ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىنىڭ ماراكەشتىكى تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى «ئاساسسىز» دەپ بېكىتتى

سۈرەت، ئىدرىس ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىشلىتىلدى.

ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى (MRG) ۋە «سېيفگۇارد ديفېندېرس» تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىش خەۋپى ئاستىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەننىڭ ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە ئاساسسىز ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قارارىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

2025-يىلى 30-سېنتەبىر

جەنۋە، 2025-يىلى 30-سېنتەبىر: بىز، يەنى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى (MRG) ۋە «سېيفگۇارد ديفېندېرس» تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ («خىزمەت گۇرۇپپىسى»)، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەننىڭ ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئاساسسىز دەپ بېكىتكەن قارارىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىمىز.

ھەر ئىككى تەشكىلات ئۆز باياناتىدا: «گەرچە ھەسەن ھازىر بىخەتەر بولۇپ، قايتۇرۇپ بېرىلىش خەۋپىدىن خالىي بولغان بولسىمۇ، بىز خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچ يىل يەتتە ئاي داۋاملاشقان تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى ئاخىرى ئاساسسىز دەپ بېكىتكەنلىكىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىمىز» دېيىلدى.

ئىدرىس ھەسەن 2021-يىلى 7-ئايدا، 2012-يىلىدىن بۇيان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىن ئايروپىلان بىلەن ماراكەشكە بارغىنىدا، خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى (Interpol) تەرىپىدىن «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» جىنايىتى بىلەن چىقىرىلغان قىزىل ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن قولغا ئېلىنغانىدى.

قولغا ئېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى بۇ قىزىل ئۇقتۇرۇشنىڭ، تەشكىلاتنىڭ سىياسىي، ھەربىي، دىنىي ياكى ئىرقىي خاراكتېردىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەيدىغان ئۆز نىزامنامىسىدا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئۇقتۇرۇشنى بىكار قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي تىنچ شەكىلدىكى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قىزىل ئۇقتۇرۇش سىستېمىسىدىن بارغانسېرى كەڭ كۆلەمدە پايدىلانماقتا.

خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە ئېغىر قىيىن-قىستاققا ئۇچراش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلغان ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى ۋە «سېيفگۇارد ديفېندېرس» تەشكىلاتى 2021-يىلى 12-ئايدا ماراكەشنىڭ قايتۇرۇۋەتمەسلىك پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ب د ت قىيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىدىن (UN CAT) ئىھتىياتىي تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

ماراكەش دائىرىلىرى ب د ت قىيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن قايتۇرۇپ بېرىش رەسمىيىتىنى توختاتقان بولسىمۇ، ئىدرىس ھەسەن كومىتېتنىڭ دېلوغا ئائىت ئاخىرقى قارارىنى كۈتۈش جەريانىدا تىفلەت تۈرمىسىدە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلغان. 2024-يىلى 7-ئايدا، ب د ت قىيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ماراكەشنى ئۇنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قويۇلغان ھېچقانداق جىنايەت بولمىسا قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان قارارىنى ئېلان قىلدى. نەتىجىدە، ئىدرىس ھەسەن 2025-يىلى 12-فېۋرال كۈنى قويۇپ بېرىلدى.

ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى ۋە «سېيفگۇارد ديفېندېرس» تەشكىلاتى: «ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسى يەككە-يېگانە بىر ھادىسە ئەمەس» دەپ تەكىتلىدى. «يەنە بىر دېلودا، ماراكەش ھۆكۈمىتى كومىتېتنىڭ قارارىنى كۈتۈۋاتقان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە يول قويىدىغان قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنىڭ يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ، ئەمەلىيەتتە، بىر شەخسنىڭ ب د ت ئورگىنىنىڭ ئۆز دېلوسى ھەققىدە قارار چىقىرىشىنى كۈتۈپ نەچچە يىل تۈرمىدە يېتىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ».

خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆز قارارىدا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ماراكەشنىڭ ئىدرىس ھەسەننى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ھېچقانداق قانۇنىي ئاساس كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇڭا، ماراكەشنىڭ ئىنسان ھەقلىرى خەلقئارا خىتابنامىسى ۋە پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى خەلقئارا ئەھدىنامىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان كىشىنىڭ ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش ھەمدە خالىغانچە قولغا ئېلىش ياكى تۇتۇپ تۇرۇشنى چەكلەيدىغان 9-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى بېكىتىلدى. خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە ئۇنىڭ ساقچى نازارىتىدە تۇرغان مەزگىلىدە ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىزمەت گۇرۇپپىسى ماراكەشنى ئىدرىس ھەسەننىڭ ئۇچرىغان زىيانلىرى ئۈچۈن تۆلەم بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەمەلىي ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان تۆلەم ھوقۇقى بىلەن تەمىنلەشكە چاقىردى. بىز خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمە ۋە ئەمەلىيىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش تەۋسىيەسىنى تەكرارلاپ، ماراكەش دائىرىلىرىنى ب د ت ئەھدىنامە ئورگىنى تەرىپىدىن ۋاقىتلىق تەدبىر قارارى چىقىرىلغان ئەھۋاللاردا، قايتۇرۇپ بېرىلىش تەلىپىگە ئۇچرىغان كىشىلەر ئۈچۈن نەزەربەندكە بديل چارىلەرنىڭ بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچىدىكى قانۇن-نىزاملىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە دەۋەت قىلىمىز.

خەۋەر مەنبەسى:  

https://www.menarights.org/en/articles/un-working-group-declares-detention-uyghur-asylum-seeker-morocco-arbitrary