جەمئىيەتشۇناس دىلنۇر رەیھاننىڭ ۋەزىپىسى: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرىنى مۇستەملىكىچىلىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش

تەپەككۇرنى مۇستەملىكىچىلىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەملىكىلىك مۇناسىۋىتىنى ئېتىراپ قىلىشتىن باشلىنىدۇ

يازغۇچى (فىرانسۇزچە): [Filip Noubel] / تەرجىمە (ئىنگلىزچە):   [Laura] 

ئەسلى نۇسخىسى 2025-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ،تەرجىمىسى 23-ئۆكتەبىر Global Voices تورىدا ئېلان قىلىنغان

ئۇيغۇرلار — ئوتتۇرا ئاسىياغا يەرلىك، تۈركىي تىللىق، خىتايدا ياشاۋاتقان بىر مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەھۋالى ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىدىن چەتتە قېلىپ كەلگەن ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن، 2020-يىلىدىن بۇيان، بىر قانچە دۆلەت ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، بۇ ئەھۋال كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بولسا شىنجاڭ دەپ ئاتايدىغان بۇ رايونغا بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، ياۋروپادىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى — جامائەت ۋە تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈش. بۇنىڭ ئىچىدە، بەزىدە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ جامائەت ئەزالىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدىغان ۋە ئۇلار دGەرھال تۈرمىگە تاشلىنىدىغان مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەرمۇ بار. 2025-يىلى 2-ئايدا تايلاندنىڭ قىرىقچە ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى بۇنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالىدۇر.

«يەرشارى ئاۋازى» ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ، بولۇپمۇ ياۋروپادا دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن، ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناس دىلنۇر رەیھان بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق سۆھبەت ئېلىپ باردى. دىلنۇر رەیھان [ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى] نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى، شۇنداقلا چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى.

فىلىپ نوبېل:  سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، 2021-يىلىدىن باشلاپ ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى. بۈگۈن يەنە بىر مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى: پارىژدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئېچىلىشى. نېمە ئۈچۈن بۇ شۇنچە مۇھىم بىر پەيت؟

 

دوكتور دىلنۇر رەیھان :  ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى 2019-يىلىنىڭ بېشىدا، بىز 2009-يىلى قۇرغان فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى (ئوغۇز) نىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان. مەن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى پارىژدا بىر بىناغا، بىر سورۇنغا، پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن بىر ئۇيغۇر مەكتىپىگە، بىر ئۇيغۇر مەركىزىگە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىم. بىز دېگۈدەك پۈتۈنلەي پىدائىيلار ۋە ئىئانىلەر ئارقىلىق پائالىيەت قىلىدىغان بىر ئاممىۋى تەشكىلات. پارىژنىڭ مەركىزىدە جامائىتىمىز ئۈچۈن بىر بىنانى ئىجارىگە ئېلىش «مۇمكىن بولمايدىغان بىر ۋەزىپە» گە ئوخشايتتى. شۇڭلاشقا بۇ تۈر نۇرغۇن كىشىلەرگە ھەمىشە ئەمەلگە ئاشماس بىر چۈشتەك تۇيۇلاتتى. خۇددى فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيىتىمىزدەك، ئۇنى باشلىغان ۋاقتىمىزدا ھېچكىم بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىمىزگە ئىشەنمىگەن ئىدى، ئەمما ئاخىرىدا بىز بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. ھەر ئىككى تۈر ئۈچۈن، بىز ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پولاتتەك ئىرادە ۋە يېڭىلمەس قەيسەرلىكىمىزدىن باشقا ھېچقانداق ۋاستىمىز بولمىغان بىر چۈش بىلەن ئىش باشلىغان ئىدۇق.

فىلىپ نوبېل: مۇستەملىكىچىلىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش — ئازابلىق، ئەمما زۆرۈر بىر جەريان بولۇپ، ئۇ مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇستەملىكىچىلىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش، ئاتىلىق تۈزۈمىدىكى خىرىسلار ۋە سۈكۈت مەدەنىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

دوكتور دىلنۇر رەيھان:  ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئازاب چەككەن خەلقلەر ۋە مىللەتلەردە مەلۇم شەكىلدىكى كوللېكتىپ ئالاھىدىلىكلەر شەكىللىنىدۇ، مەسىلەن، ئۆز جامائىتىگە ۋە ئۆزىنىڭ كوللېكتىپ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىش، ھايات قېلىش ئىستراتېگىيەلىرى ۋە ئۆز ئىچىگە چېكىنىش، ئۆز جامائىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەشەببۇسلارغا ياكى مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت تەرىپىدىن «گۇمانلىق» دەپ قارالغان تەشەببۇسلارغا قاتنىشىشتىن قورقۇش، دائىملىق ئىشەنچسىزلىك... بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا قاراتقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ئىنتايىن كەڭ تارقالغان ۋە رەھىمسىزدۇر، بۇ ئەھۋال دىئاسپورا ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئىشەنچسىزلىك ۋە قورقۇنچنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. بۇ قورقۇنچ مەدەنىيىتى بىر سۈكۈت مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنداق بىر شارائىتتا، دىئاسپورانى بىر ئورتاق تۈر ئۈچۈن كوللېكتىپ ھالدا سەپەرۋەر قىلىش ئاجايىپ تەس. 75 يىل خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆچمەن مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرىرى مانجۇ ۋە خىتايلارنىڭ كىلاسسىك مۇستەملىكىچىلىكى ئاستىدا ياشاش، ئۇيغۇر ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆزگىچە بىر ئاتىلىق تۈزۈمى ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈردى.

فىلىپ نوبېل: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرىنى، جۈملىدىن خىتاي دىئاسپوراسى ئىچىدىكى بايانلارنى مۇستەملىكىچىلىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا كەلسەك، بۇ ھەقتە نېمە دېيەلەيسىز؟

دوكتور دىلنۇر رەيھان:  خىتاي-ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەملىكىلىك ماھىيىتى خىتاي جامائەتچىلىكىگە، ھەتتا خىتاي دىئاسپوراسىدىكىلەرگىمۇ تونۇش ئەمەس. ھازىرغىچە، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى باشلانغاندىن بۇيان خىتاي دىئاسپوراسىنىڭ كۆپ قىسمى ئەڭ ياخشى دېگەندىمۇ سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئۆكتىچىلىرى كوممۇنىستىك سىياسەتنىڭ ۋەھشىيلىكىگە قارشى سۆز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇستەملىكىلىك مۇناسىۋىتىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئۇنى قەستەن ھالدا ئاددىي كىشىلىك ھوقۇق ۋە «ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى» مەسىلىسىگە قىسقارتىپ چۈشەندۈرىدۇ. بىر خەلقنى «ئاز سانلىق مىللەت» دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇش مۇستەملىكىچىلىكنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە قانۇنلاشتۇرۇشنىڭ بىر يولىدۇر. لېكىن، تۈپ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىز ئۇنىڭ يىلتىزى بولغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر زېمىنىدىكى مۇستەملىكىچىلىكىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. تەپەككۇرنى مۇستەملىكىچىلىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەملىكىلىك مۇناسىۋىتىنى ئېتىراپ قىلىشتىن باشلىنىدۇ.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىدا، تەپەككۇرنى مۇستەملىكىچىلىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى پەقەت خىتاي تىللىق جامائەتچىلىككىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغىمۇ قارىتىلغان. بۇ مەقسەتتە، بىز ھازىر ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە ۋە فىرانسۇزچە پروگراممىلار بىلەن بىر قاتاردا، خىتاي دىئاسپوراسىدىكى ئىلغار ياشلارنى نىشان قىلغان، بولۇپمۇ خىتايچىنى ئاساس قىلغان كۆپ تىللىق تور تاراتقۇ تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىمىز.

فىلىپ نوبېل: سىز يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەنمۇ بىللە ئىشلەيسىز. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق خىرىسلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟ ئۇلارنىڭ كىملىكىنى قانداق تەسۋىرلەيسىز؟

دوكتور دىلنۇر رەيھان:  دىئاسپورادا ئۆسۈپ يېتىلگەن ياش ئەۋلاد بىزگە زور ئۈمىد بېغىشلايدۇ. ئۇلار ئىلغار، ئايالچى (فېمىنىست) ۋە ئىنسانپەرۋەر ياشلاردۇر. ئۇلار ئۇيغۇر تارىخىنى ئۆگىنىشنى خالايدۇ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىلىدىن باشقا بىر قانچە تىلدا راۋان سۆزلىيەلەيدۇ، ھەر قايسى ساھەلەردە ئوقۇۋاتىدۇ ۋە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى ۋە ئۆز دەۋرىدىكى ياشلار بىلەن زىچ باغلانغان. ئۇلار دىئاسپورادىكى پائالىيەتچىلىكنى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ غەربتىكى ئاپپاراتلار بىلەن باغلاشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ ئۇلار تېخىمۇ يېڭىلىق يارىتىشچان ۋە تېخىمۇ ئىقتىدارلىق.

2024-يىلى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق ئۇيغۇر ياشلىرى لائىكلىق قۇرۇلتىيىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر ياشنى پارىژغا بىر يەرگە جەم قىلىپ، بىر ھەپتە بويىچە مۇستەملىكىچىلىك، فېمىنىزم، ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە سەنئەت پائالىيەتچىلىكى (artivism) قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ياشلار كىچىكرەك كۆلەمدە بىر قانچە قېتىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يىغىلىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، دىئاسپورا ئىچىدە پائالىيەتچىلىكنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئىجاد قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە مۇستەملىكىچىلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش مەسىلىسىگە تېخىمۇ سەزگۈر قارايدۇ.