بېيجىڭنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى توختاتقان ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كەچۈرۈم سورىدى

تۈركىستان تايمز  لوندون:  2025-يىلى 3-نويابىر ئەنگلىيەدىكى شېففىلد ھاللەم ئۇنىۋېرسىتېتى (Sheffield Hallam University) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىۋاسىتە تەھدىتلىرى»گە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى مۇھىم بىر تەتقىقات تۈرىنى توختىتىپ قويغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كەڭ تەنقىدكە ئۇچرىدى. ئۇنىۋېرسىتېت جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قارارىدىن يېنىۋېلىپ، تەتقىقاتقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان دۇنياغا داڭلىق مۇتەخەسسىس پىروفېسسور لاۋرا مۇرفى (Laura Murphy) دىن رەسمىي كەچۈرۈم سورىدى.

بۇ ۋەقە زامانىۋى قۇللۇق تۈزۈمى تەتقىقاتى بىلەن خەلقئارادا تونۇلغان پىروفېسسور لاۋرا مۇرفىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنى ئەيىبلىشى بىلەن باشلاندى. مۇرفىنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئۇنىۋېرسىتېتقا بىۋاسىتە تەھدىت سالغان. بۇنىڭغا قوشۇمچە، خىتاي دائىرىلىرى شېففىلد ھاللەم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتى ۋە ئېلخەت ئادرېسلىرىنى خىتاي ئىچىدە پۈتۈنلەي چەكلەپ، خىتايلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە تىزىملىتىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلغان.

پىروفېسسور مۇرفى باياناتىدا: «بىز ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قېلىشىغا يول قويالمايمىز. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توختاۋسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئىلىم ساھەسىنىڭ بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئاشكارىلايدىغان ئەستايىدىل تەتقىقاتلارنى داۋاملاشتۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم» دېدى. ئۇ يەنە BBC گە بەرگەن باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بېيجىڭدىكى خىزمەتچىلىرىنى «قورقۇتقانلىقى، پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى ۋە سوراق قىلغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى.

شېففىلد ھاللەم ئۇنىۋېرسىتېتى دەسلەپتە بۇ قارارنى «مۇرەككەپ ئەھۋاللار» سەۋەبىدىن چىقارغانلىقىنى، خىتاي بىلەن بولغان «سودا مەنپەئەتى»نى قوغداش مەقسىتى يوقلۇقىنى ئېيتىپ ئۆزىنى ئاقلىغان. بىراق، ۋەقە كېڭىيىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىۋېرسىتېت رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، لاۋرا مۇرفىنىڭ تەتقىقاتىنى «قوللايدىغانلىقىنى» ۋەدە قىلدى.

بۇ ئىش ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. باش ۋەزىر كېيىر ستارمېر ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە ئارالاشقانلىقىنى بىلدۈردى. باش ۋەزىر مەھكىمىسى باياناتچىسى: «بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مىنىستىرلار بۇ مەسىلىنى بېيجىڭ بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتنى قوللاش قارارىنى قارشى ئالىمىز» دېدى.