CNN Türk قانىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تەكلىپلىك زىيارىتى

تۈركىستان تايمز-ئىستانبۇل، 2025-يىلى 4-نويابىر: تۈركىيەدىكى چوڭ قاناللارنىڭ بىرى بولغان CNN Türk مۇخبىرى بۇشرا ئارسلانتاش ۋە كامېرامان جانەر ئەمرە قىناجى تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن 2025-يىلى 26-ئۆكتەبىردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى. قانالنىڭ زىيارەت نەتىجىسىدە ئېلان قىلىنغان دوكلاتى، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئەيىبلەشلىرى بىلەن كۈنتەرتىپتىكى ئورنىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان رايوندىكى زوراۋانلىق بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان رېئاللىقنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىپ بەردى.

تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دىپلوماتىك بېسىمنى كۈچەيتىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، CNN Türk گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىشلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي بايانلىرى بىلەن ئەمەلىي ئەھۋال ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر پەرقنى گەۋدىلەندۈردى. خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ زىيارەتنى «ئوچۇق-ئاشكارا سۆھبەتلىشىش پۇرسىتى» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، مۇخبىرلار يەرلىك ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ھەقىقىي ئالاقە قىلىش مۇمكىن ئەمەستەك دەرىجىدە قاتتىق كونترول قىلىنغان بىر مۇھىتقا دۇچ كەلدى.

رەسمىي زىيارەت جەريانىدا، رايوننىڭ باي مەدەنىيىتى ھاياتىي كۈچكە تولغان ئۇسسۇللار، مول داستىخانلار ۋە رەڭگارەڭ كىيىملەر ئارقىلىق نامايان قىلىندى. ئەمما، مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركچە، ئىنگلىزچە ياكى تەرجىمە ئەپلىرى ئارقىلىق تۇرمۇش شارائىتى ھەققىدە سۆھبەتلىشىش ئۇرۇنۇشلىرى سۈكۈت ياكى سىلىق كۈلۈمسىرەش بىلەن جاۋابسىز قالدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، يەرلىك خەلق كامېرا ئالدىدا يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك ھەققىدە سۆزلەشكە مايىل بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ سەزگۈر مەسىلىلەر ھەققىدە گەپ قىلىش، ئېغىز ئېچىشتىن ئەيمىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

پۈتۈن زىيارەت قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى. خەۋەر گۇرۇپپىسى ھەر ۋاقىت كەم دېگەندە ئۈچ كامېرا تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىندى، بۇلارنىڭ ئىچىدە كېيىنچە يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خادىملىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان كىشىلەرمۇ بار ئىدى. دوكلاتتا پىكىر بايان قىلغان ژۇرنالىست تاھا قىلىنچ شەرقىي تۈركىستاننى «ئىنتايىن ئېغىر قورشاۋ ئاستىدا» دەپ تەسۋىرلىدى ھەمدە رايوننىڭ ھەممىلا يېرىنى نۇرغۇن ساقچى ۋە بىخەتەرلىك كامېرالىرىنىڭ قاپلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

قانالنىڭ كامېراسىغا چۈشۈپ قالغان ئۈرۈمچىنىڭ خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى پىچاقلارنىڭ ئارغامچا بىلەن باغلانغان كۆرۈنۈشىنى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىخەتەرلىك ئېھتىياجىدىن يولغا قويۇلغان تەدبىر دەپ ئىزاھلىدى.

دوكلاتتا يەنە رايوننىڭ «ئاپتونوم» سالاھىيىتىگىمۇ سوئال قويۇلۇپ، 1955-يىلىدىن بۇيان قانۇنىي جەھەتتە شۇنداق ئاتالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تولۇق كونتروللۇقى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئەمەلدارلىرى 400 ئوقۇغۇچىنىڭ ئېتىقادىنى ئەركىن ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىنى ۋە پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىمام بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەمما، ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ «زامانىۋى كۆرۈنۈش» ئۈچۈن بەلگىلىك قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى، ساقال قويۇشنىڭ مەسىلە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. باشقا ساياھەت خاتىرىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان بەزى مەسچىتلەرگە پاسپورت بىلەن كىرىش ۋە ياشلارنىڭ مەسچىتلەردە كۆرۈنمەسلىكىگە ئوخشاش چەكلىمىلەر ھەققىدە سورالغاندا، ساياھەت يېتەكچىسى ئېنىقسىز جاۋابلارنى بەردى. ئۇ ناماز ۋاقتى كەلگەندە كىشىلەرنىڭ مەسچىتكە بارىدىغانلىقىنى، ئەمما 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ قاتنىشالىشى ياكى قاتنىشالماسلىقى توغرىسىدا «مەلۇماتى يوقلۇقى»نى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئاياللارنىڭ مەسچىتتە ناماز ئوقۇغىنىنى ھېچ كۆرمىگەنلىكىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچە ئۆيدە ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

CNN Türk نىڭ دوكلاتىدا كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان تۈركىيە يەدىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور فۇرقان كايا، قانالنىڭ كۆزىتىشلىرىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دوكلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئەيىبلەشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ چۈشەندۈردى.

دوكتور كايا قانالدا پىكىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە، كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىش ۋە قىيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسەتلىرىنى تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش ئۈچۈن زۆرۈر دەپ ئاقلىسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ «كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» غا باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. گۇرۇپپىغا ھۆكۈمەتنىڭ كەڭ كۆلەملىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ 2016-يىلى ئاخىرلىشىپ، رايونغا تىنچلىق ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان «شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش كۆرگەزمىسى» كۆرسىتىلدى.

دوكتور كايا CNN Türk ئېكرانى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى، بولۇپمۇ تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىنى خىتايغا دىپلوماتىك بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىش بىلەن ئاخىرلاشتى ۋە تارىختا ھېچقانداق بىر ھاكىمىيەتنىڭ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى، دىنى ۋە تىلىنى پۈتۈنلەي باستۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.