2025-يىلى 5-نويابىر
سىۋاس جۇمھۇرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققەتنى تارتىش مەقسىتىدە مەنىلىك بىر پائالىييەت ئۆتكۈزدى.
سىۋاس جۇمھۇرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى (SCÜ) ئوقۇغۇچىلىرى، شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ۋە ئۇيغۇر، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن ۋە قازاق تۈركلىرىگە قىلىنىۋاتقان بېسىملارغا دىققەتنى تارتىش ئۈچۈن مەنىلىك بىر پائالىيەت ئېلىپ باردى.
ئوقۇغۇچىلار شەھەرنىڭ سىمۋوللۇق ئىمارەتلىرىدىن بىرى بولغان سەككىز ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە قوش مۇنارلىق مەدرىسەگە تۈركىيە بايرىقى بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئاستى. بۇ ئارقىلىق تارىخىي سىۋاس قوش مۇنارىغا تۇنجى قېتىم بۇ شەكىلدە بايراق ئېسىلغان بولدى.
تۇران ياشلىرى: «جىم تۇرمايمىز» سادالىرىنى ياڭراتتى
بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بارغان سىۋاس جۇمھۇرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى قېرىنداش خەلقلەر ئۇيۇشمىسى ئەزاسى بولغان ئوقۇغۇچىلار، زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى جىم تۇرماسلىق ئۈچۈن بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
بايراقنى تارىخىي مۇنارغا ئاسقان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى جانۇبەك ئۆمۈركان ھېسسىياتىنى مۇنداق ئىپادىلىدى:
«بۇ مەن ۋە دوستلىرىم ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بىر ئىپتىخار مەنبەسى بولدى. چۈنكى سىۋاستا تۇنجى قېتىملىق بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. پەلەستىن ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلار بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىماقتا. بىز تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاڭلىق ياشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئازابلىق ۋەقەلەرگە قارشى جىم تۇرالمىدۇق. قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايمىز.»
ئۆمۈركان، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمغا قارشى ئاڭ شەكىللەندۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ تارىخىي ئىمارەتنى تاللاشنىڭ سەۋەبى
ئوقۇغۇچى جانۇبەك ئۆمۈركان ئاڭ يېتىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئۈچۈن قوش مۇنارلىق مەدرىسەنى تاللاشتىكى سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ تارىخىي قۇرۇلمىسى ۋە شەھەر قاتنىشىدىكى كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا جايلاشقانلىقىنى قەيت قىلدى:
«قوش مۇنارلىق مەدرىسە تارىخىي بىر جاي بولۇپ، بۇ يەردىن ئۆتىدىغان كىشىلەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەرگە ئېسىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان كۆك ۋە ئاق رەڭلىك شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ۋە جېنىمىزدەك ياخشى كۆرىدىغان تۈركىيە بايرىقىنى ئاستۇق. بۇ يەردىكى مەقسىتىمىز يۈز بېرىۋاتقان بارلىق زۇلۇملارغا قارشى دۇنيادا ئاڭ پەيدا قىلىشتۇر.»
سىۋاس جۇمھۇرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى قېرىنداش خەلقلەر ئۇيۇشمىسى: «بايراقنى ئۇ ئېگىز جايغا ئاسقانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز ۋە شەرەپ ھېس قىلىمىز» دېگەن سۆزلەر بىلەن بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى.
مەنبە: TRT AVAZ