خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلىغان دوكلات: دۇنياۋى كەڭ قورساقلىق نىقابى ئاستىدىكى ئۇيغۇر زۇلۇمى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى، خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدە دىنىي كەڭ قورساقلىق ئوبرازىنى يارىتىۋاتقان بىر پەيتتە، دۆلەت ئىچىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا گۇرۇپپىلارغا قارشى «ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ ۋەھشىي دىنىي زۇلۇم ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى»نى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى پاش قىلىدىغان بىر دوكلاتنى ئېلان قىلدى.

«قارار» گېزىتىدىن بۇشرا ئاقداشنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى (CUS) خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ (خ ك پ) دىنىي سىياسەتلىرىدىكى زىددىيەتلەرنى پاش قىلىدىغان يېڭى بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغان.

«خىتاينىڭ دىنغا قاراتقان ئىككى يۈزلىمىچىلىكى: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىنىي سىياسەتلىرىدىكى زىددىيەتلەرنى ئاشكارىلاش» ناملىق بۇ دوكلاتتا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ ۋەھشىي دىنىي زۇلۇم ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرىنى يۈرگۈزۈۋېتىپ، خەلقئارا سەھنىدە قانداق قىلىپ ساختا بىر دىنىي كەڭ قورساقلىق ئوبرازىنى يارىتىۋاتقانلىقى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىنغان.

دوكلاتتا بېيجىڭنىڭ خەلقئارادا تەرغىب قىلىۋاتقان دىنلار ئارا ئىناقلىق سۆزى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تىبەتلەر، خىرىستىيانلار ۋە باشقا ئېتىقاد گۇرۇپپىلىرىغا قارشى دۆلەت ئىچىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش رېئاللىقى ئوتتۇرىسىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان زىددىيەت تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

 

كەڭ دائىرىلىك كونترول قىلىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىستېمىسى يولغا قويۇلماقتا

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارالىق سورۇنلاردا مەسچىتلەر، ھالال بازارلار ۋە ئىسلامىي جەمئىيەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق، خىتاينى دائىم دىنىي ئەركىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىمەكتە. ئەمما دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندا ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا كەڭ دائىرىلىك كونترول قىلىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىستېمىسىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.

بۇ باستۇرۇش دائىرىسىدە، رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش، دىنىي كىيىملەرنى كىيىش ياكى مەسچىتكە بېرىش قاتارلىق ئىسلامىي پائالىيەتلەر قاتتىق چەكلەنمەكتە ياكى جىنايەت ھېسابلانماقتا. مىڭلىغان مەسچىت ۋە مازارلارنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان دوكلاتتا، مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» باھانىسى بىلەن ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

 

دىننى گېئوسىياسىي قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىش

بۇ تەتقىقاتتا، دۆلەت ئىچىدىكى باستۇرۇشتىن ھالقىپ، بېيجىڭنىڭ دىننى گېئوسىياسىي قورال سۈپىتىدە قانداق ئىشلىتىۋاتقانلىقى تەھلىل قىلىنغان. دوكلاتتا، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى (BRI) ۋە باشقا دىپلوماتىك سۇپىلار ئارقىلىق مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ جەرياندا خىتاينىڭ، مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە تەشكىلاتلاردىن سۈكۈتنى ياكى جىنايەتكە شېرىك بولۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاممىۋى پىكىرنى ئۆز مەنپەئەتىگە ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.

خىتاي ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرى، دۆلەت كونتروللۇقىدىكى تاراتقۇلار ۋە دىنىي ئورگانلار بىلەن تاللاپ تۇرۇپ ئالاقە قىلىش ئارقىلىق، خەلقئارالىق تەنقىدنى باشقا يۆنىلىشكە بۇراش ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەبىت سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بىر كەڭ قورساقلىق خام خىيالىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.

 

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى جىددىي ئاگاھلاندۇردى: بۇ ئالدامچىلىق ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، خىتاينىڭ دىن مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ «خەتەرلىك بىر قوش ئويۇن» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن مەسچىتلەرنى چېقىپ، ئىماملارنى ئۆيلىرىگە نەزەربەند قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، يەنە بىر تەرەپتىن چەت ئەلدىكى مەسچىتلەرگە ئىئانە قىلىدۇ ۋە ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ دوستى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن دىنلار ئارا دىيالوگلارنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئالدامچىلىق زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنى ھاقارەتلىگەنلىكلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى دىنىي ئەركىنلىككە ئائىت دۇنياۋى ئەخلاق ئۆلچەملىرىگىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۇنياسى بۇ ئادالەتسىزلىككە سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك.»

دوكلات، دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالار جەمئىيىتىنى بېيجىڭنىڭ قوش ئۆلچىمىنى ئاشكارىلاشقا ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى دىپلوماتىك، قانۇنىي ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەر ئارقىلىق جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىدىغان تەكلىپلەر بىلەن ئاخىرلاشقان.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تىبەتلەر، خىتايدىكى خىرىستىيانلار ۋە فالۇنگوڭ مەشىق قىلغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان جامائەتلەر بىلەن ھەمدەرت بولۇش ۋە خىتايدىن ئۆزى قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ جىددىي ئېھتىياج ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.