«ھەممە ئۈچۈن ئادالەت» تەشكىلاتى  مىشېل باچېلېتنىڭ يېقىندا خىتايغا قىلغان زىيارىتىنى ئەيىبلىدى

«ھەممە ئۈچۈن ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش» پائالىيىتى، داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقا كۆرۈنۈشىدە مىشېل باچېلېتنىڭ يېقىندا خىتايغا قىلغان زىيارىتىنى ئەيىبلىدى

2025-يىلى 28-ئۆكتەبىر (بايانات)

«ھەممە ئۈچۈن ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش» پائالىيىتى ب د ت نىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ 2025-يىلى 13-14-ئۆكتەبىر كۈنلىرى بېيجىڭدا ب د ت ئاياللار كومىتېتى ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن ئورتاق ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ ئاياللار مەسىلىسى يىغىنى جەريانىدا قىلغان زىيارىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. ئىشەنچلىك دەلىللەر ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرغان بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەت، جاۋابكارلىقتىن كۆرە كۆز بويامچىلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتەك داۋاملىق بىر ئەندىزىنى نامايان قىلدى.

باچېلېتنىڭ ئاياللار ھوقۇقىنى كۈچەيتىش يىغىنىغا قاتنىشىشىدىكى مەسخىرىلىك ئەھۋال قانچە تەكىتلەنسىمۇ ئاز. ئىشەنچلىك دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشچە، ئۇيغۇر ئاياللىرى مەجبۇرىي تۇغماسلاشتۇرۇش، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىشقا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ قىلمىشلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆزى ۋە مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن. 2021-يىلىدىكى «ئۇيغۇر سوتى» دوكلاتىدا مەجبۇرىي تۇغماسلاشتۇرۇش نىسبىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان، ھايات قالغانلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىدە لاگېرلاردا سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق ۋە خورلۇقنىڭ تەپسىلاتلىرى بايان قىلىنغان. خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىش سىستېمىسىدىن ھايات قالغان ئۇيغۇر ئايال گۈلباھار جەلىلوۋا مۇنداق دېگەن: «بىز مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بەدىنىمىزدىن نومۇس قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلدۇق ۋە ھاقارەتلەندۇق». بەزى تۇتقۇنلارغا ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمەي ئوكۇل ۋە نامەلۇم دورىلار ئۇرۇلۇپ، بەزى ئاياللارنىڭ ھەيز كۆرۈشى توختىتىلغان. ئۇنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى، بۇنداق جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەت ئاستىدا «ئاياللار رەھبەرلىكى» نى تەبرىكلەشنىڭ چوڭقۇر ئىككى يۈزلىمىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

«ھەممە ئۈچۈن ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات دىرېكتورى ھېنا زۇبەرى مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى (ج ك پ) نىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاساسلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرىدۇر. ئۇلار قۇللۇق، قىيىن-قىستاق، جىنسىيەتكە ئاساسلانغان زوراۋانلىق، تەشكىللىك باسقۇنچىلىق سىستېمىسى، جىنسىي قۇللۇق، مەجبۇرىي نىكاھ ۋە تۇغماسلاشتۇرۇشقا دۇچ كەلمەكتە. ئۇلار بالىلىرىدىن، ھەتتا ئېمىتىۋاتقان بوۋاقلىرىدىن ئايرىلىشنىڭ روھىي ئازابىنى تارتماقتا، ئېتىقادسىز كوممۇنىست خىتايلارغا ياتلىق بولۇش ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىدەك قورقۇنچلۇق تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە. باچېلېت ۋە ب د ت ئاياللار مۇنبىرىنىڭ تەكشۈرۈشى كېرەك بولغىنى دەل مۇشۇ».

يىغىن جەريانىدا، خىتاي ئەمەلدارلىرى باچېلېتنى «خىتاي خەلقىنىڭ دوستى» دەپ قارشى ئالدى، ئۇمۇ ئاشكارا ھالدا پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ماختاپ، خىتاينىڭ كۆپ تەرەپچىللىك ۋە «ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئورتاق كەلگۈسى» دېگەن سۆزىنى تەكرارلىدى. بۇ كۆرۈنۈش ئۇنىڭ ج ك پ نى ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە ئائىلىلىرىگە قاراتقان سىستېمىلىق باستۇرۇشى توغرىسىدا قەتئىي تۇرالماي، بېيجىڭنىڭ شەرتلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا مايىل ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

«ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش» پائالىيىتىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ئارسلان ھىدايەت مۇنداق دېدى: «مىشېل باچېلېت ج ك پ ئۆتكۈزگەن بىر پائالىيەتكە قاتنىشىپ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئورنىغا، يەنە بىر قېتىم ماھىيەتتىن كۆرە شەكىلۋازلىقنى تاللىدى. بىر سابىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى خىتايغا ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ھەقىقەت ۋە جاۋابكارلىقنى ئىزدىگىلى بېرىشى كېرەك ئىدى، ئۇلارنىڭ زۇلۇمىغا مەسئۇل ئەمەلدارلار بىلەن بىر سەھنىدە كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئەمەس».

باچېلېتنىڭ يېقىنقى زىيارىتى ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەرىكەتسىزلىك خاتىرىسىگە قوشۇلغان يەنە بىر ئىشتۇر. ئۇ ئالىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن تۆت يىل ئىچىدە، ج ك پ نىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەيىبلەيدىغان بىرەر مۇستەقىل بايانات ئېلان قىلالمىدى. ئۇنىڭ بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى بىردىنبىر ئېتىراپ قىلىشى 2022-يىلى 31-ئاۋغۇست، ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى سائىتىدە، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى دەلىللەيدىغان، ئۇزۇن كېچىكتۈرۈلگەن بىر دوكلات بىلەن بولغان بولۇپ، بۇ ھەقىقىي رەھبەرلىكنى نامايان قىلىش ئۈچۈن بەكلا كېچىككەن ئىدى.

«ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش» پائالىيىتى يەنە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ۋە پۇقرالار جەمئىيىتىنى مىشېل باچېلېتنىڭ كېيىنكى ب د ت باش كاتىپلىقىغا نامزاتلىقىنى رەت قىلىشقا ۋە كېيىنكى باش كاتىپنىڭ باچېلېتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىدە ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغان مىسلىسىز سەمىمىيەت، ئاشكارىلىق ۋە جاۋابكارلىقنى نامايان قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىدۇ. «ھەممە ئۈچۈن ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئىمام ئابدۇلمەلىك مۇجاھىد مۇنداق دېدى: «يىللارچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئالدىدا سۈكۈت قىلغاندىن كېيىن مىشېل باچېلېتنى باش كاتىپ نامزاتلىقى بىلەن مۇكاپاتلاش، ئۇ ئۈمىدىنى يەردە قويغان قۇربانلارغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر. مىليونلىغان كىشى تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقان ۋە كىملىكىدىن مەھرۇم قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىگە قارشى تۇرۇشنى رەت قىلىشى، ئۇنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلىش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ».

«ھەممە ئۈچۈن ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش» پائالىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىش ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئەمدى ئادالەت ئورنىغا سۈكۈتنى مۇكاپاتلىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ.

https://www.justiceforall.org/save-uighur/justice-for-alls-save-uyghur-campaign-condemns-michelle-bachelets-recent-visit-to-china-amid-ongoing-genocide/