىشى، بۇ مەسىلىنىڭ پەقەت بىر رايوننىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى يەرشارى خاراكتېرلىك تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خەلقئارا ئەمگەك ھوقۇقىغا بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.
ئاخىرىدا، بۇ دوكلات خەلقئارا جەمئىيەت، ھۆكۈمەتلەر، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارا شىركەتلەر ئۈچۈن مۇھىم بىر يول خەرىتىسى ۋە ھەرىكەت قوللانمىسى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەر، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ۋە ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ كونكرېت يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنداق نوپۇزلۇق خەلقئارالىق نازارەت مېخانىزملىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، خىتايغا ئوخشاش كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ھەرىكەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىشتا ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشاش زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. كەلگۈسىدە، بۇ دوكلاتتىكى پاكىتلارنى ئاساس قىلغان ھالدا، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كونكرېت ھەرىكەتكە ئۆتۈشى، زامانىۋى قۇللۇقنىڭ بۇ يېڭى شەكلىنى تۈگىتىشنىڭ بىردىنبىر يولى بولۇپ قالىدۇ.
ئىزاھاتلار:
[1] U.S. Department of State. (2025). 2025 Trafficking in Persons Report. p. 31. https://www.state.gov/reports/2025-trafficking-in-persons-report/
[2] U.S. Department of State. (2025). 2025 Trafficking in Persons Report. p. 32. https://www.state.gov/reports/2025-trafficking-in-persons-report/
[3] U.S. Department of State. (2025). 2025 Trafficking in Persons Report: China. p. 1. https://www.state.gov/reports/2025-trafficking-in-persons-report/china/
[4] U.S. Department of State. (2025). 2025 Trafficking in Persons Report: China. p. 10. https://www.state.gov/reports/2025-trafficking-in-persons-report/china/
[5] U.S. Department of State. (2025). 2025 Trafficking in Persons Report: China. p. 1. https://www.state.gov/reports/2025-trafficking-in-persons-report/china/
[6] U.S. Department of State. (2025). 2025 Trafficking in Persons Report: China. p. 5. https://www.state.gov/reports/2025-trafficking-in-persons-report/china/
[7] U.S. Department of State. (2025). 2025 Trafficking in Persons Report: China. p. 3. https://www.state.gov/reports/2025-trafficking-in-persons-report/china/
[8] U.S. Department of State. (2025). 2025 Trafficking in Persons Report: China. p. 6. https://www.state.gov/reports/2025-trafficking-in-persons-report/china/
[9] U.S. Department of State. (2025). 2025 Trafficking in Persons Report: China. p. 6. https://www.state.gov/reports/2025-trafficking-in-persons-report/china/
[10] U.S. Department of State. (2025). 2025 Trafficking in Persons Report: China. p. 9. https://www.state.gov/reports/2025-trafficking-in-persons-report/china/
[11] U.S. Department of State. (2025). 2025 Trafficking in Persons Report: China. p. 2. https://www.state.gov/reports/2025-trafficking-in-persons-report/china/
[12] U.S. Department of State. (2025). 2025 Trafficking in Persons Report: China. p. 2. https://www.state.gov/reports/2025-trafficking-in-persons-report/china/
[13] U.S. Department of State. (2025). 2025 Trafficking in Persons Report: China. p. 2. https://www.state.gov/reports/2025-trafficking-in-persons-report/china/
[14] U.S. Department of State. (2025). 2025 Trafficking in Persons Report: China. p. 2. https://www.state.gov/reports/2025-trafficking-in-persons-report/china/