ئۇيغۇر پائالىيەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلدى

دوكتور دىلنۇر رەيھان، فىرانسىيەدىكى داڭلىق ئۇيغۇر ئالىمە ۋە پائالىيەتچى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى، 2020-يىلى 13-ئۆكتەبىر. © 2020 Michael Bunel via Reuters Connect

فىرانسىيە دائىرىلىرى دىلنۇر رەيھانغا قاراتقان ئەيىبلىشىنى قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك

يالقۇن ئۇلۇيول: خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى

بېنېدىكېت ژاننېرود: فىرانسىيە ئىشلىرى دىرېكتورى

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، پارىژ شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بىر سوت مەھكىمىسى دوكتور دىلنۇر رەيھاننىڭ «باشقىلارنىڭ مۈلكىگە زىيان سېلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن جىنايى ئىشلار دېلوسىنى سوت قىلىشنى باشلايدۇ.

خىتاينىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى ئۈچ نەپەر خادىم رەيھاننىڭ 2022-يىلى 9-ئايدا پارىژ شەھەر ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇزىكا فېستىۋالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ شۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئەلچىخانىنىڭ بىر لوزۇنكىسىغا قىزىل بوياق چاچقان بولۇپ، بۇ بىر دەۋاگەرنىڭ ئايىغىنى تازىلاش ئۈچۈن 25 ياۋرو خەجلىشىگە سەۋەبچى بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلىدە رەيھاننى «مال-مۈلۈككە زىيان سېلىش» ۋە «ئىرقچىلىق خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلىش» (بۇ ئەيىبلەش كېيىنچە قايتۇرۇۋېلىنغان) بىلەن ئەيىبلىگەن. ئەمەلىيەتتە، رەيھان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىغا ئوچۇق-ئاشكارا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ زۇلۇملار كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە تۈرمىگە تاشلاش، قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي غايىب قىلىش، كەڭ كۆلەملىك كۆزىتىش، مەدەنىيەت ۋە دىنىي زىيانكەشلىك، ئائىلىلەرنى پارچىلاش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» قاتارلىق نۇرغۇن تەشكىلاتلار بۇ زىيانكەشلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ.

دىلنۇر رەيھان 3-ئايدىكى سوتتا مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەقسىتى دېلودا ئۇتۇش ياكى ئۇتتۇرۇش ئەمەس، بەلكى ماڭا روھىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە زىيان يەتكۈزۈش ئارقىلىق، مېنىڭ تەنقىدىي ئاۋازىمنى بوغۇشتۇر. فىرانسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى مېنى ئەيىبلەش ئەمەس، بەلكى مېنى خىتاينىڭ تەھدىتىدىن قوغداپ، ئاۋازىمنىڭ بوغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر».

تەپتىش مەھكىمىسى 2023-يىلى دەسلەپتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزى يۈزىسىدىن دەۋا ئاچماسلىقنى قارار قىلغانىدى. لېكىن، شى جىنپىڭنىڭ 2024-يىلى 5-ئايدا فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى ۋە يۈزلىگەن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىشىدىن بىر ئاي كېيىن، تەپتىش مەھكىمىسى قايتا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ئارقىلىق بۇ دېلونى قايتىدىن باشلىدى. سوت ئەسلىدە 2025-يىلى 3-ئايدا ئېچىلىدىغان قىلىپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھېچقانداق ئادۋوكات ياكى خادىم ئەۋەتمەسلىكى سەۋەبىدىن 10-ئايغا كېچىكتۈرۈلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى تەنقىدچىلەرگە ۋە مۇھاجىرەتتىكى خىتايلارغا قاراتقان پاراكەندىچىلىكى كۈچىيىپ، دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىغان بۇ خىل زىيانكەشلىك ھەرىكىتى «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» دەپ ئاتالماقتا. مەسىلەن، بۇ يىل 7-ئايدا خىتاي دائىرىلىرى ئوقۇغۇچى جاڭ يادىنى «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» تەك ئېغىر جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالدى، بۇنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ئۇنىڭ پارىژدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە تىبەت كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللىغانلىقى ئىدى.

فىرانسىيە خەلقى خىتاي ۋە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقان باشقا ھۆكۈمەتلەرگە تىنچ شەكىلدە نارازىلىق بىلدۈرەلىشى، ھەمدە بۇ سەۋەبتىن ئەيىبلىنىشتىن ئەنسىرىمەسلىكى كېرەك. فىرانسىيە دائىرىلىرى دىلنۇر رەيھانغا قاراتقان ئەيىبلىشىنى قايتۇرۇۋېلىپ، دىققىتىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە مەركەزلەشتۈرۈشى لازىم.