خىتاينىڭ ChatGPT ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىشكە ئۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىستان ۋاقتى گېزىتى، 2025-يىلى 8-ئۆكتەبىر: – OpenAI  شىركىتىنىڭ يېقىنقى بىخەتەرلىك دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، يېڭىدىن ئاشكارىلىنىۋاتقان دەلىللەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە چېتىشلىق كۈچلەرنىڭ ChatGPT ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۈنئىي ئىدراك قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ھەمدە «يۇقىرى خەتەرلىك» دەپ قارالغان باشقا كىشىلەرنى كۆزىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ ئۇچۇرلار ئالدى بىلەن «Firstpost»  خەۋەر تورىنىڭ تەپسىلىي دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىپ، كېيىن CNN تەرىپىدىنمۇ خەۋەر قىلىنىشى بىلەن، بېيجىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆزىتىش مېخانىزمىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى ۋە ئىجادچان سۈنئىي ئىدراكنىڭ قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقىغا قارىتا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئەندىشىسىنى قايتىدىن كۈچەيتىۋەتتى.

سۈنئىي ئىدراك ئارقىلىق كۆزىتىش: دوكلاتلار نېمىلەرنى ئاشكارىلىدى؟

ھەر ئىككى ئاخبارات مەنبەسى نەقىل ئالغان OpenAI دوكلاتىدا، «خىتاي ھۆكۈمەت ئورگىنى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى پەرەز قىلىنغان» بىر ئىشلەتكۈچىنىڭ ChatGPT دىن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا «يۇقىرى خەتەرلىك» گۇرۇپپىلارنىڭ ساياھەت ھەرىكىتىنى ئىز قوغلايدىغان بىر سىستېمىنىڭ لايىھەسىنى تۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

يەنە بىر مىسالدا، خىتاي تىلىدا سۆزلىشىدىغان بىر ئىشلەتكۈچى X (سابىق Twitter) ۋە Facebook  قاتارلىق ئاساسلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدىكى سىياسىي ياكى دىنىي جەھەتتىن سەزگۈر مەزمۇنلارنى سۈزۈپ تەكشۈرەلەيدىغان بىر يۇمشاق دېتالنىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ChatGPT دىن ياردەم سورىغان. OpenAI بۇ ئىككى ھېساباتنىڭ دەرھال چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

CNN نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، OpenAI نىڭ ئىچكى نازارەت سىستېمىسى بۇ گۇمانلىق تەلەپلەرنى بايقاپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈشنى قوزغىغان. CNN يەنە غەرب ئاخبارات ئانالىزچىلىرىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتنى، دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك گۇرۇپپىلارنىڭ سۈنئىي ئىدراكنى ئوچۇق-ئاشكارا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تەكشۈرۈپ-چەكلەش، كۆزىتىش ۋە يالغان ئۇچۇر تارقىتىش قاتارلىق مەقسەتلەردە سىناق قىلىشتەك كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارايدىغانلىقىنىمۇ قەيت قىلغان.

OpenAI نىڭ باش تەكشۈرگۈچىسى بېن نىممۇ (Ben Nimmo) CNN غا مۇنداق دېگەن:

«خىتايدا سۈنئىي ئىدراكتىن پايدىلىنىپ، كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىشتەك كەڭ كۆلەملىك ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىشقا بولغان بىر ئىنتىلىش كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇ يېڭى ئىش ئەمەس، ئۇلار پەقەت سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئۆزلىرىنى تېخىمۇ تېز ۋە ئۈنۈملۈك قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى».

شەرقىي تۈركىستان: كونتروللۇقنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

بۇ دوكلاتلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ (رەسمىي نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارالغاندا، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى تېخىمۇ ئايان بولىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى بۇ رايوندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغان ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىش مېخانىزمىنى يولغا قويغانىدى.

2017-يىلىدىن بۇيان، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر بۇ رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، بىيومېترىك ئىز قوغلاش، يۈز تونۇش ئارقىلىق نازارەت قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت پاكىتلارنى توپلىدى. 2021-يىلى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مەھكىمىسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، ئامېرىكا قۇرۇلتىيى بولسا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەش مەقسىتىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نى ماقۇللىدى.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، سۈنئىي ئىدراكلىق پاراڭچى بوتلارنىڭ كىشىلەرنى كۆزىتىشكە ياردەملىشىش ئېھتىماللىقى، خىتاينىڭ رەقەملىك مۇستەبىتلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەندىشىلىك بىر يېڭى باسقۇچ سۈپىتىدە نامايان بولماقتا.

بېيجىڭنىڭ ئىنكاسى: «ئاساسسىز تۆھمەتلەر»

CNN ۋە «Firstpost» نەقىل ئالغان، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۈ، OpenAI نىڭ دوكلاتىنى «ئاساسسىز» دەپ رەت قىلىپ، ئۇنى «خىتايغا قىلىنغان يوق يەردىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان تۆھمەت» نىڭ بىر تىپىك مىسالى دەپ ئەيىبلىدى.

ئەلچىخانا باياناتچىسى ليۇ پېڭيۈ: «خىتاي دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن سۈنئىي ئىدراك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلماقتا» دەپ، بېيجىڭنىڭ بۇ ئۇسۇلىنىڭ «تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» نى ھەمدە «يېڭىلىق يارىتىش، سىغدۇرۇشچانلىق ۋە قاتتىق ئەخلاق مىزانلىرى» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بېيجىڭ يېقىنقى ئالگورىزىم مۇلازىمىتى، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى تەڭشەش ۋە ئىجادچان سۈنئىي ئىدراكنى نازارەت قىلىشقا ئائىت قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى مەسئۇلىيەتچان باشقۇرۇشقا ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىدۇ. لېكىن تەنقىدچىلەر، بۇ تۈزۈملەرنىڭ پەقەتلا دۆلەت كونتروللۇقىنى قانۇنىيلاشتۇرۇپ، تېخنىكىنىڭ ھاكىم پارتىيە مەنپەئەتىگە بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

سۈنئىي ئىدراكنى قالايمىقان ئىشلىتىش

CNN  زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، كەڭ كۆلەملىك تىل مودېللىرى دۆلەت خەۋپسizlik ئورگانلىرى ئۈچۈن بىر قانچە ئەمەلىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە:

  • كېڭەيتىش ئىمكانىيىتى:سۈنئىي ئىدراك قوراللىرى غايەت زور تېكىست سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ، بۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ۋە ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئاسانلا بايقىۋېلىشقا ئىمكان بېرىدۇ.
  • ئىشلىتىشنىڭ قولايلىقى:تېخنىكىلىق بىلىمى بولمىغان ئەمەلدارلارمۇ ئاددىي تەلەپلەر ئارقىلىقلا دوكلات، تەكلىپ ياكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تەييارلىيالايدۇ.
  • خىراجەت ئۈنۈمى:ئىجادچان مودېللار مەخسۇس كۆزىتىش يۇمشاق دېتاللىرىنى ياساشقا سېلىشتۇرغاندا, تىجارەت خىراجىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ.
  • جاۋابكارلىقتىن سىيرىلىش ئىمكانىيىتى:ۋەزىپىلەر ئومۇمىي خاراكتېرلىك كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈن، يامان غەرەزلىك ئىشلىتىشنى ئادەتتىكى سانلىق مەلۇمات ئانالىزى قىلىپ نىقابلاپ، جاۋابكارلىقتىن سىيرىلىپ كەتكىلى بولىدۇ.

 

كەڭ دائىرىلىك خەۋپ-خەتەرلەر

گەرچە خىتاينىڭ ChatGPT شەكىللىك سىستېمىلارنى كەڭ كۆلەملىك كۆزىتىشكە ئىشقا سېلىپ بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق دەلىل بولمىسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ نىيەت ۋە سىناقلارنىڭ ئۆزىلا بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. سۈنئىي ئىدراكنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش مېخانىزمىغا بىرلەشتۈرۈلۈشى، شەخسىي مەخپىيەتلىك، ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھازىرقى دەخلى-تەرۇزلارنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

«Firstpost» نىڭ ماقالىسىدە خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە يالغۇز ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن: OpenAI يەنە رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيەلىك گۇرۇپپىلارنىڭمۇ ChatGPT ئارقىلىق ئالدامچىلىق ھۇجۇملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بايقىغان. شۇنداقتىمۇ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن، بۇ مەسىلىنىڭ ئەخلاقىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئېغىرلىقى تېخىمۇ يۇقىرى.

كەلگۈسىگە نەزەر

بۇ مەسىلە ھازىر بىر شىركەتنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى. سۈنئىي ئىدراك ئاچقۇچىلار جۇغراپىيەلىك ئورنى ياكى ھۆكۈمەت تەۋەلىكىگە ئاساسەن زىيارەتنى چەكلىشى كېرەكمۇ؟ ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تۈزۈملىرى ئىلغار ئۆزەك ۋە ئالگورىزىملار بىلەن بىر قاتاردا ئىجادچان سۈنئىي ئىدراك سىستېمىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكمۇ؟

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن جاۋاب ئېنىق: سۈنئىي ئىدراك مەسئۇلىيىتى، رەقەملىك قورشاۋ ئاستىدا قالغان جامائەتلەرنى قوغداشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. OpenAI نىڭ بايقىشى ۋە CNN نىڭ خەۋەرلىرى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقىنىدەك، زۇلۇمنىڭ كېيىنكى سېپى يېڭى قاتتىق دېتاللاردىن ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئىنساننىڭ تەقدىرىنى كۆزگە كۆرۈنمەس ھالدا كونترول قىلىدىغان كود قۇرلىرى ۋە تېكىستلەردىن شەكىللىنىشى مۇمكىن.