ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى سۈكۈتى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ

سالىھە سۇلتان

مەنبە: «قارار» گېزىتى |  2025 -يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى

ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۆزى شاھىت بولغانلىقىنى بايان قىلغان، بىر قانچە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىتابى «يېرىم كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» «تىماش» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. «قارار» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىزگىل مۇنداق دېدى: «زۇلۇم پەلەستىندە بولسۇن ياكى شەرقىي تۈركىستاندا بولسۇن، ئۇ ھەر ۋاقىت زۇلۇمدۇر. ئۇنىڭ ماھىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلمىنى ئىنكار قىلىشىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. لېكىن، تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ بۇ زۇلۇمنى ئىنكار قىلىشى ياكى سۈكۈت قىلىشنى تاللىشى مېنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.»

ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى سۈكۈتى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ

شەرقىي تۈركىستانلىق شائىر ۋە يازغۇچى تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ 2023-يىللىق ئامېرىكا دۆلەتلىك كىتاب تەنقىدچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ «جون لېئونارد» مۇكاپاتىغا ۋە 2024-يىللىق «مور كىشىلىك ھوقۇق كىتاب» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «يېرىم كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق كىتابى «تىماش» نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىندى. ئامېرىكادا ياشاۋاتقان يازغۇچى بىلەن ئۆز ھايات ھېكايىسىدىن ئىلھاملىنىپ يازغان كىتابىنى چۆرىدەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە بارغان باستۇرۇشلىرىنى، جازا لاگېرلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا ئاڭلانمايۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى سۆھبەتلەشتۇق.

-  خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلمى ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاڭلاۋاتىمىز، لېكىن ئىچكىرىدىن گۇۋاھلىق بېرىدىغانلار ئاز. سىزنىڭ «يېرىم كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق كىتابىڭىز بۇ ئەھۋالنىڭ كەم ئۇچرايدىغان مىساللىرىدىن بىرى. شەرقىي تۈركىستاندا زادى نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟

«يېرىم كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى باشلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋالنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى بىۋاسىتە كۆزەتكەنلىرىمنى بايان قىلىدىغان ۋە شۇ ئاساستا يېزىلغان بىر ئەسلىمە كىتابىدۇر. ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا خىتاي دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇش ئارزۇسىمۇ كۈچەيدى. بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت» دەپ بېكىتىپ، ئۇلارنى بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش ۋە ئۇ زېمىننى ئۆزلىرى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ۋە مۇقىم بىر تۇپراققا ئايلاندۇرۇش نىيىتىنى ئاشكارىلىدى. شۈبھىسىزكى، خىتاي دۇنيانىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىدىغانلىقىغا، ھېچ بولمىغاندا قارشى چىقالمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. مانا مۇشۇنداق چوڭ بىر ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئۇيغۇرلارغا قارىتا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر زۇلۇم باشلاندى. بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا قامالدى، ئىسلام دىنى چەكلەندى. ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدىن چىقىرىۋېتىلدى. مەدەنىيەت قىممەت قاراشلىرى يوق قىلىندى. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلدى. ياش ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىندى. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى تۇيۇقسىز ئازايدى ۋە ئاخىرىدا بۇ زۇلۇمنىڭ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

-  كىتابىڭىز نەشر قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئائىلىڭىزگە قىلىنىۋاتقان بېسىممۇ ئاشتى. بۇ بىر-بىرىگە زىت ئىككى خىل تۇيغۇنى قانداق باشتىن كەچۈرۈۋاتىسىز؟

كىتاب نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ھەقىقەتەن مەن ئويلىمىغان دەرىجىدە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى. دۇنياغا داڭلىق مەتبۇئاتلاردا ئەسەرنى ماختىغان يازمىلار ئېلان قىلىندى. 20 گە يېقىن تىلغا تەرجىمە قىلىندى. خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. لېكىن، مەن بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەردىن ھەقىقىي بىر خۇشاللىق ھېس قىلالمىدىم. چۈنكى، بىرىنچىدىن، بۇ كىتابتا خەلقىمنىڭ پاجىئەسى بايان قىلىنىدۇ، ئىككىنچىدىن، ئاتا-ئانام، تۇغقانلىرىم ۋە دوستلىرىم شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنتېرنېت ئالاقىسى مۇشۇنچىۋالا تەرەققىي قىلغان بىر دەۋردىمۇ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ھېچقانداق شەكىلدە ئالاقە قىلالمايمەن. ئايالىم ۋە بالىلىرىم ھازىر ئامېرىكادا خاتىرجەم ياشاۋاتقان بولسىمۇ، خۇددى كىتابتا ئايالىم مەرھابانىڭ ئېيتقىنىدەك: «جىسمىمىز بۇ يەردە بولسىمۇ، روھىمىز ئانا ۋەتەندە قېپقالدى.» بىز تېخىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلمىدىن قۇتۇلالمىدۇق. ئەمما ئۈمىدىمىزنى يوقاتمىدۇق. ئۆز ۋەتەنىمىزدە ئەركىن ياشاش ئىرادىمىزدىن ۋاز كەچمىدۇق ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دائىم كۈرەش قىلىمىز. مانا بۇ، ھاياتىمىزغا مەنا بېغىشلايدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر!

«پەلەستىندە بولسۇن، شەرقىي تۈركىستاندا بولسۇن، زۇلۇمنىڭ ماھىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ»

-  سىزچە، دۇنيانىڭ تېخىچە كۆرۈشنى خالىمايۋاتقان ئەڭ روشەن ھەقىقەت نېمە؟

«زۇلۇمنىڭ ئىشىكى ئېچىلسا، قايتا يېپىلمايدۇ» دېگەن بىر سۆز بار. ئىنسانىيەت بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، زۇلۇم پەقەت يۈز بەرگەن خەلق ياكى رايون بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. مېنىڭچە دۇنيا بۇ ھەقىقەتنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ. زۇلۇم پەلەستىندە بولسۇن، ئاراكاندا ياكى شەرقىي تۈركىستاندا بولسۇن، ئۇ ھەر ۋاقىت زۇلۇمدۇر. ئۇنىڭ ماھىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ.

-  يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بېسىمنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەڭ كۆپ قايسى ئەركىنلىك يوقالدى؟

مېنىڭچە، ئۇيغۇرلار مەھرۇم قالغان ئەڭ چوڭ ئەركىنلىك دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدۇر. ھازىر كىشىلەر نورمال ئىبادەت قىلالمايدۇ. ئۆيلىرىدە دىنىي كىتابلارنى ساقلىيالمايدۇ. «ئاللاھ» دېگەن سۆزنى تىلغا ئالالمايدۇ. بىر-بىرى بىلەن سالاملاشقاندا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېيەلمەيدۇ. ھالال بىلەن ھارامنى پەرقلەندۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. بالىلىرىغا «مۇھەممەد، ئىبراھىم، ئائىشە، پاتىمە» دېگەندەك ئىسىملارنى قويالمايدۇ. ھالبۇكى، بۇ چەكلىمىلەر ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى مىڭ يىللىق ھاياتىدا ئەسلا كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى. پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى دەپ قارايدىغان خىتاي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادىنى مانا مۇشۇ دەرىجىدە ئاياغ-ئاستى قىلماقتا. ئىشنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايون قانۇنىدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ قوغدىلىدىغانلىقىغا ئېنىق كاپالەت بېرىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىلىشىمۇ ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە داۋاملاشماقتا.

-  كىتاب داۋامىدا ھېس قىلدۇرغان «سۈكۈت» تۇيغۇسى دىققەتنى تارتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى سۈكۈتكە مەھكۇم قىلىندىمۇ؟

شۇنداق، ھازىر شەرقىي تۈركىستان خەلقى زۇلۇم ئالدىدا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر. ئەمما مەن قارشىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن. لېكىن، بىز ئالاقىنىڭ دېگۈدەك پۈتۈنلەي كونترول ئاستىدا تۇتۇلۇۋاتقان بىر مۇھىتتا بۇنىڭ تەپسىلاتلىرىنى بىلەلمەيمىز. 11-سېنتەبىر ۋەقەلىرىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورلۇققا باغلاپ جازالاش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ ۋە بۇرمىلاپ دۇنياغا يامان كۆرسىتىشكە تىرىشتى. ھەتتا بەزى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئۆزلىرى ئورۇنلاشتۇردى. لېكىن، 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن، بولۇپمۇ بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلمىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلىشىدىن كېيىن، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قارشىلىقلارنى دەرھال باستۇرۇش ۋە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي توسۇش يولىنى تۇتتى. شۇڭا ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا دائىر دەلىل خاراكتېرلىك خەۋەرلەرنى ئاڭلىيالمايمىز، پەقەت سۈكۈتنىلا كۆرىمىز.

ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر قېرىنداشتۇر

-  خەلقئارا جەمئىيەت بۇ زۇلۇمنى توختىتىشتا نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر ئۈنۈمسىز قالدى؟ قايسى قەدەم بېسىلماي تۇرۇپ ۋەزىيەت ئۆزگەرمەيدۇ؟

خەلقئارا جەمئىيەت كەڭ كۆلەملىك بىر بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتالمىغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلمىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلدى. لوندون ئۇيغۇر سوتىمۇ بۇ دىياگنوزنى دەلىللەيدىغان بىر قارار چىقاردى. ئامېرىكادا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانۇنلار تەستىقلاندى، خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق ئورگان ۋە شەخسلەرگە جازا ئېلان قىلىندى ياكى چەكلىمىلەر قويۇلدى. نۇرغۇن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، پائالىيەتچىلەر، سىياسىيونلار ۋە تەتقىقاتچىلار شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا قارشى ئىنكاس قايتۇردى. مېنىڭچە، بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلمىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشى مەلۇم دەرىجىدە توسۇلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئويلىغاندەك ئىگىسىز ئەمەسلىكى ئىسپاتلاندى ۋە ئەڭ مۇھىمى، خىتايغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دېگەن تامغا بېسىلدى. مېنىڭچە بۇلار كىچىك مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەمەس. لېكىن، ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىسلىسىز ئېغىر بەدەل تۆلىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە بۇ بەدەل ھېلىھەم تۆلىنىۋاتىدۇ.

- ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن قېرىنداش بولغان تۈركىيە تۈركلىرىگە نېمىلەرنى دېمەكچىسىز؟

ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر قېرىنداشتۇر. بۇ ھەقىقەتنى ھېچ نەرسە ئۆزگەرتەلمەيدۇ. مەن تۈركىيە ھەققىدە دائىم مۇنداق بىر ئەھۋالنى ئويلايمەن: بىر كىشى يىراقتىكى مەزلۇم بىر تۇغقىنىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلسە ۋە ئۇنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچى يەتمىسە نېمە قىلىشى كېرەك؟ ئۇ كىشى ئۇ تۇغقىنىغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى جاكارلىيالىشى كېرەك. كەم دېگەندە ئۇنىڭغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭغا قىممەت بېرىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتالىشى كېرەك. مېنىڭچە، بۇ شۇنداقلا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىنسانىيلىقتۇر.

ئىنسانىيەت ۋىجدانىغا سۇنۇلغان بىر سىناق

-  خىتاينى ئاساس قىلغان بەزى چەمبىرەكلەر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. سىزچە بۇ ئىنكار قىلىش قايسى سۆزلەملەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلمىنى ئىنكار قىلىشىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. لېكىن، تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ بۇ زۇلۇمنى ئىنكار قىلىشى ياكى سۈكۈت قىلىشنى تاللىشى مېنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلسەممۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ ئىنسانىيەت ۋىجدانىغا سۇنۇلغان بىر سىناق ئىكەنلىكىگە، ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن ئىقتىسادىي مەنپەئەت بىلەن بىرگە ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنىڭمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قېرىنداشلىق ۋە دىنداشلىق رىشتىمىز ئارىمىزدا تۇرۇپتۇ.

سۈرگۈندە نۇرغۇن يازغۇچى ۋە شائىرلىرىمىز بار

-  ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ بۇ دەۋردىكى رولى نېمە؟ شېئىر يەنىلا بىر قارشىلىق كۆرسىتىش شەكلى بولالامدۇ؟

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خۇددى ئۇ يەردىكى ئىنسانلاردەك زۇلۇم ئاستىدا. نورمال بىر ئەدەبىياتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ھازىر ئۇنىڭ بىر قارشىلىققا ئايلىنىشى ئىنتايىن قىيىن. لېكىن مەن يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن. كەم دېگەندە ئۇيغۇرچە ئەسەر يېزىشنىڭ ئۆزىلا مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم يوللىرىدىن بىرى. سۈرگۈندە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىرلىرى بار. ئۇلار يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ ۋە يازغان ئەسەرلىرى كۈنسېرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. تۈرك ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ئەسەرلەرگە قىزىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خەلقىم بېسىملارغا قارىماي مەدەنىيىتىگە ئىگە چىقىۋاتىدۇ

-  بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا ئادەتتىكى بىر ئىنساننىڭ ھاياتى قانداق؟ بىر كۈنىنى تەسۋىرلەپ بەرسىڭىز، ئوقۇرمەنلىرىمىزنى قايسى تەپسىلاتلار ئەڭ ھەيران قالدۇراتتى؟

ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئادەتتىكى بىر ئۇيغۇر پۇقراسىنىڭ ھاياتى، كۈندىلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى قامداش ۋە جازا لاگېرلىرىغا تاشلىنىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىش بىلەن ئۆتىدۇ. گۇناھسىز تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالىنىش قورقۇنچى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي روھىي ھالىتىگە ئورنىشىۋالغان. بىخەتەرلىك كامېرالىرى ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقنى قاپلىغان، ساقچىلارنىڭ كىشىلەرنى ئەرزىمەس باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىشى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغان، ھۆكۈمەت كىشىلەرنى بىر-بىرىنى پاش قىلىشقا مەجبۇرلاش ياكى رىغبەتلەندۈرۈش دېگەندەك ئەڭ رەھىمسىز ئۇسۇللار بىلەن جەمئىيەت ئۈستىدىكى كونتروللۇقنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزگەن. ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىشەنچسىزلىك, كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىش سىياسەتلىرى ئوچۇق-ئاشكارا يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر مۇھىتتا، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام قېلىشى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرالىشىنىڭ ئۆزىلا چوڭ بىر بەختكە ئايلاندى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار، ئىنساننىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان بۇ زۇلۇم ئاستىدا مېتانەت بىلەن ياشاۋاتىدۇ، ئۆز مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ ۋە ھەر تۈرلۈك ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ زۇلۇمغا قارشى قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.