زور دەرىجىدىكى بىخەتەرلىك ۋە سىياسىي سەتچىلىك ئىچىدە، پارلامېنتنىڭ سەزگۈر مەخپىيەتلىكلىرىنى بېيجىڭغا ئاشكارىلاشقا چېتىشلىق، دىققەت تارتقان بىر جاسۇسلۇق دېلوسى، ئەنگلىيە باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 2021-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى سۇنالمىغانلىقى سەۋەبىدىن مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىدى. جامائەت پىكرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ دېلودا، كرىستوفېر كاش ۋە كرىستوفېر بېررىي خىتاينىڭ جاسۇسلىرى بولۇش، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك بەيگىسى ۋە سەزگۈر سىياسىي قارارلارغا ئائىت مەخپىي ئۇچۇرلارنى خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسىنىڭ مۇئاۋىنى ماتېۋ كوللىنز باياناتىدا، «APT31» غا ئوخشاش تونۇلغان خىتاي گۇرۇپپىلىرىنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ۋە تور ھۇجۇملىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىماي، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن «ئىجابىي مۇناسىۋەت» ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. گەرچە كوللىنز جاسۇسلۇققا ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت دەپ تەسۋىرلىمىدى، بۇ ئەھۋال بىر قاتار تەنقىد ۋە سوئاللارنى قوزغىدى.
يېپىپ-يوشۇرۇش ۋە سىياسىي مۇداخىلە قىلىش ئەيىبلەشلىرى
بورىس جونسوننىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى دومىنىك كاممىنگىسنىڭ ھۆكۈمەتنى 2020-يىلىدىكى بىر قېتىملىق بىخەتەرلىك سېپىنىڭ بۇزۇلۇشىنى يېپىپ-يوشۇرغانلىقى، بۇنىڭ خىتاينىڭ غايەت زور مىقداردىكى ئىنتايىن سەزگۈر مەلۇماتلارغا ئېرىشىشىگە شارائىت ياراتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلىشى بىلەن سىياسىي جىددىيچىلىك كۈچەيدى. كاممىنگىس يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى بۇ ۋەقەنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ۋە جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاشنى رەت قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلەپ، پارلامېنتتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، رەسمىي مەنبەلەر ئەيىبلەشنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي خىلاپلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، كوللىنزنىڭ باياناتىدا ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ 2024-يىللىق پىروگراممىسىدىن ئېلىنغان ئىبارىلەرنىڭمۇ ئورۇن ئېلىشى، خىتاي تەھدىتىنى باھالاشتا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان سىياسىي مۇداخىلە توغرىسىدا كەڭ كۆلەملىك تالاش-تارتىش قوزغىدى. چۈنكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بۇ خىل ئىپادىلەشنى «ئېنىق سىياسىي مۇداخىلە» دەپ قاراپ، دېلوغا دائىر تالاش-تارتىشقا يېڭى بىر قاتلام قوشتى.
ئەنگلىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت
سوتقا ئۆتۈش ئالدىدا تۇرغان بۇ دېلو، باش تەپتىشنىڭ دەلىل-ئىسپاتلارنى «قانۇنىي تەلەپنىڭ 5 پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدۇ» دەپ تەسۋىرلىشىدىن كېيىن ئاخىرلاشتۇرۇلدى. ھۆكۈمەت مەنبەلىرى باش مىنىستىر كېيىر ستارمېرنىڭ دېلونىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچراش ئېھتىماللىقىدىن ئالدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئارىلىشىپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۆز نۆۋىتىدە، كرىستوفېر كاش ئۆزىگە ئاشكارا سوتلىنىش پۇرسىتى بېرىلمىگەنلىكىنى ئەيىبلەپ، دېلونىڭ سوتتىن بۇرۇنلا تاراتقۇلاردا ھۆكۈم قىلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگلىيە ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي زىيارەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئەگىشىپ، سودا مەنپەئەتىنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن تۇرۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئەندىشىلەر كۈچەيمەكتە. بولۇپمۇ بېيجىڭنىڭ لوندوندىكى سىياسىي ۋەزىپىگە تەيىنلەشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى، تەيۋەن ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان مۇئامىلە قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان مەخپىي ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئەندىشە تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. ھازىر ئەنگلىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئۆزئارا تەنقىد ۋە ئەيىبلەش بورىنىنىڭ مەركىزىدە تۇرۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ ئاشكارىلىقنى يولغا قويۇش ۋە خىتاي جاسۇسلۇقىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئەنگلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەكشۈرۈشكە دائىر چاقىرىقلار كۈنسېرى كۈچەيمەكتە.
2025-يىلى 16-ئۆكتەبىر
مەنبە: https://www.okaz.com.sa/news/politics/2217980