بۇ داستان — 400 يىل بويى ئۈچ قانخور ئىمپېرىيەنىڭ (ئىسپانىيە، ئامېرىكا ۋە فىلىپپىن) پولات چاڭگىلىغا قارشى ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان، ئاتىدىن بالىغا، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مۇقەددەس ئامانەت سۈپىتىدە مىراس قالدۇرۇلغان بىر ئۇلۇغ جىھادنىڭ داستانىدۇر! جىھاد بايرىقى يىقىلمىغان زېمىننىڭ داستانىدۇر.
ئاپتورى: مىر كامىل كاشغەرىي
1 - باب: ئەزان ساداسى ۋە كىرىست بىلەن قىلىچلارنىڭ توقۇنۇشى
تاجاۋۇزچىلارنىڭ قان ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان كىر باسقان يەلكەنلىرى ئۇپۇقنى مەينەت كۆلەڭگىسى بىلەن بۇلغاشتىن نەچچە ئەسىر بۇرۇن، تىنچ ئوكياننىڭ زۇمرەت دولقۇنلىرىنىڭ نازۇك پىچىرلاشلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان، ئاللاھنىڭ ئۆز قۇدرەت قەلىمى بىلەن سىزغان بىر جەننەت ماكانى بار ئىدى. ئۇ يەردە ھاۋا — ئەنبەر ۋە رَيْھان گۈللىرىنىڭ پۇرىقىغا تولۇپ، ھەر بىر نەپەس روھقا ئارام بېرەتتى. تۇپراق — شۇنداق بەرىكەتلىك ئىدىكى، تاشلانغان ھەر بىر ئۇرۇق مىڭ دانغا ئايلىنىپ، ئاسمانغا بوي سوزاتتى. ئىنسانلار — دېڭىزنىڭ چەكسىز كەڭلىكىنى يۈرىكىگە، يامغۇرلۇق جاڭگالدىكى پولات دەرەخلەرنىڭ مەغرۇرلىقىنى غۇرۇرىغا سىڭدۈرگەن ئەركىن، مەردۇ-مەردانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە ئىمان نۇرىدەك سۇلۇ دېڭىزىنىڭ تېگىدىكى ئاپئاق مەرۋايىتلار چاقناپ تۇراتتى، مىنداناۋنىڭ مۇنبەت ۋادىلىرىدا ئۆسكەن زىرائەتلەر ئۇلارنىڭ تومۇرىدا ئىززەت-نومۇسنىڭ قېنى بولۇپ ئاقاتتى. بۇ — كېيىنچە دۇنيا «مورو زېمىنى» دەپ ئاتايدىغان، ئەمما ئەينى چاغدا ئۆزلىرىنىڭ شانلىق ئىسمى بىلەن ئاتالغان سۇلۇ ۋە مىنداناۋ سۇلتانلىقلىرىنىڭ گۈللىنىش ئالدىدىكى مۇبارەك تۇپرىقى ئىدى.
ئاندىن، 1380-يىلى، يىراق ئەرەب دىيارىدىن كەلگەن، قەلبى ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى بىلەن لىق تولغان، ئاللاھنىڭ ئەڭ گۈزەل ئامانىتىنى — ئىسلام نۇرىنى يۈرىكىگە پۈككەن بىر كارۋان يېتىپ كەلدى. ئۇلار تاجاۋۇزچىنىڭ قىلىچى ۋە زەمبىرىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى تىجارەتچىنىڭ ساداقىتى، ئالىمنىڭ ھېكمىتى ۋە دەۋەتچىنىڭ كۆز ياشلىرىغا ئارىلاشقان مۇھەببىتى بىلەن بۇ زېمىننىڭ قەلب ئىشىكىنى ئاستا چەكتى. شەيخ كەرىمۇل مەخدۇمغا ئوخشاش تەقۋادار زاتلارنىڭ تىلىدىن چىققان ھەر بىر «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» ساداسى، بۇ خەلقنىڭ پاك روھىغا ئۇرۇق بولۇپ چېچىلدى. جاڭگاللىقلارنىڭ جىمجىت سۈكۈتىنى تۇنجى قېتىم ئەزان ئاۋازى يېرىپ ئۆتكەندە، قەدىمكى بۇتلار ئۆزلىكىدىن يىقىلدى، يۈرەكلەر ھەقكە مايىل بولدى، روھلار ئۆز ياراتقۇچىسىنى تاپتى. ئىسلام — ئۇلار ئۈچۈن پەقەتلا يېڭى بىر دىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ چېچىلاڭغۇ قەبىلىلىرىنى بىر پولات ئۈممەتكە ئايلاندۇرىدىغان، ئۇلارغا يېڭى بىر كىملىك، يېڭى بىر غايە ۋە يېڭى بىر دۇنيا قارىشى ئاتا قىلىدىغان ئىلاھىي بىر رەھمەتكە ئايلاندى.

بۇ ئىلاھىي نۇرنىڭ بىرلەشتۈرگۈچى سايىسى ئاستىدا، 15-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، ئىككى بۈيۈك ئىسلام قورغىنى قەد كۆتۈردى: سۇلۇ سۇلتانلىقى (تەخمىنەن 1405-يىلى قۇرۇلغان) ۋە ماگۇينداناۋ سۇلتانلىقى. بۇلار پەقەتلا بىر قانچە قەبىلە باشلىقىنىڭ ئاجىز ئىتتىپاقى ئەمەس ئىدى. ئۇلار — مەسچىتلىرىنىڭ مۇنارىدىن ئەزان ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىغان، ئوردىلىرىدا قۇرئان تىلاۋىتى ياڭراپ تۇرىدىغان، سوتلىرىدا ئىسلام شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىنىدىغان، ئۆز بايرىقى، ئۆز ئارمىيەسى ۋە ئۆز قانۇنى بولغان ھەقىقىي ئىسلام دۆلەتلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ «كاراكوا» دەپ ئاتالغان چەبدەس ۋە خەتەرلىك ھەربىي كېمىلىرى دېڭىزدا دۈشمەنلەرنىڭ يۈرىكىگە ۋەھىمە سالاتتى، سودا كېمىلىرى مالايسىيادىن خىتايغىچە بولغان دېڭىزلاردا ئەركىن-ئازادە قاتناپ، مەرۋايىت، زىرائەت ۋە كەمپۈت قاتارلىق بايلىقلارنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتاتتى. سۇلتاننىڭ ئوردىسىدا، بېشىغا سەللە ئورىغان ئۆلىمالار دۆلەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت بېرەتتى؛ ئالىمنىڭ سىياسى بىلەن جەڭچىنىڭ (مورو خەنجىرى) قىلىچى بىرلىشىپ، بۇ دۆلەتلەرنى پەقەت قىلىچنىڭ كۈچى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىلىم ھېكمەت ۋە ئادالەت بىلەن ئىدارە قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى دېڭىز شامىلىدا لەپىلدىگەندە، ئۇ پەقەت بىر ھۆكۈمرانلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنىڭ، ئاللاھقا بولغان ئىتائىتىنىڭ ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئۆلمەس قەسەمىنىڭ نامايەندىسى ئىدى.
ئەمما، 1521-يىلى، يىراق ئۇپۇقتا بىر قارا كۆلەڭگە، بىر ۋابا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئۇلار — تەنلىرى ئاق، ئەمما قەلبى قارا، كۆزلىرى ئالتۇنغا ۋە قۇللارغا تويمايدىغان يېڭى بىر خەۋپ ئىدى. ئۇلارنىڭ قىلىچىغا ئويۇلغان كرېست، ئېغىزلىرىدىكى «تەڭرى» دېگەن سۆزلىرى — پەقەت ئۇلارنىڭ ۋەھشىي نىيەتلىرىنى يوشۇرىدىغان بىر نىقاب ئىدى. ئۇلارنىڭ كاتتا كېمىلىرى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە پەقەتلا توپ-زەمبىرەك ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بىر مەدەنىيەتنى يوقىتىشنى، مەسچىتلەرنى چېركاۋغا ئايلاندۇرۇشنى، ئەزان ئاۋازىنى قوڭغۇراق ئاۋازىغا ئالماشتۇرۇشنى نىشان قىلغان زەھەرلىك بىر ئىدېئولوگىيەنى ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. ئېغىزىدا خۇدا، قەلبىدە شەيتان، قولىدا قىلىچ بولغان بۇ گۇرۇھ ئىنسانىيەتكە قارشى ئەڭ چوڭ جىنايەتنى ئېلىپ كېلىۋاتاتتى.
ئىسپانىيەنىڭ ساۋۇت كىيگەن ئەسكەرلىرىنىڭ پۇتى بۇ مۇبارەك تۇپراققا دەسسىگەندە، ئۇلار يەرلىك خەلقنىڭ ئىمانىدىن ھەم ھەيران قېلىشتى، ھەم قەلبى ئۆچمەنلىككە تولدى. ئۇلار ئەسىرلەر بويى ئۆز زېمىنى بولغان ئەندەلۇستا ئۇرۇش قىلغان، ئۆزلىرىدىن مەدەنىيەتتە نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدىغان شىمالىي ئافرىقىدىكى مۇسۇلمانلارنى — يەنى «مورلار»نى ئەسلەپ، بۇ يېڭى دۈشمەنلىرىگىمۇ ھاقارەت ۋە كەمسىتىش بىلەن شۇ نامنى چاپلىدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ زېمىننىڭ ئەركىن مۇسۇلمانلىرى، تاجاۋۇزچىنىڭ تىلىدا «مورولار» غا ئايلاندى. بۇ — پەقەت بىر ئىسىم ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئۇرۇلغان، ئۇلارنى تارىختىن سۈپۈرۈپ تاشلاشنى نىشان قىلغان بىر تامغا ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ جاپالىق ۋە ئەڭ شەرەپلىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى باشلاندى. 333 يىل! ئۈچ ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت! بۇ بىر دەۋر ئەمەس، بىر تارىخ ئىدى! بۇ جەرياندا ئىسپانىيە پۈتۈن فىلىپپىننى بويسۇندۇردى، ئەمما بۇ زېمىن ئۇلارنىڭ گېلىغا تىقىلىپ قالغان بىر تىكەنگە ئايلاندى. ئۇلار بۇ تىكەننى سۇغۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئون قېتىمدىن ئارتۇق چوڭ كۆلەملىك، ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىق ھەربىي يۈرۈش قىلدى، ئەمما ھەر قېتىمدا بۇ خەلقنىڭ پولات ئىرادىسىگە، ئۆلۈمدىن قورقماس جاسارىتىگە ۋە جاڭگاللىقنى ئۆز ئۆيىدەك بىلىدىغان جەڭ ماھارىتىگە ئۇچراپ، قانلىق مەغلۇبىيەت بىلەن قايتتى.
بۇ ئۇزۇن ئۇرۇش سەھنىسىدە سان-ساناقسىز قەھرىمانلار چاقنىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئىسىم بار ئىدىكى، ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىغاندا ئىسپانىيە گېنېراللىرىنىڭمۇ ئۇيقۇسى بۇزۇلۇپ، يۈرىكىگە تىترەك چۈشەتتى. ئۇ — ماگۇينداناۋنىڭ يولۋىسى، سۇلتانلىقلار بىرلىكىنىڭ پولات سىمۋولى، 1619-يىلىدىن 1671-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇلۇغ سۇلتان مۇھەممەد دىپاتۇئان كۇدارات ئىدى!
سۇلتان كۇدارات پەقەتلا قولىدا خەنجىرى چاقناپ تۇرىدىغان باتۇر جەڭچى ئەمەس، بەلكى كۆزلىرى بۈركۈتتەك ئۆتكۈر، دۈشمەننىڭ يۈرىكىدىكىنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان بىر ئىستراتېگىيەچى، سۆزلىرى بىلەن دۈشمەن سېپىدە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرالايدىغان ماھىر بىر دىپلومات ۋە ھەر بىر ھەرىكىتىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىدىغان ئىمانى كامىل بىر مۇسۇلمان ئىدى. ئۇ، ئۆمۈر بويى بىر-بىرىنىڭ قېنىنى ئىچىپ كەلگەن قەبىلىلەرنىڭ ئۆزئارا كىچىك دۈشمەنلىكلەرنى تاشلاپ، پۈتۈن مىللەتنى يۇتۇۋېلىشقا كەلگەن ئورتاق ئەجدىھاغا قارشى بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان تۇنجى رەھبەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئوتلۇق نۇتۇقلىرى مەسچىتلەردە ياڭرىغاندا، قەبىلە باشلىقلىرى ئۆز قىلىچلىرىنى بىر-بىرىگە ئەمەس، ئىسپانىيەگە قارىتىپ قەسەم ئىچەتتى.
بىر قېتىم، ئىسپانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەزەلدىن قوللىنىپ كەلگەن رەزىل تاكتىكىسى بىلەن بەزى قەبىلە باشلىقلىرىنى ئالداپ، ئۇلارغا ئالتۇن ۋە ئەمەل ۋەدە قىلىپ، ئۆز تەرىپىگە تارتماقچى بولغاندا، سۇلتان كۇدارات ئۇلارنى يىغىپ، تارىخقا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن ئويۇلغان مۇنۇ سۆزلەرنى قىلغان ئىدى:
«ئەي غاپىللار! سىلەر نېمە قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ كۆزۈڭلارنى ئىسپان ئالتۇنلىرىنىڭ يالتىرىقى قاپلىدىمۇ؟ قۇلىقىڭلار ئۇلارنىڭ تاتلىق سۆزلىرىگە ئالداندىمۇ؟ شۇنى ئويلىمامسىلەر، ئۇلارغا بويسۇنۇشنى قوبۇل قىلغانلىق — زۇلۇمنىڭ زەنجىرىنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن بوينۇڭلارغا سالغانلىق ئەمەسمۇ؟ ئۇلار سىلەرگە باغ ۋەدە قىلىپ، سىلەرنى قۇللۇقنىڭ زىندانىغا سۆرەيدۇ! ئۇلار بىزنى بىر-بىرىمىزگە دۈشمەن قىلىپ، ئاندىن ھەممىمىزنى ئىتتەك قۇل قىلماقچى. قاراڭلار، مەن سىلەرگە نېمە بېرەلەيمەن؟ مەن سىلەرگە ئالتۇن-كۈمۈش، ئەمەل-مەنسەپ ۋەدە قىلالمايمەن. ئەمما مەن سىلەرگە ئەجدادلىرىڭلار سىلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەڭ ئۇلۇغ مىراسنى — شەرەپنى، ئىززەتنى ۋە ئازادلىقنى ۋەدە قىلىمەن! تاللاڭلار! ئۆز ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇبارەك تۇپرىقىدا قۇلدەك خارلىنىپ ياشامسىلەر ياكى ئازاد ئىنساندەك جەڭ قىلىپ، شەرەپ بىلەن ئۆلۈپ، ئاللاھنىڭ ئالدىغا شەھىد بولۇپ بارامسىلەر؟!»
بۇ سۆزلەر — ئاددىي سۆزلەر ئەمەس، بەلكى غەزەپكە تولغان، ئىمان بىلەن سۇغىرىلغان ئوقياغا ئايلىنىپ، غاپىل قەلبلەرگە سانجىلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، بۇ زېمىن ئىسپانىيە ئۈچۈن بىر قەبرىستانلىققا ئايلاندى. ۋە ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار دۈشمەن بەرگەن ھاقارەت نامىنى ئۆزلىرىنىڭ شەرەپلىك بىرلشتۈرگۈچى بايرىقىغا ئايلاندۇردى. ئۇلار ئۆزلىرىنى پەخىرلەنگەن ھالدا «مورولار» دەپ ئاتاشقا باشلىدى. بۇ سۆز ئەمدى ئىسپان تىلىدىكى «كاپىر دۈشمەن» دېگەننى ئەمەس، بەلكى «تىز پۈكمەس مۇجاھىد»، «ئازادلىق جەڭچىسى» دېگەننى بىلدۈرىدىغان بولدى. ئۇلار دۈشمەننىڭ زەھىرىنى سۈمۈرۈپ، ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن قۇۋۋەت دورىسىغا ئايلاندۇردى!
ئىسپانىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى باشلانغان بۇ جىھادتا دادىسىنىڭ قولىدىن چۈشكەن قالقان - قىلىچنى ئوغلى ئالاتتى، ئاكىسى شەھىد بولغان سەپكە ئىنىسى يۈگۈرەتتى. 300 يىل — ھەر بىر ئەۋلاد ئۆزىدىن كېيىنكى ئەۋلادقا ئىككىلا نەرسىنى مىراس قالدۇردى: بىرى، قەلبىنى نۇرلاندۇرىدىغان قۇرئان كەرىم؛ يەنە بىرى، دۈشمەنگە قارشى قىلىچ، يەنى ئىشغالىيەتكە قارشى ئۆچمەنلىك، تىز پۈكمەس جىھاد روھى. ئاخىرىدا، 1898-يىلى، دۇنيانى تىترىتىپ تۇرغان ئىسپانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇياشى پاتتى. ئۇلار بۇ يېڭىلمەس مىللەت ئالدىدا ئاجىز كېلىپ، تارىخنىڭ مەسخىرىسى ئىچىدە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمما زۇلۇمنىڭ بىر كېچىسى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، يېڭى، تېخىمۇ ھىيلىگەر، تېخىمۇ زامانىۋى ۋە تېخىمۇ رەھىمسىز بىر ئالۋاستىنىڭ كۆلەڭگىسى يوپۇرۇلۇپ كەلمەكتە ئىدى...
داۋاملىشىدۇ....
________________________________________
قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە: بىرىنچى قىسىمدىن روھىمىزغا ئويۇلىدىغان ئالتە مەشئەل:
بىرىنچى مەشئەل: بىز بۆلگۈنچى ئەمەس، ئۆز ئۆيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ۋارىسلارمىز!
خىتاي ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ھىمايىچىلىرى بىزنى «بۆلگۈنچى»، «ئاشقۇن» دەپ ئاتايدۇ. ئەمما مورو داستانىنىڭ بۇ تۇنجى بېتى بىزگە شۇ ھەقىقەتنى پولاتتەك ئاۋازدا ياڭرىتىدۇ: بىز بىر دۆلەتتىن بۆلۈنۈپ چىقماقچى بولغان توپىلاڭچىلار ئەمەس، بەلكى تارىختىن بۇيان ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان، دۈشمەن تەرىپىدىن مەجبۇرىي بېسىۋېلىنغان زېمىننىڭ قانۇنلۇق ۋارىسلىرىمىز! دۈشمەن بىزنىڭ ئۆيىمىزگە باستۇرۇپ كىرىپ، بىزنى ئۆز ئۆيىمىزدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ. مورولارنىڭ سۇلتانلىقلىرى بولغاندەك، بىزنىڭمۇ قاراخانىيلاردىن سەئىدىيە خانلىقىغىچە شانلىق ئىسلامىي دۆلەتلىرىمىز بولغان. بۇ تارىخىي ھەقىقەت — بىزنىڭ كۈرىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم قانۇنىي ۋە ئىمانىي ئاساسىدۇر. بىز دۈشمەندىن رەھىم-شەپقەت تىلىمەيمىز، بىز ئۆز ئۆيىمىزنى، ئۆز مىراسلىرىمىزنى، ئۆز شەرىپىمىزنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى تەلەپ قىلىمىز!
ئىككىنچى مەشئەل: ئىمان — مىللەتنىڭ روھىي قورغىنىدۇر!
مورولار ئۈچۈن ئىسلام پەقەتلا بىر دىن ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇلارنىڭ كىملىكىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ ۋە بىرلىكىنىڭ يادروسىغا، روھىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇلارنى 400 يىل يېڭىلمەس قىلغان كۈچ — دەل ئەنە شۇ مۇستەھكەم ئىمان قورغىنى ئىدى. بىر مىللەت تىلىنى يوقىتىپ قويۇپ، قايتىدىن تىلىنى تاپالىشى مۇمكىن، ئەمما ئىمانىنى يوقاتقان مىللەت ئۆز روھىنى يوقاتقان بولىدۇ. خىتاي بىزنىڭ تىلىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۈپ نىشانى — قەلبىمىزدىكى ئىماننى ئۆچۈرۈشتۇر. چۈنكى ئۇلار ئىمانى بار بىر مىللەتنىڭ ھەرگىز تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئىمانىمىزنى قوغداش — ۋەتىنىمىزنى قوغداشنىڭ ئاساسلىق شەرتى ۋە ئەڭ مۇستەھكەم ئاساسىدۇر!
ئۈچىنچى مەشئەل: ھەقىقىي مۇستەقىللىق — دۈشمەن بەخش ئەتكەن ئاپتونومىيە ئەمەس!
سۇلتانلىقلارنىڭ ئۆز قانۇنى، ئۆز ئارمىيەسى، ئۆز ئىقتىسادى بار ئىدى. ئۇلار ھەقىقىي مۇستەقىللىقنىڭ تەمىنى تېتىغان، ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولغان ئىدى. دۈشمەن تەرىپىدىن بېرىلگەن ھەر قانداق «ئاپتونومىيە»، «ئېتىبار بېرىش سىياسىتى» — قۇللۇقنىڭ ئالتۇن زەنجىر بىلەن كىشەنلەنگەن يەنە بىر شەكلىدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا مورو مۇسۇلمانلىرىدا «قەپەس ئىچىدىكى يولۋاسقا ياخشى گۆش بېرىلسىمۇ، ئۇ ئەمدى يولۋاس ئەمەس» دەيدىغان مەشھۇر سۆز بار. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نىشانىمىزمۇ ھەرگىز دۈشمەننىڭ قەپىسى ئىچىدە بىر ئاز كەڭرەك نەپەس ئېلىش ئەمەس، بەلكى ئۇ قەپەسنى پارە-پارە قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل سىستېمىمىزنى قۇرۇپ، ئۆز تەقدىرىمىزگە ئۆزىمىز ئىگە بولۇشتۇر!
تۆتىنچى مەشئەل: كۈرەشنىڭ نامىنى توغرا قويۇش — غايىنىڭ روھىنى ساقلاش!
مورولار ئۈچۈن بۇ ئۇرۇش ھەرگىز بىر «مىللىي توقۇنۇش» ياكى «يەر تالىشىش» ئەمەس ئىدى. ئۇلار بۇنى ئېنىق قىلىپ «جىھاد فى سەبىلۇللاھ» — ئاللاھ يولىدىكى كۈرەش دەپ ئاتىدى. بۇ ئېنىق ئىسىم، ئۇلارنىڭ كۈرىشىنى دۇنياۋى مەنپەئەتلەردىن يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇقەددەسلىك ۋە مەنىۋى كۈچ بەخش ئەتتى. بىزنىڭمۇ كۈرىشىمىزنى دۇنياغا «كىشىلىك ھوقۇق» ياكى «مەدەنىيەتنى قوغداش» دەپلا چۈشەندۈرۈش — ئۇنىڭ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئىمانىي يادروسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ. بىز بۇ كۈرەشنىڭ بىر ئازادلىق كۆرۈشى، ئاللاھ ئالدىدىكى بۇرچىمىز، ئىمانىمىزنىڭ سىنىقى ۋە ئاخىرەتلىك سائادىتىمىز ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك.
بەشىنچى مەشئەل: بىرلىك — غەلىبىنىڭ بىرىنچى شەرتى!
سۇلتان كۇداراتنىڭ ئەڭ بۈيۈك تۆھپىسى — ئۆزئارا دۈشمەن قەبىلىلەرنى بىر بايراق ئاستىغا يىغىپ، ئۇلارنىڭ كۈچىنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرەلىگەنلىكىدۇر. دۈشمەننىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاكتىكىسى — بىزنى «ئۇ گۇرۇپپا، بۇ گۇرۇپپا» دەپ پارچىلاش، بىر-بىرىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى يوقىتىشتۇر. بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى ھەر قانداق ئىختىلاپ، ھەر قانداق گۇرۇپپىۋازلىق — دۈشمەنگە ئېتىلغان ئوقنىڭ ئۆز يۈرىكىمىزگە قايتىپ كېلىپ سانجىلىشىدۇر.
ئالتىنچى مەشئەل: دۈشمەننىڭ ھاقارىتىنى غۇرۇرغا ئايلاندۇرۇش!
ئىسپانلار ئۇلارنى كەمسىتىپ «مورو» (كاپىر دۈشمەن) دەپ ئاتىدى. ئەمما ئۇلار بۇ ھاقارەت ئالدىدا يىغلاپ يۈرمىدى. ئەكسىچە، بۇ ئىسىمنى ئۆزلىرىنىڭ يېڭىلمەس روھىنىڭ، بىرلىكىنىڭ ۋە جىھادىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇردى. بۇ، بىز ئۈچۈن چوڭقۇر بىر دەرس، دۈشمەن بىزگە مەيلى قانداق تامغا باسسا باسسۇن، «تېررورچى» دېسۇن، «بۆلگۈنچى» دېسۇن، مەيلى قانداق ھاقارەت ياغدۇرسا ياغدۇرسۇن، بۇ بىزنى مەيۇسلەندۈرىدىغان، ئۆز ئارا بىر بىرىمىزدىن قاچىدىغان ئاڭسىزلىقنىڭ ئامىلىغا ئەمەس، دۈشمەننىڭ ھاقارىتىنى ئۆزىمىزگە شەرەپ مېداليونى بىلىپ، غەزىپىمىزنى تاۋلايدىغان، ئۆزىمىزنىڭ ئەسلى كىم ئىكەنلىكىمىزنى سۆز ۋە قۇرۇق شۇئار بىلەن ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىسپاتلىيالىشىمىزغا تۈرتكە بولىدىغان نۇقتىلىق يادروغا ئايلاندۈرالىشىمىز لازىم. دۈشمەننىڭ زەھەرلىك ئوقىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنى ئۆز قولىمىزدىكى قىلىچقا ئايلاندۇرىدىغان ئىرادە بولغاندىلا، بىز ھەقىقىي كۈچكە ئىگە بولالايمىز.
________________________________________
ئەمدى بۇ مەشئەللەرنىڭ يورۇقىدا ئۆزىمىزگە قويۇشقا ۋە جاۋاب تېپىشقا تېگىشلىك سوئاللار:
بىرىنچى سوئال: بىز ئۆزىمىزنى شانلىق ئىسلامىي دۆلەتلەرنىڭ ۋارىسلىرى دەپ جاكارلايمىز، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن خەلقئارا سەھنىلەردىكى سۆزلىرىمىز ۋە ھەرىكەتلىرىمىز كۆپىنچە ھاللاردا ئۆز ئۆيىنىڭ ئىگىسىدەك ئەمەس، بەلكى بىر دۆلەتتىن رەھىم-شەپقەت تىلەۋاتقان «ئاجىز ئاز سانلىق» قا ئوخشاپ قالىدۇ؟ قەلبىمىزنىڭ يوشۇرۇن بۇرجىكىدە دۈشمەننىڭ «بۆلگۈنچى» دېگەن تامغىسىنى ئۆزىمىزمۇ قوبۇل قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىۋاتامدۇق قانداق؟
ئىككىنچى سوئال: بىز ئىمانىمىزنى ئەڭ مۇستەھكەم قورغىنىمىز دەيمىز. دۈشمەن ۋەتىنىمىزدە مەسچىت-مەدرىسەلەرنى چېقىپ، بۇ قورغاننىڭ تېمىنى يىمىرىۋاتقان بولسا، مۇھاجىرەتتىكى بىزلەرچۇ؟ بىز ئۆزىمىزنىڭ غەپلەتلىرى، دۇنياۋى ھەشەمەتكە بېرىلىشلىرىمىز بىلەن كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قەلبى بىلەن ئىمان ئوتتۇرىسىغا كۆرۈنمەس سېپىل سوقۇۋاتقانلىقىمىزنى قاچان ھېس قىلىمىز؟ فىزىكىلىق مەسچىتنى چېقىۋاتقان دۈشمەن تېخىمۇ خەتەرلىكمۇ ياكى كېيىنكى ئەۋلادنىڭ قەلبىدە مەنىۋى مەسچىت قۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئاتالمىش دىنسىز زىيالىلىرىمىزمۇ؟
ئۈچىنچى سوئال: مورولار قەپەس ئىچىدىكى يولۋاسنىڭ يولۋاس ئەمەسلىكىنى بىلەتتى. بىز غەرب دۆلەتلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلغاندا، ئۆزىمىزمۇ بىلمىگەن ھالدا، مۇتلەق مۇستەقىللىق دېگەن ئالىي غايىمىزنى دۈشمەن بېرىدىغان «كەڭرەك قەپەس»، «ياخشىراق يەم» گە ئالماشتۇرۇپ قويۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىمىزمۇ قانداق؟ «قانداقلا بولمىسۇن بىرەر قوللاشقا ئېرىشەيلى» دېگەن ھايانكەشلىك، قاچاندىن بېرى مۇقەددەس غايىمىزنى زەھەرلەشكە باشلىدى ئويلىنىپ باقتۇقمۇ؟
تۆتىنچى سوئال: بىز «جىھاد» سۆزىدىن قورقىدىغان دۇنياغا ئۆزىمىزنى ياخشى كۆرسىتىش ئۈچۈن، مۇقەددەس كۈرىشىمىزنىڭ ئىمانىي يادروسىنى ئاجىزلىتىپ، ئۇنى پەقەتلا بىر «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى» گە ئايلاندۇرۇوپ قويۇۋاتامدۇق، قانداق؟ باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھېكايىمىزنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، مورولارنى 400 يىل يېڭىلمەس قىلغان ۋە غەلىبىنىڭ ھەقىقىي مەنبەسى بولغان ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن (نۇسرەتتىن) مەھرۇم قېلىۋاتقان بىز ئۆزىمىزمۇ؟
بەشىنچى سوئال: سۇلتان كۇدارات بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈرگەن قەبىلىلەرنى ئورتاق دۈشمەنگە قارشى بىر سەپكە تىزغان ئىدى. بىزچۇ؟ بىز تېخىمۇ ۋەھشىي، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان تۇرۇقلۇق، ھېلىھەم تەشكىلات بايرىقىنى، مەھەللىۋازلىقنى ۋە شەخسىي مەنپەئەتنى مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىدىن ئۇستۇن قويۇۋاتىمىز. ئۆزىمىزدىن سەمىمىي سوراپ باقايلى: بۈگۈن مىللەتنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن، بىزنىڭ ئىچكى دۇنيايىمىزدا نېمىلەرنىڭ ئۆلۈشى كېرەك؟
ئالتىنچى سوئال: دۈشمەن بىزگە «تېررورچى» دەپ ھاقارەت تامغىسىنى باسقاندا، بىز ئالدىراپ-تېنەپ ئۆزىمىزنىڭ «مۆتىدىل» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنامدۇق ياكى مورولاردەك بۇ نامنىڭ پەقەت ئازادلىق جەڭچىلىرى ئۈچۈن بىر شەرەپ نىشانى ئىكەنلىكىنى، غايىمىزنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى جاكارلىشىمىز كېرەكمۇ؟ دۈشمەننىڭ تۆھمىتىدىن شۇنچىلىك قورقۇپ، ئۆز-ئارا بىر-بىرىمىزنى تىزگىنلەپ، ئارىمىزدىكى ئەڭ جاسارەتلىك ئاۋازلارنى بوغۇپ، دۈشمەن ئارزۇ قىلغان «يۇۋاش»، «زىيانسىز» قۇللارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بىز ئۆزىمىزمۇ قانداق؟