تۆت يىللىق پىراقتىن كېيىنكى دىدارلىشىش: بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ يولدىشىنى قۇتقۇزۇش ھېكايىسى

خىتاينىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى سەۋەبىدىن ماراكەشتە قولغا ئېلىنىپ، تۆت يىلغا يېقىن تۈرمىدە ياتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىدرىس ھەسەن، ئايالى زەينۇرە ھەسەننىڭ يىللارچە داۋاملاشقان خەلقئارالىق كۈرىشى نەتىجىسىدە قويۇپ بېرىلىپ، ئاخىرى كانادادا ئائىلىسى بىلەن جەم بولدى. بۇ جەريان بىر ئائىلىنىڭ پاجىئەلىق ئايرىلىشى، بىر ئايالنىڭ قەيسەر ئىرادىسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر درامىغا ئايلاندى.

بۇ ۋەقە 2021-يىلى 7-ئايدا ئىدرىس ھەسەننىڭ تۈركىيەدىن ماراكەشكە بارغاندا، كاسابلانكا ئايرودرومىدا خىتاينىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى (Interpol) ئارقىلىق چىقارغان «قىزىل باشلىق ئۇقتۇرۇشى» سەۋەبلىك تۇتۇپ قېلىنىشى بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭغا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى بارلىقى ئېيتىلغان. ئىدرىسنىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولۇشى ۋە كېيىنكى قىسقىغىنە تېلېفونى زەينۇرە ئۈچۈن ئۇزۇن ۋە جاپالىق كۈرەش مۇساپىسىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

ئىدرىس ۋە زەينۇرە ئەسلىدە خىتاينىڭ شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش سىياسىتىدىن قېچىپ، 2010-يىللاردا تۈركىيەگە كېلىپ ئورۇنلاشقانىدى. ئۇلار ئىستانبۇلدا يېڭى تۇرمۇش باشلاپ، ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان. ئىدرىس ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەشۋىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پائالىيەتچى ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى ئۇلارنىڭ تىنچ تۇرمۇشىغا خاتىمە بەردى.

يولدىشى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، زەينۇرە شىنجاڭدىكى ئائىلىسىدىن كەلگەن بېسىملىق تېلېفونغا دۇچ كەلدى. ئاتا-ئانىسى دائىرىلەرنىڭ تەھدىتى ئاستىدا ئۇنىڭغا «جىم تۇرۇش»نى، «خىتايغا قارشى ھېچقانداق سۆز قىلماسلىق»نى «نەسىھەت» قىلغان. زەينۇرە خانىم مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار (خىتاي ھۆكۈمىتى) مېنى سۆزلەشكە، ھەقىقەتنى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا مەجبۇر قىلدى. چۈنكى مەن يولدىشىمنى قۇتقۇزۇشۇم كېرەك ئىدى».

بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتى بولمىغان بۇ ئايال پۈتۈن كۈچى بىلەن يولدىشىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئۆزىنى ئاتىدى. ئۇ بالىلىرىنى باشلاپ ئىستانبۇلدىكى ماراكەش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يولدىشىنىڭ ئەھۋالىنى توختىماي ئاڭلىتىپ تۇردى. ئۇنىڭ بۇ پىداكارلىقى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ئىدرىس ھەسەنگە چىقارغان قىزىل رەڭلىك ئۇقتۇرۇشنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، ماراكەش سوتى خىتاينىڭ كۈچلۈك دىپلوماتىك بېسىمى ئاستىدا ئۇنى يەنىلا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقاردى. كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ، ئىدرىسنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا قىيىن-قىستاققا ئۇچراش خەۋپى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىشنىڭ ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇشى 2025-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاكتىپ ئارىلىشىشى بىلەن يۈز بەردى. يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ماركو رۇبىئونىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىشى ۋە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ئىدرىسنىڭ تەقدىرىگە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ماراكەش ھۆكۈمىتى ئاخىرى ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىشكە قوشۇلدى.

2025-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىدرىس ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنىڭ ھەمراھلىقىدا بىخەتەر ھالدا ۋاشىنگتونغا يېتىپ باردى. ئەمما ئائىلىنىڭ تولۇق جەم بولۇشى ئۈچۈن يەنە يەتتە ئاي ساقلاشقا توغرا كەلدى. ئاخىرىدا كانادا ھۆكۈمىتى بۇ ئائىلىگە مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ۋىزىسى بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىغا شارائىت ياراتتى.

idrisfamily

9-ئاينىڭ 24-كۈنى، زەينۇرە ئۈچ پەرزەنتى بىلەن ئىستانبۇلدىن ئۇچۇپ، تورونتو ئايرودرومىدا تۆت يىلدىن بۇيان كۆرۈشەلمىگەن يولدىشى بىلەن دىدارلاشتى.

زەينۇرە خانىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۇنى كۆرگەن ھامان بارلىق ئەندىشىلىرىم يوقالدى. بۇنچە يىل قورقۇنچ ۋە ئەندىشە ئىچىدە ياشىدۇق. ئەڭ ئادالەتسىزى شۇكى، ئەگەر سىز ئۇيغۇر بولسىڭىز، ھېچقانداق سەۋەبسىز قولغا ئېلىنىپ، قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيلا قېلىشىڭىز مۇمكىن. بالىلىرىم پەقەت دادىسىنى قايتا كۆرۈشنى ۋە ئۇنى قۇچاقلاشنىلا ئارزۇ قىلاتتى.

(مەنبە: The Guardian)