تاھا قىلىنچنىڭ «يوقالغان جۇغراپىيەنىڭ ئىزىدىن» ناملىق كىتابى تونۇشتۇرۇلدى: شەرقىي تۈركىستان يېقىنقى سىنىقىمىز

تاھا قىلىنچ تەقسىم جامەسى مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى تاھا قىلىنچ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېغىر توسالغۇلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، مەسچىتلەرنىڭ تاقاق، ياغلىقنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، مەقبەرىلەرنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

2025-يىلى 14-ئۆكتەبىر

يازغۇچى تاھا قىلىنچنىڭ «كەتەبە» نەشرىياتى تەرىپىدىن ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن «يوقالغان جۇغراپىيەنىڭ ئىزىدىن: شەرقىي تۈركىستان ساياھەتنامىسى» ناملىق ئەسىرىنىڭ تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى تەقسىم جامەسى مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزىدە «يىراقتىكى بىر دىيار ئەمەس، يېقىنقى بىر سىناق» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

كىتابنى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ يازغانلىقىنى بىلدۈرگەن قىلىنچ: «ئەپسۇسكى، مەسچىتلەرنى تاقاق ھالەتتە كۆردۇق، مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇيالمىدۇق. ئەپسۇسكى، كوچىلاردا مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھىجابىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چەكلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق» دېدى. «بۇ دەردنى بىرلىكتە ئورتاقلىشايلى» دېگەن قىلىنچ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مەۋجۇتلۇق كۈرىشىگە دىققەتنى تارتىپ مۇنداق دېدى:

«بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا مەسچىتلەرنىڭ مۇنارلىرى چېقىلىۋاتىدۇ، مەقبەرىلەر ۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ، قەبرىستانلىقلار يوقىتىلماقتا. ياغلىق چەكلەنمەكتە، ئىبادەت قىلغۇچىلار كۆزىتىلمەكتە. بىر مىللەتنىڭ تارىخىي ئەسلىمىسى سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىشقا ئۇرۇنۇلماقتا. بۇ كىتاب، مانا بۇ يوقىتىشنىڭ جىمجىت شاھىتىدۇر.»

'Kayıp Coğrafyanın İzinde: Doğu Türkistan Seyahatnamesi' lansmanı yapıldı

ئەزان ئاۋازى ئاڭلىمىدىم

قىلىنچ ساياھىتىنىڭ 8 كۈن داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز گۇۋاھلىقىم دائىرىسىدە ئەزان ئاۋازى ئاڭلىمىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئۆتىمەن. ئويلاپ بېقىڭ، خوتەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ دىندار، ئەڭ تەقۋادار شەھەرلىرىنىڭ بىرى. بىز تۇرغان مەزگىلدە، شەھەر مەركىزىدە مۇسۇلمان نوپۇس نىسبىتى كەم دېگەندە يەتمىش پىرسەنت بولغان بۇ شەھەرلەردە كوچىدا بىر دانىمۇ ياغلىقلىق ئايالنى كۆرمىدىم.»