تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
2025-يىلى 24-ئۆكتەبىر
ئابھىناندان كۇمار تەرىپىدىن يېزىلىپ، 2025-يىلى 22-ئۆكتەبىر لوۋىي ئىنستىتۇتىنىڭ (Lowy Institute) تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «گېئوپولىتىكا ۋە يېڭىلىقلارنى چۈشىنىش: شىمال، شەرق، غەرب، جەنۇب» ناملىق ماقالە، بۈگۈنكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئەدەبىياتىدا كۆپ قوللىنىلىدىغان، ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا جۇغراپىيەلىك رېئاللىقتىن بەكرەك ئىدېئولوگىيەلىك، تارىخىي ۋە كۈچ-قۇدرەت تونۇشىغا ئاساسلانغان تۈپ گېئوپولىتىكىلىق ئۇقۇملارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىدۇ. ماقالىدە، «شىمال-جەنۇب» ۋە «شەرق-غەرب» كەبى قۇتۇپلىشىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، تەدرىجىي تەرەققىياتى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى مۇرەككەپ ئىپادىلىنىشلىرى تەتقىق قىلىنىپ، بۇ ئۇقۇملارنىڭ ئەمەلىيەتتە نەقەدەر ئۆزگىرىشچان ۋە سىياسىي مەقسەتتە بەرپا قىلىنغان كىملىكلەر ئىكەنلىكى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىنىدۇ. كۇمارنىڭ تەھلىلى، بۇ ئاتالغۇلارنىڭ پەقەت بىر ئىسىم بولۇشتىن ھالقىپ، دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى قانداق ئورۇنغا قويۇشى، يەرشارىۋى تەرتىپكە بولغان كۆز قاراشلىرى ۋە تارىخىي ئەسلىمىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۈچلۈك سىياسىي ۋاسىتىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشى بىلەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ تەتقىقاتتا، مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاساسلىق پىكىرلىرى شەرھلىنىپ، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئانالىز رامكىسىنىڭ بۈگۈنكى مۇرەككەپ گېئوپولىتىكىلىق رېئاللىقنى چۈشىنىشتىكى رولى ۋە پىكرىي قىممىتى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.
كۇمار، تەھلىلىنى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى بىر ئاساسلىق زىددىيەتنى، يەنى گېئوپولىتىكىلىق ئاتالغۇلار بىلەن جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئوتتۇرىسىدىكى روشەن ماس كەلمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن باشلايدۇ. ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۇبىي يېرىم شاردا تۇرۇپمۇ «يەرشارى جەنۇبى» نىڭ بىر قىسمى ھېسابلانماي، ئەكسىچە بىر «غەرب دۆلىتى» دەپ قوبۇل قىلىنىشى؛ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھىندىستاننىڭ شىمالىي يېرىم شاردا تۇرۇقلۇق «يەرشارى جەنۇبى» ئىچىدە ئورۇن ئېلىشى قاتارلىق كۆرۈنەرلىك مىساللار، ئاپتورنىڭ تېزىسىنىڭ ئاساسلىق تايانچ نۇقتىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ مىساللار، «شىمال، جەنۇب، شەرق، غەرب» قاتارلىق ئۇقۇملارنىڭ فىزىكىلىق جۇغراپىيەدىن نەقەدەر ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى ۋە بۇ ئۇقۇملارنىڭ قۇدرەت، مۇستەملىكىچىلىك تارىخى، ئىقتىسادىي تەڭسىزلىك ۋە مەدەنىيەت چۈشەنچىسى قاتارلىق تېخىمۇ ئابستراكت ۋە سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەر تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاپتور، بۇ نۇقتىدا ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكارنىڭ ئۆز دۆلىتىنى بىر « غەربى جەنۇب كۈچى» دەپ ئاتىشىنى، بۇ مۇرەككەپلىك ۋە ئارىلاشما كىملىك ئىزدەش ئۇرۇنۇشىنىڭ كونكرېت بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ كىرىش سۆز، ئوقۇرمەننى ئادەتلەنگەن كاتېگورىيەلەردىن گۇمانلىنىشقا ۋە بۇ سۆزلەرنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان چوڭقۇر تارىخىي ۋە سىياسىي قاتلاملارنى بايقاشقا چاقىرىدىغان كۈچلۈك بىر پىكرىي يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ماقالىنىڭ مەركىزىدىكى ئۇقۇملارنىڭ بىرىنچىسى بولغان «يەرشارى جەنۇبى» نىڭ (Global South) تارىخىي كېلىپ چىقىشىنى تەكشۈرگەن كۇمار، بۇ ئاتالغۇنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئۆزگىرىشچان دۇنيا ۋەزىيىتى ئىچىدە قانداق تەدرىجىي تەرەققىي قىلغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئۇقۇمنىڭ يىلتىزى، فىرانسىيەلىك نوپۇسشۇناس ئالفرېد ساۋۋىينىڭ 1952-يىلى نە كاپىتالىستىك «بىرىنچى دۇنيا» غا، نە كوممۇنىستىك «ئىككىنچى دۇنيا» غا تەۋە بولمىغان دۆلەتلەرنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان «ئۈچىنچى دۇنيا» (Third World) ئاتالغۇسىغا تاقىلىدۇ. ئەمما بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان دەرىجە پەرقى ۋە كەمسىتىش تۈسى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ باشقا بىر ئۇقۇملاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى پەيدا قىلدى. 1960-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىلىق پائالىيەتچى كارل ئوگلېسبىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يەرشارى جەنۇبى» ئىپادىسى، تېخىمۇ نېيترال ۋە دەرىجە پەرقى تۆۋەنرەك بىر تاللاش سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى. بۇ ئۇقۇمنىڭ ئانالىز رامكىسى، 1980-يىلى براندت كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلات بىلەن تېخىمۇ روشەنلەشتى. كومىتېت، دۇنيانى تەخمىنەن 30-35° شىمالىي كەڭلىك لىنىيەسى بويىچە باي، سانائەتلەشكەن «شىمال» ۋە تېخىمۇ نامرات، تەرەققىي قىلىۋاتقان «جەنۇب» دەپ ئىككىگە ئايرىغان بىر سىزىق سىزدى. بۇ ئايرىش، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە G-77 گۇرۇپپىسىنىڭ (بۈگۈنكى كۈندە 134 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئەزالىرى بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان بىر سىياسىي سۇپىنىڭ نامىغا ئايلاندى.
كۇمار، «يەرشارى جەنۇبى» ئۇقۇمىغا قارىتىلغان تەنقىدلەرگىمۇ دىققەت قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ. بۇ ئۇقۇمنىڭ، ھەم دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ھەم مۇستەبىت تۈزۈملەرنى، ھەم نېفىتكە باي پارس قولتۇقىدىكى پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنى ھەم دۇنيانىڭ ئەڭ ئارقىدا قالغان ئىقتىسادلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى سەۋەبىدىن ئانالىز جەھەتتە بىردەكلىككە ئىگە ئەمەسلىكى دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان بىر تەنقىدتۇر. ئەمما ئاپتور، بۇ كۆپ خىللىققا قارىماي، بۇ ئاتالغۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ھېلىھەم كۈچلۈك بىر شەكىلدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۇستىلىق بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. «يەرشارى جەنۇبى» نىڭ كۈچى، جۇغراپىيەلىك ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئوخشاشلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئورتاق بولغان مۇستەملىكىچىلىكتىن كېيىنكى چەتكە قېقىلىش كەچۈرمىشىدىن ۋە تېخىمۇ ئادىل بىر خەلقئارا تەرتىپ ئىزدەش ئارزۇسىدىن كېلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئۇقۇم، پەقەت ئىقتىسادىي بىر كاتېگورىيە بولۇشتىن ھالقىپ، ھەمكارلىق ۋە ئىسلاھات تەلەپلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان كۈچلۈك بىر سىياسىي كىملىكتۇر. بۇ كىملىك، يەرشارىۋى باشقۇرۇش مېخانىزملىرىدا تېخىمۇ كۆپ سۆز ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى خالايدىغان، تارىختا چەتكە قېقىلغان دۆلەتلەر ئۈچۈن بىرلىككە كەلتۈرگۈچى بىر بايراق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. بۇ جەھەتتىن «يەرشارى جەنۇبى»، ئونتولوگىيەلىك بىر رېئاللىقتىن بەكرەك، بىر سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ نامىدۇر.
ماقالە، جەنۇب- شىمال ئايرىمىنىڭ ئەكسىچە، تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا خاراكتېرگە ئىگە بولغان «شەرق-غەرب» (East-West) ئايرىمىنىڭ تەھلىلىگە ئۆتكەندە، مەسىلىنىڭ تارىخىي چوڭقۇرلۇقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. كۇمارغا كۆرە، بۇ ئايرىمنىڭ يىلتىزى قەدىمكى يۇنان ۋە رىمغا، يەنى ياۋروپانىڭ ئۆزىنى دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ قاراش چۈشەنچىسىگە تۇتىشىدۇ. لاتىنچىدا غەرب مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «Occident» بىلەن شەرق مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «Orient» ئارىسىدىكى سىمۋوللۇق سىزىق، ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ سىرتىدىكى ئاسىيانىڭ كەڭ ۋە نامەلۇم تۇپراقلىرىدىن ئايرىش شەكلى ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ ئايرىم، غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر دەرىجىلەر سىستېمىسىغا ئايلاندى: «Occident» ئەقىل، تەرتىپ ۋە ئەركىنلىك بىلەن باغلاشتۇرۇلسا، «Orient» سىرلىقلىق، زوراۋانلىق ۋە كونىچىلىق، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن ئوخشاش دەپ قارالدى. بۇ چۈشەنچە، ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېڭى دەۋرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە خىرىستىيان دىنىنىڭ شەرقتىكى ئىسلام ئىمپېراتورلۇقلىرى ئالدىدا ئۆزىنى تونۇشى بىلەن دىنىي بىر مەزمۇنغا ئىگە بولدى. ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن بىرگە، بۇ دۇنيا قاراش مەدەنىيەتلەر ئارا بىر دەرىجىلەر سىستېمىسىغا ئايلاندى. غەرب زامانىۋىلىق، ئىلغارلىق ۋە مەرىپەتكە ۋەكىللىك قىلسا، شەرق زاماندىن ھالقىغان، غەلىتە ۋە ئۆزگەرمەس دەپ تەسۋىرلەندى. ئاپتور، بۇ نۇقتىدا ئېدىۋارد سەئىدنىڭ مەشھۇر «ئورىئېنتالىزم» (شەرقشۇناسلىق) ئۇقۇملاشتۇرمىسىغا ئىشارەت قىلىپ، بۇ رامكىنىڭ قانداق قىلىپ بىر ئىدىيەۋى ۋە سىياسىي ھۆكۈمرانلىق ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىگەنلىكىنى ئىما قىلىدۇ.
كۇمار، بۇ قەدىمكى مەدەنىيەتلەر ئارا ئايرىمنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى لۇغىتى ئىچىدە قانداق قايتىدىن ئىپادىلەنگەنلىكىنى تەھلىل قىلىدۇ. ۋىنستون چېرچىلنىڭ 1946-يىلى تىلغا ئالغان «تۆمۈر پەردە» سى(Iron Curtain)، ئەمەلىيەتتە بۇ قەدىمكى شەرق-غەرب تەسەۋۋۇرىنىڭ داۋامى ئىدى، ئەمما بۇ قېتىم كاپىتالىزم بىلەن كوممۇنىزم ئوتتۇرىسىدىكى ئىدېئولوگىيەلىك كۈرەش پىرىزمىسىدىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەنىدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە شەرق-غەرب ئايرىمى ئىدېئولوگىيەلىك بىر خاراكتېرگە ئىگە بولغان بولسا، شىمال-جەنۇب ئايرىمى ئىقتىسادىي بىر كىملىككە ئايلىنىپ، بۇ ئىككى ئوق بىر-بىرى بىلەن تەڭ ۋاقىتتا ئىشلەشكە باشلىدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ شەرق-غەرب ئايرىمىنى، يەرشارىلىشىش ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئۆزئارا بېقىندىلىقنىڭ بولسا جەنۇب- شىمال ئايرىمىنى خىرەلەشتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك بىر كۆز قاراش مەۋجۇت ئىدى. ئەمما كۇمار، ھەر ئىككى ئوقنىڭ بۈگۈنكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ، ھەتتا يېڭى شەكىللەر ئاستىدا قايتىدىن جانلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتونىڭ كېڭىيىشى، رۇسىيەنىڭ قايتىدىن بىر كۈچ سۈپىتىدە سەھنىگە چىقىشى ۋە خىتاينىڭ يۈكسىلىشى، قەدىمكى مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيەلىك چېگرالارنى يېڭى قاپلار ئاستىدا قايتىدىن تىرىلدۈردى. «لىبېرال غەرب» ۋە «يۈكسىلىۋاتقان شەرق» دېگەنگە ئوخشاش ئىپادىلەر، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى سۆز بايلىقىنىڭ ئەكس ساداسىنى يەتكۈزمەكتە. ئىقتىسادىي كۈچ قىسمەن ئاسىياغا يۆتكەلگەن بولسىمۇ، سىياسىي ۋە تەشكىلىي ھۆكۈمرانلىق ھېلىھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندا مەركەزلەشكەن ھالەتتە تۇرماقتا. بۇ ئەھۋال، بىر ۋاقىتلاردا چەتكە قېقىلغان يەرشارى جەنۇبى دۆلەتلىرىنىڭ ئەمدىلىكتە يەرشارىۋى باشقۇرۇشتا كۈنتەرتىپ بەلگىلىگۈچى ئاكتىيورلار سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىش تەلىپىنى تېخىمۇ جاراڭلىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشىغا سەۋەب بولماقتا.
كۇمارنىڭ تەھلىلىنىڭ ئەڭ يېڭىلىق ياراتقۇچى ۋە ئىلھامبەخش قىسمى، بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان «ئارىلاشما كىملىكلەر» (hybrid identities) ۋە بۇ كىملىكلەرنىڭ جەنۇب- شىمال ۋە شەرق-غەرب ئوقلىرى بويىچە قانداق قايتىدىن قۇرۇلغانلىقىنى تەھلىل قىلغان بۆلۈمىدۇر. ئاپتورغا كۆرە، 20-ئەسىرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان ئىككى قۇتۇپلۇق (binaries)، ئورنىنى تېخىمۇ ئۆزگىرىشچان ۋە بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن كىملىكلەرگە بوشىتىپ بەردى. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ھىندىستاننىڭ ئۆزىنى بىر « غەربى جەنۇپ كۈچى» (South-Western power) سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇشى، بۇ يېڭى دەۋرنىڭ روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇكەممەل بىر ئۆرنەكتۇر. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جايشانكارنىڭ بۇ ئىپادىسى ئارقىلىق، يەرشارى سىياسىتىنى ھېلىھەم شەرق-غەرب قۇتۇپلىشىشى ئارقىلىق چۈشىنىشكە داۋام قىلىۋاتقان غەرب تەپەككۇر مەركەزلىرىگە بىر جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن كۇمار، بۇ ئاتالغۇنىڭ ھىندىستاننىڭ قوش رولىنى تەكىتلەش مەقسىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: ھىندىستان بىر تەرەپتىن يەرشارى جەنۇبىنىڭ يېتەكچى ئاۋازى (جەنۇب كىملىكى)، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا غەربنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر شېرىكىدۇر (غەرب كىملىكى). بۇ خىلدىكى بېكىتىش ۋە ئارىلاشما ئۆزىنى ئىپادىلەش شەكلى، گەرچە رەسمىي سۆزلەملەردە ھازىرچە ئاز ئۇچرىسىمۇ، دۆلەتلەرنىڭ ئاددىي كاتېگورىيەلەرگە قانداق قارشى چىقىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە خاس ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيە ساھەلىرىنى يارىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
خۇلاسىلىگەندە، ئابھىناندان كۇمارنىڭ ماقالىسى، گېئوپولىتىكىلىق تەھلىللەردە كۆپ قوللىنىدىغان ئاساسلىق ئۇقۇملارنىڭ جۇغراپىيەلىك بىر بەلگىدىن كۆپ ئارتۇق مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر تەتقىقاتتۇر. بۇ ئۇقۇملار، بىر دۆلەتنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك يۆنىلىشلىرى، تارىخىي كەچۈرمىشلىرى ۋە بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى ئورنىنىڭ بىر بىرىكمىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. كۇمارنىڭ تەھلىلى، بۇ ئاتالغۇلارنىڭ تارىخىي تەدرىجىي تەرەققىياتىنى بىلىشنىڭ، بۈگۈنكى مۇرەككەپ ۋە كۆپ قاتلاملىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تورىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر ئانالىز رامكىسىنى تەمىنلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «يەرشارى جەنۇبى» نىڭ سىياسىي بىر قۇرۇلۇش سۈپىتىدە يۈكسىلىشى، شەرق-غەرب ئايرىمىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيەلىك قاتلاملىرىنىڭ قايتىدىن جانلىنىشى ۋە ھىندىستانغا ئوخشاش يۈكسىلىۋاتقان كۈچلەرنىڭ قوبۇل قىلغان ئارىلاشما كىملىكلىرى، 21-ئەسىر گېئوپولىتىكىسىنىڭ تۇراقلىق ۋە ئىككى قۇتۇپلۇققا ئاساسلانغان كونا پارادىگمالار بىلەن چۈشىنىلمەيدىغانلىقىنىڭ ئەڭ ئېنىق ئىسپاتىدۇر. شۇڭا، كۇمارنىڭ بۇ ئەسىرى، پەقەت ئاكادېمىكلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىياسەتچىلەر، دىپلوماتلار ۋە مۇخبىرلار ئۈچۈنمۇ قېلىپلاشقان چېگرالاردىن ھالقىپ، دۇنيانىڭ يېڭى كۈچ خەرىتىسىنى ئوقۇش ئۈچۈن ھالقىلىق بىر ئىدىيەۋى كومپاس بولۇش سۈپىتىگە ئىگە.
مەنبە:
[1] Kumar, Abhinandan. (2025, 22 Ekim). Geopolitics and making sense of the NEWS: North, East, West, South. The Interpreter, Lowy Institute. Alınan yer: https://www.lowyinstitute.org/the-interpreter/geopolitics-and-making-sense-news-north-east-west-south