ۋولكېر تۈرك: خىتاي بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملاشتۇرىمەن

تۈركىستان تايمىز-ئىستانبۇل: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك دۇنيادىكى ئەڭ جىددىي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. 26-سېنتەبىر ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلۈپ بىۋاسىتە تارقىتىلغان يىغىندا، تۈرك خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسى ھەققىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.

يىغىنغا ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى (2021-2025)، تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى لىندا توماس-گرىنفىلد رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك ئاساسلىق نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەت بولۇشىغا قارىماي، خەلقئارالىق دوكلاتلاردا تەنقىدلىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىپىك ئۆرنىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ خەلقئارا سىستېمىغا بولغان پوزىتسىيەسى

ۋولكېر تۈرك، خىتاينىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك خەلقئارا سىستېمىنىڭ داۋاملىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ سىستېمىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى بويىچە يۈرگۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىنغا قاتناشقان بىر كىشى، خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن خەلقئارالىق قائىدىلەرنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما «كىشىلىك ھوقۇق ئۈلگىسى ئەمەسلىكىنى» تەكىتلەپ، ۋولكېر تۈركتىن بۇنداق بىر شارائىتتا خىتاي بىلەن قانداق ھەمكارلىق ئورناتقىلى بولىدىغانلىقىنى سورىدى.

ئالىي كومىسسار تۈرك، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ دائىم «ئىگىلىك ھوقۇق»نى باھانە قىلىپ كىشىلىك ھوقۇق تەنقىدلىرىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، ب د ت نىزامنامىسىدا ئاساسەن، كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىلىرىنىڭ «خەلقئارالىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە» ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش» ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان مۇئامىلە ۋە ئەيىبلەش تەلىپى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن كېن روت، ۋولكېر تۈركتىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى سورىدى. روت، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ۋاقتىدا، 11 مىليون نوپۇسنىڭ بىر مىليونغا يېقىنىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە نۇرغۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

روت، تۈركنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەتدىشى مىشېل باچېلېت ئىشخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان مۇئامىلىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقى ھەققىدىكى كۈچلۈك دوكلاتىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، ۋولكېر تۈركنىڭ ئۈچ يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا بىر قېتىممۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسىنى ئەيىبلىمىگەنلىكىنى ۋە ئىلگىرىكى خىزمەتدىشىنىڭ دوكلاتىدىكى يەكۈنلەرنى ئۆز ئاۋازى بىلەن تەكرارلىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭدىن خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى «ئەيىبلەش، تەنقىدلەش ياكى رەت قىلىش»نى تەلەپ قىلدى.

ۋولكېر تۈركنىڭ جاۋابى: «دوكلات بىلەن ئارىمىزدا زەررىچە پەرق يوق»

ئالىي كومىسسار تۈرك، كېن روتنىڭ تەنقىدىگە جاۋاب بېرىپ، ئۆزى بىلەن مىشېل باچېلېتنىڭ دوكلاتى ئارىسىدا «زەررىچە پەرق يوقلۇقىنى» ۋە بۇنى كۆپ قېتىم ئاشكارا ھالدا ئېيتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە قارار سۈپىتىدە ماقۇللانماي، ئەكسىچە رەت قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋولكېر تۈرك خىتايغا قاراتقان ئىستراتېگىيەسىنىڭ «ئۇلار بىلەن ئۈزلۈكسىز، قايتا-قايتا سۆزلىشىش» ئارقىلىق ئالاقە ئورنىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ سۆھبەتلەرنىڭ پەقەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىلا ئەمەس، بەلكى خوڭكوڭ، تىبەت ۋە خىتايدىكى پۇقرالار جەمئىيىتى بوشلۇقى قاتارلىق باشقا مەسىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈرك، خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن «ئىنتايىن كەسكىن مۇنازىرىلەر» ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەمما ئىلگىرىلەشنىڭ «ئادەتتىن تاشقىرى ئاستا» ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئەھۋالدىن «زور ئۈمىدسىزلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى» ئوچۇق ئىپادىلىدى. ئۇ يەنە، بۇ ئىشلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىش ئۈچۈن ئىشخانىسىنىڭ يېتەرلىك «مالىيە مەبلىغىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى» قوشۇمچە قىلدى. شۇنداقتىمۇ، تۈرك بۇ خىزمەتلەرنىڭ ئىشخانىسىنىڭ «خىزمەت روھىنىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.