دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تۇتقان سۈكۈتى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»

تۈركىستان تايمىز، 21-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (WUC) نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن «Salaamedia» قانىلىنىڭ «خەۋەر ۋە كۆز قاراشلار» پىروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاشكارىلىدى ۋە مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سۈكۈتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

پىروگرامما رىياسەتچىسى غەززە، ئۇكرائىنا ۋە ئافرىقىدىكى كىرىزىسلار بىلەن بىر قاتاردا، ئۇيغۇر كىرىزىسىنىڭمۇ ئوخشاش دەرىجىدە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بېلگىيەدىن نەق مەيدان ئۇلانغان زۈمرەتئاي ئەركىن خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ھېلىھەم ئىنتايىن ۋەھىمىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«30 دىن ئارتۇق تۇغقىنىم لاگېردا يوقاپ كەتتى»

زۈمرەتئاي ئەركىن زىيارەت جەريانىدا، خىتاينىڭ 2017-يىلدىن بۇيان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى پەقەت مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى سەۋەبىدىنلا لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى، 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلگەن ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ 30 دىن ئارتۇق تۇغقىنىنىڭ لاگېرلاردا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ مىسىردىكى ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىسلامىي بىلىم ئالغان ياكى تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە ساياھەتكە كەلگەن تۇغقانلىرىنىڭ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن تۇتۇلغانلىقىنى ئېچىنىش ئىچىدە بايان قىلدى.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش قاتارلىق نورمال ئىبادەتلەرنى «تېررورلۇق» ئالامىتى دەپ بېكىتكەنلىكىنى، ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىۋېتىلگەنلىكىنى، بالىلارنىڭ خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياتاقلىق مەكتەپلەرگە قامالغانلىقىنى ۋە ئۆيلەرنىڭ ئىچىگىچە نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى» سۈكۈتى

زۈمرەتئاي ئەركىن سەككىز يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىق ئالدىدا مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى «ئىنتايىن بىئارام قىلغۇچى» ئەھۋال دەپ باھالىدى. ئۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ غەززە مەسىلىسى ياكى قۇرئان كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىگە تېز ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مەنپەئەت سەۋەبىدىن سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ خىتاينى قوللاۋاتقانلىقىنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» دەپ كۆرسەتتى.

سۆھبەت جەريانىدا، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، تۈركىيە، بوسنىيە ۋە سومالى قاتارلىق ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بەزى ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلىغانلىقى، شۇنداقلا دۇنيادىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.

سۆھبەت ئاخىرىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كەلگۈسى 12-24 ئاي ئىچىدە؛ ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاينى ئاشكارا ئەيىبلىشى، لاگېردىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش ۋە پارچىلانغان ئائىلىلەرنى جەم قىلىش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك نىشان ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.