خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە خىلاپ قىلمىشلىرى يېڭى گۇۋاھلىقلار بىلەن ئاشكارىلانماقتا. تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدا ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلار ئېغىر قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقاندا، مەسچىتلەر چېقىلىۋاتىدۇ، قەبرىستانلىقلار ۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تۈركلىرى سىستېمىلىق ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنماقتا. ئىسلام دۇنياسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بولسا بۇ چوڭ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. قەدىمىي بىر مىللەت كۆز ئالدىمىزدا تارىختىن ئۆچۈرۈلمەكتە! مانا بۇ ژۇرنالىست، يازغۇچى ھالىس ئۆزدەمىرنىڭ ئەستىن چىقمايدىغان، يۈرەكلەردە چوڭقۇر ئىز قالدۇرىدىغان «شەرقىي تۈركىستان ھەقىقىتى: جىمجىتلىق ئارقىسىدىكى زۇلۇم» ناملىق ماقالىسى!..
خالىس ئۆزدەمىر
2025-يىلى 31-ئۆكتەبىر
ئىسلام دۇنياسى شەرقىي تۈركىستاننى قۇربان قىلدى!
شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلۈم جىمجىتلىقى
قەدىمىي بىر مىللەت يوقىتىلىۋاتقاندا!
بالىسىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى، دادىسىنى، ئانىسىنى ئىزدەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قايغۇلۇق ھېكايىلىرى!
ۋە ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىن كېتىۋاتىدۇ، نېمىشقا؟
شەرقىي تۈركىستاندا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇسۇللار بىلەن بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقاندا دۇنيا جىم، ئىنسانىيەت جىم!
مەسچىتلىرى چېقىلغان، قەبرىستانلىقلىرى ۋەيران قىلىنغان، بالىلىرى قولىدىن ئېلىنغان، ئەرلىرى تۇتقۇن قىلىنغان، ئاياللىرى تۇتقۇن قىلىنىپ تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان، ئەزالىرى ئوغرىلانغان، مال-مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنغان قەدىمىي بىر مىللەتنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايۋاتىدۇ!
قارىغۇلار ۋە گاسلار ئويۇنى ئوينىلىۋاتقاندا بىر مىللەت ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ.
ئەقىلگە سىغمايدىغان قىلمىشلار ۋە ھېكايىلەر بارلىق توسقۇنلۇقلارغا قارىماي ئاشكارىلانماقتا!
گۈلباھار جەلىلوۋانىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرى: «لاگېردا 14 ياشتىن 80 ياشقىچە ئاياللار بار ئىدى، ھېچقانداق جىنايىتى يوق ئىدى، ئويدۇرما ئەيىبلەشلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانىدى. بىز تۇرغان يەرنىڭ دېرىزىسى يوق ئىدى، ھاجەتخانا كامېرنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى ئوچۇق جاي ئىدى، سۇ يوق ئىدى، تاھارەت ئېلىشىمىز چەكلەنگەنىدى. بىز تۇرغان يەرنىڭ بىر قىسمى ياغاچ بىلەن قاپلانغان بولۇپ، نۆۋەت بىلەن شۇ ياغاچقا يېتىپ ئارام ئالاتتۇق، بىر قىسمىمىز يەردە ياتقاندا، قالغانلىرىمىز ئولتۇرغۇدەك جاي بولمىغاچقا تىك تۇراتتۇق. ھەر ئەتىگەن بىزدىن يالىڭاچ سويۇنۇشنى تەلەپ قىلاتتى، بىزگە ھەرىكەتلەرنى قىلدۇراتتى، ئارىمىزدىن بەزىلىرىنى تاللاپ ئېلىپ كېتىپ بىزگە تاجاۋۇز قىلاتتى. بالىسى بار ياش قىزلارنىڭ بوۋاقلىرىنى قولىدىن تارتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئەقلىدىن ئازغانلار بولاتتى. كامېرنىڭ ئىشىكىدە بىر تۆشۈك بار ئىدى، شۇ يەردىن قولىمىزنى ئۇزىتىپ بىزگە ئوكۇل سالاتتى، ئىچىدە نېمە بارلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ئوكۇل سېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتۇق. ئىچىدە تاجاۋۇزغا ئۇچرىمىغان ھېچكىم يوق ئىدى...». بۇ قاننى مۇزلىتىدىغان كەچۈرمۈشلەرگە قوشۇلۇپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ يۈرگۈزگەن يەنە بىر قاننى مۇزلىتىدىغان ھېكايىنى، ئىنسانلارنىڭ يوقىتىلىشىغا يەنە بىر مىسالنى، گۇۋاھچىنىڭ ئۆزى، يەنى ھەرىكەتكە قاتناشقان خادىمنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئىقرار قىلغانلىرىنى ئاڭلايلى!
ئۇيغۇرلارغا قوللىنىلغان ھەرىكەت شەيتاننىڭمۇ خىيالىغا كەلمەيدۇ!
سابىق خىتاي بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئىقرارى: «2008-يىلى كۆرگەن بىر ۋەقە ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى»
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان بىخەتەرلىك ھەرىكەتلىرىگە دائىر يېڭى بىر گۇۋاھلىق، رايوندا يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئايدىڭلاشتۇردى. ليۇ لاڭ جۈن (六郎君) ئىسىملىك X ئىشلەتكۈچىسى، 2012-يىلى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىمىدىن (武警) پېنسىيەگە چىققان سابىق ساقچى، 2008-يىلى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلگە ئائىت ھەيران قالارلىق بىر ئىقرارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرىنى ھەمبەھرىلىدى.
گۇۋاھچىنىڭ بايانلىرى: «مەن شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان) 12 يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن 2012-يىلى پېنسىيەگە چىققان قوراللىق ساقچى خادىمى. 2008-يىلى يۈز بەرگەن بىر ھەرىكەت ھەققىدە بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن. ھەرىكەت تەخمىنەن مۇنداق ئىدى: ئۇ كۈنى پولك قوماندانىمىز بىزدىن مەھبۇسلارنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تۈرمىگە بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. بارغاندىن كېيىن ئۇلارنى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ فورمىسىغا ئالماشتۇرۇشىمىز كېرەك ئىدى. مەن ھەيران قالدىم. پولك قوماندانىدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى قايتا سورىدىم. ئۇ بىزگە سورىماسلىقىمىزنى ئېيتتى. مەھبۇسلارنىڭ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، پولك قوماندانى بىزگە يەرلىكلەردەك كىيىنىشىمىزنى ئېيتتى؛ مۇسۇلمانچە چاپان ۋە ياغلىق. ئاندىن بىزنى فورما كىيگەن مەھبۇسلاردىن ئايرىپ، ۋەزىپىمىزنى ئورۇندايدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. ۋەزىپە ئورنىغا يېتىپ بارغاندا، يۈك-تاقلىرىمىزدىن ئەسلىھەلىرىمىزنى ئېلىشىمىزنى ئېيتتى. جەمئىي سەككىز سومكا بار ئىدى، بىز سەككىز كىشى ئىدۇق، ئىچى پىلتىلىك ئوت قويۇش شېشىلىرى بىلەن تولغانىدى. ئاندىن بىزگە ھەرىكەت يوليورۇقىنى بەردى.
«ھەرىكەتنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى كېيىن چۈشەندىم»
بىزگە، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئەسكىرى قىياپىتىگە كىرگەن تۆت قاچقۇن مەھبۇسنىڭ رايونىمىزدىن ئۆتۈۋاتقانلىقى ئېيتىلدى. ئۇلار پۇسۇش ئورنىغا يېتىپ كەلگەندە، سەككىزىمىز ئۇلارغا پىلتىلىك ئوت قويۇش شېشىلىرىنى ئېتىپ ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىدىكەنمىز. شۇنداقلا، ۋەزىپىمىز بۇ تۆت كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىكەن. شۇنداق قىلىپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئەسكىرى قىياپىتىدىكى تۆت مەھبۇس يېقىنلاپ كەلدى ۋە سەككىزىمىز يۈگۈرۈپ ئۇلارنىڭ يېنىغا باردۇق. ئۇلارنى كۆرگىنىمدە تونۇشتەك كۆرۈنگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. تۈرمىدىن ئېلىپ چىققان تۆت كىشى ئىكەنلىكىنى ئويلىدىم. ئاندىن ئۇلارنى پىلتىلىك ئوت قويۇش شېشىلىرىنى ئېتىپ كۆيدۈرۈۋەتتۇق ۋە ئۆلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردۇق. ئۇ چاغدا مەن ھاڭ-تاڭ قېلىپ، بۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بولغانلىقىنى ئويلىدىم. بۇنىڭ سەھنىلەشتۈرۈلگەن بىر ئويۇن ئىكەنلىكىنى ئويلىدىم. ئەتىسى، تۆت خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئەسكىرىنىڭ سەككىز ئۇيغۇر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە بىر خەۋەرنى كۆردۈم. شۇ كۈنى، پۈتۈن قىسمىمىز «مۇقىملىقنى قوغداش» ئۈچۈن جىددىي ھالدا ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بېرىشقا يىغىلدى. ماشىنىدىن چۈشۈپ ۋەقە يۈز بەرگەن جاينى كۆرگىنىمدە چۆچۈپ كەتتىم. بىز سەككىزىمىز تۆت مەھبۇسنى شۇ يەردە كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەنىدۇق. يېقىن ئەتراپتا بىر يېزا بار ئىدى. يېتەكچىمىز، سەككىز تېرورچىنىڭ يېزا بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى قەيت قىلدى. يېزا ئاھالىلىرى، سەككىز ئادەمنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئەلۋەتتە، يېزا ئاھالىلىرى بىزنىڭ مەخپىي ھەرىكىتىمىزدىن خەۋەرسىز ئىدى. شۇڭا يۈز بېشى يېزىدىكى ھەممەيلەننى تۇتقۇن قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى.
«بىر يېزىنىڭ يوقىتىلىشىغا گۇۋاھ بولدۇم»
ئەتىسى جىددىي ھالدا ھەرىكەت ئۈچۈن يىغىلىپ، بالا-چاقا ۋە ياشانغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن يېزىنى يىغىپ كەلدۇق. يېزا خەرىتىدىن دېگۈدەك ئۆچۈرۈلگەنىدى. ھەربىي خىزمەتتىن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن رايوننى قايتا زىيارەت قىلغىنىمدا، ئۆيلەرنىڭمۇ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردۈم. ھېچنېمە قالمىغانىدى. بۇ كەچۈرمۈش، مېنىڭ ھەربىي خىزمەتتىن ئايرىلىش قارارىمغىمۇ تەسىر قىلدى. يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ ۋەزىپىنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم. شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان) يېزىلاردا ئوتلاقنىڭ چەكلىنىشىنىڭ سەۋەبى 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئىكەن. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇنى يېزىغا ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن بارغاندا بىر تالاش-تارتىش يۈز بېرىپتۇ. ئاندىن ئالاھىدە ساقچىنى چاقىرىپتۇ ۋە ئالاھىدە ساقچى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ بارلىق قوي-قوزىلىرىنى مەجبۇرىي مۇسادىرە قىلىپتۇ. ئالاھىدە ساقچى قويلارنى مۇسادىرە قىلىۋاتقاندا، بىر قانچە ياش ئەمەلدارلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارغا تاش ۋە خىشلار بىلەن ھۇجۇم قىلىپتۇ. مانا شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن يېزا يەر بىلەن يەكسان قىلىنىپ، بارلىق يېزا ئاھالىلىرى تۇتقۇن قىلىنىپتۇ. بۇ ۋەقە مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن قەتئىي پېنسىيەگە چىقىشقا قارار قىلدىم. بۇ ھەقتە دېمەكچى بولغانلىرىم مۇشۇنچىلىك. كوممۇنىستىك پارتىيە ھەقىقەتەن رەزىل».
بۇنىڭدىن باشقا، سابىق خىتاي ساقچىسى ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىنىڭ ئاستىغا 2008-يىلى شۇ مەزگىلدە يۈز بەرگەن ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ ئۇلىنىشىنىمۇ قالدۇرغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ گۇۋاھلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان «مۇقىملىقنى قوغداش» ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى سىستېمىلىق يېپىپ-يوشۇرۇش مېخانىزمىغا دائىر يېڭى بىر مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدۇ. بولۇپمۇ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» باھانىسى بىلەن يۈرگۈزۈلگەن ھەرىكەتلەردە ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارلىقىنىڭ 2022-يىللىق دوكلاتىدىمۇ كەڭ ئورۇن ئالغانىدى.
بۇ گۇۋاھلىقلار خىتاينىڭ ئىرقىي تازىلاش سىياسەتلىرىنى ئاشكارىلىغان بىلەن بىرگە، ئەپسۇسكى ئىنسانىيەت ھەرىكەتكە ئۆتمەيۋاتىدۇ! ئاھالىسى مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر سۈكۈتىنى ساقلىماقتا! شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئىچكى يۈزىنى، بۈگۈن رايوندا داۋاملىشىۋاتقان بېسىم تۈزۈمىنىڭ قانداق ئاساسلانغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر. بۇ خىل گۇۋاھلىقلار ھەم تارىخىي ئەسلىمە، ھەم خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن خاتىرىلىنىشى كېرەك.
(مەنبە: @NYSean66 https://x.com/NYSean66/status/1976289891706081540)
قەدىمىي شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئەقىلنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان سۇيىقەستلەر بىلەن يوقىتىلماقتا!
تۈرك-ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە مىللەتلىرى قاچان ئاۋاز چىقىرىدۇ، كوممۇنىست خىتاي زۇلۇمىغا قاچان «توختا» دەيدۇ دەيسىز؟
قاچان؟
بۇ شارائىتلاردا بالىسىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ئىزدەۋاتقان ئۇيغۇرلار
مۇھاجىر ئۇيغۇرلار تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھايات قېلىش كۈرىشى بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۆز ئائىلە ئەزالىرىنى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش كۈرىشىنى قىلماقتا.
يېقىندا، رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەت ئىنىسى مەۋلان نۇرمۇھەممەتنى خىتاي تۈرمىلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ب د ت نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىشىكلەرنى چارىسىزلىك بىلەن قاقماقتا. ئۇنىڭ ئىنىسى تۈركىيەدە ئوقۇغان، شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كەتكەن ۋە شۇ يەردە تۇتقۇن قىلىنغان.
تۈركىيەگە كېلىش كوممۇنىست خىتاي ئۈچۈن تېررورچى بولۇش دېمەكتۇر! 9 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازا مۇددىتى توشىدۇ ۋە قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. مەۋلانانىڭ ئاچىسى ئىنىسىنىڭ قويۇپ بېرىلمەسلىكىدەك بىر زۇلۇمغا يەنە بىر قېتىم دۇچ كېلىشنى خالىمايدۇ. رىزۋانگۈل خانىم ئىنىسى تۇتقۇن قىلىنغاندا بالىسىنىڭ ئالتە ئايلىق ئىكەنلىكىنى، ھازىر بولسا جىيەنىنىڭ 9 ياشقا كىرگەنلىكىنى، جىيەنىنىڭ دادىسىز چوڭ بولغانلىقىنى سۆزلەپ، ئىنىسىنىڭ ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
ئۆمەر فارۇق ئىككى بالىسىنى، قېرىنداشلىرىنى، ئانىسىنى، دادىسىنى خىتاي زىندانلىرىدا ئىزدەۋاتىدۇ! ئۇلاردىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمايۋاتىدۇ. ئۆمەر فارۇقنىڭ بالىلىرى ۋە پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى، ئائىلىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى داڭلىق سودىگەرلەردىن بولۇشى ۋە تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا باشلىغانلىقى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆمەر فارۇقنىڭ ئىككى بالىسى 2-3 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىنىڭ قولىدىن ئېلىنىپ كېتىلگەن ۋە بالىلار تۈركىيە پۇقراسى! ئىزدەيدىغان يوق، سورايدىغان يوق! فارۇقنىڭ ئايالى بالىلىرىنىڭ بۆشۈكلىرىگە قاراپ كۈنلىرىنى چارىسىزلىك ئىچىدە يىغلاپ ئۆتكۈزمەكتە!
ئابدۇراھمان توختىنىڭ ئايالى، دادىسى، ئانىسى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، 2.5 ياشلىق بالىسى كوممۇنىست خىتاي لاگېرلىرىدا كوممۇنىست خىتايلىق سۈپىتىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنماقتا. ئابدۇرەھمان توختى چارىسىزلىك ئىچىدە پەرياد قىلماقتا!
مەدىنە خانىم ئىنىسىنى ئىزدەۋاتىدۇ. ئىنىسى تۈركىيە پۇقراسى، ئۇنىۋېرسىتېتنى تۈركىيەدە ئوقۇغان. ئانىسى كېسەل بولۇپ قالغاندا ئانىسىغا قاراش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كېتىدۇ. كېتىشى بىلەنلا دەرھال تۇتقۇن قىلىنىدۇ! جىنايىتى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىدىن(!) ئىكەن. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە كۆرە، تۈركىيەگە كېلىش تېررورچى بولۇش دېمەكتۇر!
روشەن ئابباس دوختۇر بولغان سىڭلىسىنى ئىزدەۋاتىدۇ! سىڭلىسى باشقىلارغا ئوخشاش كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئويدۇرما ئەيىبلەشلەر بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان. روشەن خانىم يىللاردىن بۇيان كۈرەش قىلىشىغا قارىماي، خىتاي ھاكىمىيىتى سىڭلىسىنى قويۇپ بەرمىگەننىڭ سىرتىدا، ئۇنىڭ ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەيۋاتىدۇ! روشەن ئابباس باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش يېقىنلىرىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمايۋاتىدۇ!
ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوخشاش تەقدىر ۋە مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتىدۇ.
تۈركىيەدىن خىتايغا ئېلىپ بېرىلغان بەزى ژۇرنالىستلارنىڭ خىتايدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قىلغان باياناتلىرى پۈتۈنلەي خائىنلىقتۇر.
شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت داۋاملىشىۋاتقاندا دۇنيا جىم، مۇسۇلمان تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسى سەزگۈسىز ۋە سۈكۈتتە!
زۇلۇمغا رازى بولۇش زۇلۇمدۇر!
ۋەسسالام
http://bncmedyahaber.com/haber-dogu-turkistan-gercegi-sessizligin-ardindaki-zulum-8553.html