سەلچۇق ئۆزداغ شەرقىي تۈركىستان ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە كېلەچەك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دىققەتنى تارتتى. ئۆزداغ، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، كىملىكى ۋە تىلى سەۋەبلىك سىستېمىلىق بېسىم ۋە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋال قارشىسىدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ياشلار-ئۆسمۈرلەر كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەكلىپى بىلەن «خۇشال ئۇچرىشىشلاردا» بولۇشىنىڭ، مەزلۇملارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە كۆز يۇمغانلىق بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۆزداغ: «ھېچقانداق رېئال سىياسەت ياكى دىپلوماتىك ئەدەپ-قائىدە، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يېپىپ-ياساشنىڭ باھانىسى بولالمايدۇ. سىياسەتچىنىڭ ۋەزىپىسى، زالىمنىڭ سايىسىدە تۇرۇپ رەسىمگە چۈشۈش ئەمەس، بەلكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئاۋازى بولۇشتۇر. مەزلۇمنىڭ پەريادىنى ئۆچۈرۈپ، زالىمنىڭ داستىخىنىدا كۈلۈمسىرەش، تارىخ ئالدىدا ئېغىر گۇناھتۇر. ھەقىقىي دىپلوماتىيە، كۈچلۈككە خوشامەت قىلىش ئەمەس، بەلكى ئادالەتنى قوغداشتۇر» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

https://www.mugladevrim.com.tr/haberler/mugla-haberleri/selcuk-ozdag-dan-dogu-turkistan-ve-insan-haklari-mesaji