كونترول ئاستىدىكى ئاياللار: ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ جىنسىيەتلىك ماھىيىتى

ئاشۇ مان (Ashu Mann) يازغان

شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاياللارنىڭ ئىدىيەسىنى نازارەت قىلغاندەك، ئۇلارنىڭ تېنىنىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىدىغان بىر سىستېما قۇرۇپ چىقتى. ئۇيغۇر ئاياللىرى مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىلىشقا دۇچار بولۇپ، دائىملىق كۆزىتىش ئاستىدا ياشىماقتا. تۇغۇتنىڭ ئۆزى بىر ھوقۇق قورالىغا ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەت پەقەت ئاياللارنى كونترول قىلىشلا ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ئەۋلادنى يوقىتىشتۇر.

بۇ تاسادىپىي رەھىمسىزلىك ئەمەس، بەلكى بىر سىياسەت مېخانىزمىدۇر. ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرى، يەرلىك بۇيرۇقلار ۋە ھايات قالغۇچىلارنىڭ بايانلىرى بىر پاكىتقا مەركەزلەشكەن: بېيجىڭ ماسلاشتۇرۇلغان تۇغۇتنى باستۇرۇش تۈزۈمىنى لايىھەلەپ چىققان. مەجبۇرىي بالىياتقۇ ئىچىگە ھالقا سالدۇرۇش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە قارشىلىق قىلغانلارنى تۇتقۇن قىلىش بىلەن تەھدىت سېلىش قاتارلىقلار «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدا ئاقلانماقتا. ئاياللارنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارى ئىدارىي جەدۋەللەردىكى ئۆلچىگىلى بولىدىغان نىشانغا—بىخەتەرلىك سىياسىتى قىياپىتىگە كىرگۈزۈۋېلىنغان نوپۇس كونترول قىلىش كۆرسەتكۈچىگە ئايلىنىپ قالدى.

تۇغۇتنىڭ دۆلەت سىياسىتىگە ئايلىنىشى

رەسمىي ستاتىستىكىلار 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايونلاردا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تۆۋەنلەشلەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان تۇغماس قىلىش ئوپېراتسىيەسى ۋە بالىياتقۇغا ھالقا سالدۇرۇشنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېشىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى بۇ تەدبىرلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇغۇت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىغا ئائىت ئىشەنچلىك دەلىللەرنى بايقىغان.

يەرلىك دائىرىلەر «ئائىلە پىلانىغا ئەمەل قىلىش»نى سىياسىي ئىشەنچلىك بولۇش بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا باغلىغان. رەت قىلىش تۇتقۇن قىلىنىشقا سەۋەب بولىدۇ؛ ئىتائەت قىلىش بولسا «مۇقىملىق نومۇرى» بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئانالىزچىلار ئەگەر بۇ يۈزلىنىش داۋاملاشسا، نەچچە ئون يىل ئىچىدە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس مۆلچەرىدىن ئەمەلىيەتتە غايىب بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى.

جەڭ مەيدانىغا ئايلانغان تەنلەر

لاگېرلارنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدا، ھايات قالغۇچىلار ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان خورلۇقلارنى بايان قىلىدۇ. ئاياللار مەجبۇرىي گىنېكولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر، ھەيزنى توختىتىدىغان ئوكۇللار ۋە شەخسىي قارشىلىق ھەم جامائەت روھىنى سۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سىستېمىلىق جىنسىي زوراۋانلىقلارنى ئەسلەيدۇ. خەلقئارالىق تاراتقۇلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكشۈرۈشلىرى بۇ گۇۋاھلىقلارنى دەلىللەپ، باسقۇنچىلىق ۋە مەجبۇرلاشنىڭ يەككە جىنايەتلەر ئەمەس، بەلكى بۇ سىستېمىنىڭ لايىھەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

بۇ بايانلار ئاياللارنىڭ تېنىنى كونترول قىلىشنىڭ بىر مىللەتنىڭ بىيولوگىيەلىك، مەدەنىيەت ۋە پسىخولوگىيەلىك داۋاملىقىنى كونترول قىلىش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.

كۆزىتىش ئاستىدىكى شەخسىي مۇناسىۋەت

باستۇرۇش لاگېر دەرۋازىسى بىلەنلا ئاخىرلاشمايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ «يۇغۇرماقلىشىش ۋە بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پىلانى مىللىي ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش باھانىسى بىلەن ئەر خىزمەتچىلەرنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. دوكلاتلاردا خىزمەتچىلەرنىڭ يولداشلىرى تۈرمىدە ياتقان ئاياللار بىلەن بىر كارىۋاتتا ياكى بىر ئۇخلاش ئورنىدا يېتىپ-قوپىدىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ھوقۇق بىلەن شەخسىي مۇناسىۋەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرانى يوققا چىقىرىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. شەخسىي مەخپىيەتلىكنىڭ ئۆزى ئاغدۇرمىچىلىققا ئايلىنىدۇ؛ كۆزىتىش ئاستىدا ماقۇللۇق مەنىسىزلىشىدۇ.

تېخنىكا بۇ دەخلى-تەرۇزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، يۈز تونۇش سىستېمىلىرى ۋە غايەت زور سانلىق مەلۇمات بىرىكتۈرۈش سۇپىلىرى ھېسسىياتنى پەرقلەندۈرۈش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ھەرىكەت، ئالاقە، ھەتتا يۈز ئىپادىلىرىنىمۇ كۆزىتىدۇ. بۇ رەقەملىك تەجرىبىخانىدا، ئۆي بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا، تەن بولسا ھۆكۈمەت تامغىسى بېسىلغان كىنىشكىگە ئايلىنىدۇ.

ئايرىلىقتىكى بالىلار

ئائىلىلەرنى پارچىلاش ھۆكۈمرانلىق ھالقىسىنى تاماملايدۇ. مىڭلىغان بالىلار «يېتىم» دەپ ئايرىلىپ، دۆلەتلىك ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇ يەردە ماندارىن تىلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، تارىخ دەرسلىرى بولسا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوقىتىدۇ. چەت ئەلدىكى ئاتا-ئانىلار مۇمكىن بولمايدىغان بىر تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ: قايتىپ كېلىپ تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلىش، ياكى ئەركىن قېلىپ پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىش. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى بۇ يۆتكەش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇندىكى مەجبۇرىي يۆتكەش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى.

قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان ئاياللار

دۆلەتلەر بۇ مەسىلىگە سەل قارىغان تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇر ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى ۋە سۈرگۈندىكى تەشكىلاتلار بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ كەلدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى قاتارلىق گۇرۇپپىلار گۇۋاھلىقلارنى توپلىدى، ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى ۋە خەلقئارا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلارنىڭ قەيسەرلىكى بېيجىڭ «ئائىلە پىلانى» دەپ ئاتىغان نەرسىنى ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى—ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىسى ئىچىدىكى تۇغۇتنى مەجبۇرلاش دەپ قايتىدىن ئىزاھلىدى.

قانۇن، دەلىل-ئىسپات ۋە ئىنكار قىلىش

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى»دا بىر مەلۇم گۇرۇپپا ئىچىدە تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈش ياكى بالىلارنى مەجبۇرىي يۆتكەش ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەشكىل قىلىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ب د ت نىڭ 2022-يىللىق باھالاش دوكلاتى بۇ نامنى ئىشلىتىشتىن سەللا توختاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدىكى زىيانكەشلىكلەرنىڭ خەلقئارالىق جىنايەتلەر، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە باراۋەر بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا خۇلاسە چىقارغان.

بېيجىڭ بارلىق ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىپ، دۇنياۋى سۇپىلارنى «بەختلىك» ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى تەسۋىرلىگەن تەرەققىيات ھېكايىلىرى ۋە تور چولپانلىرىنىڭ سىنلىرى بىلەن تولدۇردى. ئەمما، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ئىستاتىستىكىسى ۋە نىزاملىرى ئۇنىڭ يامان نىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. بىر ھۆكۈمەت بالىياتقۇلارنى نىشانغا، ياتاق ئۆيلەرنى تەكشۈرۈش پونكىتىغا ۋە دەرسخانىلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قورالىغا ئايلاندۇرغاندا، نەتىجە ئىناقلىق ئەمەس، بەلكى پىلانلىق يوقىتىش بولىدۇ.

كەلگۈسىنى يوقىتىش

ئاياللارنى كونترول قىلىش بىر خەلقنىڭ كەلگۈسىنى كونترول قىلىشنىڭ ئەڭ تېز يولىدۇر. شىنجاڭ دۆلەت ھوقۇقىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك بايرىقى ئاستىدا بۇ مەقسەتكە قانداق يۆنىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ھېسداشلىقتىن باشقا، خەلقئارا قانۇننى ئىجرا قىلىش، ئاقىۋىتى بار ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئاتاش—يەنى جىنسىيەتكە ئاساسلانغان باستۇرۇش ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر نوپۇسنى يوقىتىش پىلانىنى ئېتىراپ قىلىشتەك سىياسىي جاسارەتكە قەرزداردۇر.

تارىخ يۈزەكى سۆزلەرنى ئەستە تۇتمايدۇ. ئۇ ئاياللارنىڭ تېنى كونترول قىلىش قۇرۇلمىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇلغاندا كىمنىڭ سۈكۈت قىلغانلىقىنى ئەستە تۇتىدۇ.

 

)ئاشۇ مان يەر يۈزى ئۇرۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قوشۇمچە تەتقىقاتچىسى. ئۇ 2025-يىللىق ئارمىيە بايرىمىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ مۇئاۋىنى تەرىپىدىن تەقدىرلەنگەن. ئۇ ھازىر نويىدادىكى ئامىتى ئۇنىۋېرسىتېتىدا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ھىندىستان-خىتاي زېمىن تالاش-تارتىشى، چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى ۋە خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.(

مەنبە: TFI POST