بۇ ماقالىدە 1912-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، خىتاي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان (خىتاي مەنبەلىرىدە شىنجاڭ) ئۈستىدىكى تەسىر كۆرسىتىش سىياسەتلىرىنى رايون خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ئارقىلىق سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىنىدۇ. بۇ تەتقىقاتنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى – شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئارزۇسىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولغان ئىككى مۇھىم سىياسىي گەۋدە: سابىت داموللا رەھبەرلىكىدىكى ئىسلاھاتچى ئىسلامىي-تۈركىي ئاساسلارغا قۇرۇلغان بىرىنچى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (1933-1934) [1, 6] ۋە ئەلىخان تۆرە رەھبەرلىكىدىكى ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى (1944-1949) [3, 7]. بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى، ئىدېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى، رەھبەرلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە پاجىئەلىك يىقىلىشى تەتقىق قىلىنىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ مەركەزچىل ھۆكۈمرانلىقى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەتپەرەسلىكى ئارىسىدا قانداق كوزىرغا ئايلاندۇرۇلۇپ قۇربانلىق قىلىنغانلىقى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇا[2, 4].
سۇنۇلغان بارلىق بۆلۈملەردە، ئاپتورنىڭ نۇقتىئىنەزەرى سۈپىتىدە ۋە رايون خەلقىنىڭ مىللىي ۋە سىياسىي كىملىك تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسىتىدە ئىزچىل شەرقىي تۈركىستان ئۇقۇمى ئاساس قىلىندى.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شەرقىي تۈركىستان، سابىت داموللا، ئەلىخان تۆرە، سوۋېت سىياسىتى، خىتاي سىياسىتى، مۇستەقىللىق كۈرىشى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، گېئوپولىتىكا.
1. كىرىش: چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ گېئوپولىتىكىلىق ئورنى
شەرقىي تۈركىستان 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياۋرو-ئاسىيا جۇغراپىيەسىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق گېئوپولىتىكىلىق يېرىلىش بەلبېغىنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلاتتى. غەربتە رۇس ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىز باسارى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى، شەرقتە بولسا ئاجىزلاشقان چىڭ سۇلالىسىدىن كېيىن قۇرۇلغان خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش كۈرەشلىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى ئىدى[1, 2]. بۇ رايوننىڭ نېفىت، ئالتۇن ۋە ئۇرانغا ئوخشاش مول ۋە قىممەتلىك تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە بولۇشىدىن سىرت، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ غەربتىكى ئەڭ ئاخىرقى قورغىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈن تەڭداش ئىدېئولوگىيەلىك ۋە مۇداپىئە قەلئەسى رولىنى ئوينايدىغان ئارىلىق بەلۋاغ بولۇشىدا ئىدى. زىمىنىنىڭ سىتىراتىگىيەلىك ئورنى يەرلىكتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قارىماي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەقدىرىنى، موسكۋا ۋە بېيجىڭدىكى چوڭ سىياسىي قارارلارغا باغلاپ قويدى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان سىياسىتى تارىختا «شىنجاڭ ئۆلكىسى» نامى ئاستىدا زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە خىتايلارنى بۇ رايونغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش (مۇستەملىكە قىلىش) ئارقىلىق يەرلىك تۈرك (ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق) كىملىكلىرىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى باستۇرۇشنى ئاساس قىلاتتى[1]. بۇ مەركەزچىل ۋە ئاسسىمىلياتسىيەچىل سىياسەت 1912-يىلىدىن كېيىنكى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر ۋە گومىنداڭ دەۋرىدىمۇ داۋاملاشتى. خىتاي ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مىللىي غۇرۇر ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، بۇ يەردىكى چوڭ – كىچىك ھەرقانداق ئۆكتىچىلىك ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى پارچىلىنىپ كېتىش ئەندىشىسى سەۋەبىدىن قوبۇل قىلغۇسىز ئىدى.
بۇنىڭ ئەكسىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان ئىستراتېگىيەسى تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ۋە مۇغەمبىرانە ئىدى. موسكۋا بۇ رايوننىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كېتىشىنىمۇ، شۇنداقلا ئۆز چېگرالىرى ئىچىدىكى مۇستەملىكەتۈرك خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىدا ئىلھام قوزغايدىغان تولۇق مۇستەقىل بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قېلىشىنىمۇ خالىمايتتى[2]. سوۋېت سىياسىتى ئادەتتە، خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتىدە بۇ رايوننى بىر «سودىلىشىش كوزىرى» سۈپىتىدە ئىشلىتىش، قورچاق ھاكىمىيەت قىلىپ قۇرۇش ياكى گومىنداڭغا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ، كېيىنچە بۇ قوللاشنى قايتۇرۇۋېلىش شەكلىدە ئىپادىلىنەتتى [4].
بۇ ماقالىدە مانا مۇشۇ ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ قوش بېسىمى ئاستىدا بىخلىنىپ چىققان ۋە ھەر بىرى ئوخشىمىغان ئىدېئولوگىيەلىك ئاساسلارغا ئىگە بولغان ئىككى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ ھېكايىسى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. بىرىنچى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىسلاھاتچى ئىسلام ۋە پانتۈركىزمدىن ئىلھام ئالغان بولسا، ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەسلەپتە مىللىي بىرلىكنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سوۋېت مودېلىغا قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى. ھەر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئورتاق تەقدىرى، رەھبەرلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خەلقئارالىق گېئوپولىتىكىلىق ھېساب-كىتابلارنىڭ قۇربانى بولۇشتىن ئىبارەت ئىدى.
2. خىتاينىڭ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرى ۋە تۈرك مىللەتچىلىكىنىڭ ئويغىنىشى (1912-1931)
جۇڭخۇا مىنگو (1912-1927) قۇرۇلغاندىن كېيىن، ياڭ زېڭشىن شەرقىي تۈركىستاندا بۇ رايوننى مەركىزىي خىتايدىكى توختاۋسىز ئىچكى ئۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىقتىن يىراق تۇتۇپ، مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەت قۇردى[1]. ياڭ، ئاجىز مەركىزىي ھۆكۈمەتكە نامدىلا ساداقىتىنى ساقلاپ، ئۆلكىنى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ مۇتلەق ھوقۇقى ئاستىدا باشقۇردى. ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى قاتتىق ھەربىي ئىنتىزام، رەقىبلىرىنى رەھىمسىزلەرچە يوقىتىش ۋە ئېھتىياتچان دىپلوماتىك تەڭپۇڭلۇق سىياسىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ سىياسەت ئارقىلىق رۇسىيە ۋە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنى بىر-بىرىگە قارشى قوللىنىپ، يەرلىك خاقان سۈپىتىدە ھاكىمىيىتىنى يىگىرمە يىلغا يېقىن داۋاملاشتۇردى.
ياڭنىڭ مەمۇرىي سىياسىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلدى. مۇھىم مەمۇرىي ھوقۇقلار خىتايلارغا بېرىلىپ، يەرلىك تۈرك مۇسۇلمان خەلقىنىڭ سىياسىي ھاياتقا ئارىلىشىشى چەكلەندى. بۇ دەۋردە، خىتايدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تۈركۈملەپ ئېقىپ كىلىپ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىمۇ ياڭ تەرىپىدىن رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، بۇ رايوننىڭ نوپۇس ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىدا خىتايغا پايدىلىق ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلاتتى. ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياڭ رايوننىڭ سودىسىنى كونترول ئاستىدا تۇتۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تۆۋەنلەتتى.
بىراق، ياڭنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى تۈرك مۇسۇلمان خەلقىنىڭ مىللىي ئېڭىنى باستۇرالمىدى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى، رۇسىيە ۋە ھىندىستاندىكى ئىسلامىي ۋە تۈركىي ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىدە يېڭى بىر زىيالىيلار سىنىپى مەيدانغا كەلدى[5]. بولۇپمۇ قەشقەر ۋە خوتەنگە ئوخشاش جەنۇبىي مەركەزلەر جەدىدچىلىك (يېڭىلىقچىلىق) ئىدىيەسى ۋە زامانىۋى تۈرك مىللەتچىلىكىنىڭ بىخلىنىش مەركەزلىرىگە ئايلاندى. بۇ زىيالىيلار پەقەت خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇشنىلا ئەمەس، بەلكى مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە دىندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، زامانىۋى، مۇستەقىل بىر شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. بۇ ئەقلىي ئويغىنىش كەلگۈسىدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ئاساسىنى شەكىللەندۈردى.
ياڭ زېڭشىننىڭ 1928-يىلى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان جىن شۇرېن، ئىلگىرىكى ئەمەلدارغا قارىغاندا تېخىمۇ قابىلىيەتسىز ۋە تېخىمۇ ئىغۋاگەر بىر رەھبەر ئىدى[1]. جىننىڭ ئەڭ ھالقىلىق سىياسىي خاتالىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاپتونومىيەسىنى ساقلاپ كەلگەن ، بىردىنبىر فېئودال قۇرۇلما بولغان قۇمۇل خانلىقىنى بىكار قىلىشقا ئۇرۇنۇشى بولۇپ، بۇ 1931-يىلى كەڭ كۆلەملىك قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ قوزغىلاڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا يېيىلىدىغان چوڭ كۆلەملىك مۇسۇلمانلار قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى سۈپىتىدە تارىخقا يېزىلدى.
قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇبىيىتى قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى گەنسۇدىكى كۈچلۈك خىتاي مۇسۇلمانى (تۇنگان) ئۇرۇش بېگى ما جۇڭيىڭدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇرلىدى[1]. ما جۇڭيىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ياردەمگە كىرىشىدە، دەسلەپتە مۇستەقىللىق تەرەپدارى تۈرك قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلغاندەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ما نىڭ ھەقىقىي مەقسىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزىنىڭ رايونلۇق ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش ئىدى. ما نىڭ تۇنگان قوشۇنلىرى رايوننىڭ جەنۇبىغا كېڭىيىپ، ھەم جىن شۇرېننىڭ قوشۇنلىرىغا، ھەم يەرلىك تۈرك مۇسۇلمان خەلقىگە قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، مىللىي ۋە دىنىي زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.
جىن شۇرېننىڭ قوزغىلاڭنى باستۇرالماسلىقى ۋە ما جۇڭيىڭنىڭ كونترول قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۈچىيىشى شەرقىي تۈركىستاندا پۈتۈنلەي قالايمىقان ۋەزىيەت پەيدا قىلدى. بۇ قالايمىقانچىلىق موسكۋا ئۈچۈن رايونغا ئوچۇق-ئاشكارا ھەربىي مۇداخىلە قىلىش ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە ئېلىش پۇرسىتىنى ياراتتى [2]. تۇنگان تەھدىتىنىڭ كۈچىيىشى ۋە جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىنىڭ ئامالسىز قېلىشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جىن شۇرېننى قوللاش قارارىنى چىقىرىشىغا ۋە قىزىل ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ما جۇڭيىڭنى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلىشىغا سەۋەب بولدى.
3. بىرىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە سابىت داموللانىڭ پاجىئەسى (1933-1934)
1933-يىلى، قۇمۇل قوزغىلىڭى پەيدا قىلغان قالايمىقانچىلىق ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا مىللىي ھەرىكەت ئەڭ كونكرېت سىياسىي شەكلىگە ئىگە بولدى. تۇنگان ۋە خىتاي كۈچلىرى پەيدا قىلغان كونترولسىز بوشلۇقتا، قەشقەردە 1933-يىلى 12-نويابىردا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلدى[1, 6]. بۇ گەۋدە پەقەت رايون خاراكتېرلىك بىر قوزغىلاڭنىلا ئەمەس، بەلكى زامانىۋى بىر مىللىي دۆلەت قۇرۇش غايىسىنىمۇ نامايان قىلاتتى.
جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك رەھبىرى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن سابىت داموللا ئىدى[6]. سابىت داموللا زامانىۋى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن، ئىسلاھاتچى ۋە پانتۈركىست بىر زىيالىي ئىدى. ئۇنىڭ مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالغان تەلىم-تەربىيەسى ئۇنىڭغا پەقەت ئىسلام ئىلمىنىلا ئەمەس، بەلكى زامانىۋى دۆلەت قۇرۇلمىسى ۋە مىللەت-دۆلەت پەلسەپەسىنىمۇ ئۆگەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈرك خەلقلىرىگە ئىلھام مەنبەسى بولىدىغان، شەرىئەتنى ئاساس قىلغان، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە زامانىۋى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكىغا ئوچۇق، دېموكراتىك (مەسلىھەتكە ئاساسلانغان) بىر ھاكىمىيەت بىلەن تىكلىنىپ دەۋر سۈرۈشىنى كۆزلەيتتى.
سابىت داموللا ۋە سەپداشلىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشتا ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنى تەييارلىغان، دۆلەت بايرىقى (كۆك ئاسمان ئۈستىگە ئاق ھىلال ئاي ۋە يۇلتۇز) ۋە دۆلەت شېئىرىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. بۇئەھۋال ، ھەرىكەتنىڭ پەقەت بىر ھەربىي قوزغىلاڭ ئەمەس، بەلكى چوڭقۇر سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئاساسلىرىغا ئىگە، خەلقئارالىق قانۇنىي ئورۇنغا ئېرىشىشنى كۆزلىگەن بىر دۆلەت قۇرۇش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى. ئەمما جۇمھۇرىيەت پەقەت بىر قانچە ئايلا ياشىيالىدى. ئىچكى گۇرۇھۋازلىق كۈرەشلىرى، بايلىق يېتىشمەسلىك ۋە تۇنگان كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى جۇمھۇرىيەتنى ئاجىزلاشتۇردى [5].
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىقىلىشىغا سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىل سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك مۇداخىلىسى بولدى. موسكۋا سابىت داموللا رەھبەرلىكىدىكى ئىسلامىي ۋە تۈرك مىللەتچىلىكى ھۇلىغا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئىدېئولوگىيەلىك «يۇقۇش» ئېلىپ كېلىشىدىن ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلدى[2]. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ستالىننىڭ خىتاي بىلەن قۇرماقچى بولغان سىياسىي تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇۋېتەتتى.
شۇ سەۋەبتىن، سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاي گېنېرال-گۇبېرناتورى جىن شۇرېننىڭ ئورنىغا چىققان شېڭ شىسەينى تولۇق ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەشيا ياردىمى بىلەن قوللىدى. 1934-يىلى قىزىل ئارمىيە قىسىملىرى شېڭ شىسەينىڭ ئارمىيەسىگە قوشۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇنگان ۋە تۈرك مىللەتچى كۈچلىرىگە قارشى ئاكتىپ ئۇرۇش قىلدى[1]. سابىت داموللانىڭ جۇمھۇرىيىتى سوۋېت قوللىشىدىكى بۇ بىرلەشمە كۈچكە تاقابىل تۇرالماي، 1934-يىلىنىڭ باشلىرىدا قەشقەرنىڭ ئىشغال قىلىنىشى بىلەن يىقىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىقىلغاندىن كېيىن، سابىت داموللا شېڭ شىسەينىڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتچىلىك كۈرىشىنىڭ پاجىئەلىك سىمۋولىغا ئايلاندى. سوۋېت دىپلوماتىك بېسىمىنىڭمۇ تەسىرىدە، سابىت داموللانىڭ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ۋە ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنىدۇ[6]. ئۇنىڭ يوقىتىلىشى سوۋېتلارنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان غايىسىگە قاراتقان قاتتىق ۋە رەھىمسىز پوزىتسىيەسىنى روشەن كۆرسىتىپ بەردى.
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىقىتىلغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق قوللىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئون يىل داۋاملىشىدىغان بىر دىكتاتۇرا قۇردى. بۇ دەۋر رايوننىڭ ئەمەلىيەتتە بىر سوۋېت بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان «قىزىل پادىشاھ» دەۋرى دەپ ئاتالدى[2]. شېڭ خىتاينىڭ نامدىكى گېنېرال-گۇبېرناتورى بولسىمۇ، رايوننىڭ بارلىق مۇھىم ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە سىياسىي قارارلىرى موسكۋانىڭ كونتروللۇقىدا ئىدى. سوۋېتلار رايوننىڭ خام ئەشيا بايلىقلىرى ئۈستىدە مونوپوللۇق ئورنىتىپ ۋە سودا ئالاھىدە ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىپ، زور ئىقتىسادىي ئېكسپلاتاتسىيە يۈرگۈزدى.
شېڭ ھاكىمىيىتى ستالىننىڭ «چوڭ تازىلاش» ھەرىكىتىنىڭ بىر ئىنكاسى سۈپىتىدە، ئونمىڭلىغان تۈرك مۇسۇلمان زىيالىيلىرى، دىنىي زاتلىرى ۋە مىللەتچى رەھبەرلىرىنى «پانتۈركىست» ۋە «ياپونىيە جاسۇسى» دېگەن ئەيىبلەشلەر بىلەن قولغا ئېلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى. سوۋېت NKVD (مەخپىي ساقچى) خادىملىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي تازىلاشلاردا ئاكتىپ رول ئوينىدى. 1937-يىلى رايوننىڭ جەنۇبىدا پارتلىغان يەنە بىر تۈرك مۇسۇلمان قوزغىلىڭىمۇ قىزىل ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشىشى بىلەن قانلىق باستۇرۇلدى [1].
بۇ دەۋر شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن سابىت داموللا قالدۇرۇپ كەتكەن مىللىي ئويغىنىش مىراسىنىڭ ئەڭ ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغان يىللىرى بولدى. شېڭنىڭ 1943-يىلى سوۋېتلارغا ئارقىسىنى قىلىپ، گومىنداڭ بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ئۇرۇنۇشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى تۇيۇقسىز يوقىتىشىغا سەۋەب بولدى. شېڭنىڭ بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزگىرىشى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتىدىن ھەربىي ۋە مەمۇرىي خادىملارنى ئەۋەتىش تىرىشچانلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە موسكۋانىڭ بۇ رايونغا قايتىپ كېلىش ئۈچۈن يېڭى بىر پىلان تۈزۈش زۆرۈرىيىتىنىمۇ تۇغدۇردى: بۇ پىلان ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىدى.
4. ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئەلىخان تۆرەنىڭ قاچۇرۇلۇشى (1944-1949)
شېڭ شىسەينىڭ خىتايغا ئېلىپ كېتىلىشى بىلەن بىللە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1943-1944-يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى كونتروللۇقىنى قايتىدىن كۈچەيتىشكە ئۇرۇندى. بۇ تىرىشچانلىقلار خىتايلارنىڭ رايونغا يېڭىدىن ئېقىپ كىرىشى، باج بېسىمىنىڭ ئېشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاپتونومىيە تەلەپلىرىنىڭ رەت قىلىنىشى شەكلىدە نامايان بولدى[3]. بۇ ئەھۋال شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىدە زور نارازىلىق پەيدا قىلدى.
بۇ ئۈچ ۋىلايەت قوزغىلىڭى 1944-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا پارتلىغان بولۇپ، ئىلگىرىكى قوزغىلاڭلاردىن پەرقلىق ھالدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىن پىلانلانغان، تەشكىللىك ۋە مەخپىي ھەربىي قوللىشى بىلەن باشلاندى[4]. موسكۋا بۇ قوزغىلاڭنى گومىنداڭغا بېسىم ئىشلىتىش ۋە رايوندىكى تەسىرىنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن قوللىدى. قوزغىلاڭنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى سوۋېت ئوفىتسېرلىرى تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەن ۋە قوماندانلىق قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ھەرىكەتنىڭ خەلقئارالىق خاراكتېرىنى باشتىلا بېكىتىلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.
1944-يىلى 12-نويابىردا غۇلجىدا قۇرۇلغان ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى (رەئىسى) ئۆزبېكىستانلىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىم ۋە زىيالىي ئەلىخان تۆرە بولدى[7]. ئەلىخان تۆرە ھەم ئىسلامىي كىملىككە، ھەم تۈرك مىللەتچىلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كۈچلۈك مەنىۋى نوپۇزغا ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە پەقەت ھەربىيلا ئەمەس، بەلكى يەرلىك خەلقنىڭ كەڭ دائىرىلىك قاتنىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان قانۇنىي ئاساس يارىتىپ بەردى. ئەلىخان تۆرە، خۇددى سابىت داموللادەك، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتايدىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەت بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان مۇستەقىللىقچى گۇرۇھقا باشچىلىق قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى باشلانغۇچتىلا ئىككى ئاساسلىق گۇرۇھقا بۆلۈنگەن ئىدى: بىرىنچىسى، ئەلىخان تۆرە ۋەكىللىكىدىكى تولۇق مۇستەقىللىقنى ۋە ئىسلامىي-تۈرك كىملىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئەنئەنىۋى- ئوڭچىل- مىللەتچى قانات؛ ئىككىنچىسى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، زامانىۋى سولچىل-مىللەتچى يۈزلىنىشتىكى ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىكىدىكى قانات[3]. موسكۋا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە يېتەكلەش ئۈچۈن قاسىمى گۇرۇھىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللىدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئاشكارىلاندى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خىتايغا دىپلوماتىك بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر كوزىر سۈپىتىدە قوللىنىلدى. 1945-يىلىدىكى خىتاي-سوۋېت دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى سۆھبەتلىرى جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ستالىن تەرىپىدىن گومىنداڭدىن مانجۇرىيەدىكى پورتلار ۋە تۆمۈر يوللار ئۈستىدىكى ئالاھىدە ھوقۇقلارنى ۋە تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر «سودىلىشىش كوزىرى» سۈپىتىدە قوللىنىلدى[4]. سوۋېتلار قوللاشتىن كۆزلىگەن ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە بولغان قوللىشىنى تەدرىجىي قايتۇرۇۋېلىشقا باشلىدى ۋە جۇمھۇرىيەتنى گومىنداڭ بىلەن كېلىشىم سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى گومىنداڭ بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا مەجبۇرلىشى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىكىدە چوڭ بىر كىرىزىس پەيدا قىلدى. ئەلىخان تۆرە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىق غايىسىدىن گومىنداڭغا يول قويۇشنى رەت قىلدى ۋە موسكۋانىڭ خىتاي بىلەن كېلىشىش بېسىمىغا قارشى چىقتى. ئەلىخان تۆرەنىڭ قەتئىي مۇستەقىللىقچى مەيدانى سوۋېتلار ئۈچۈن ئېغىر بىر توسالغۇغا ئايلاندى.
1946-يىلى، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشتىن سەل بۇرۇن، ئەلىخان تۆرە سوۋېت NKVD خادىملىرى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى غۇلجىدىن مەخپىي قاچۇرۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلدى[7]. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولۇشى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقچى ئوڭچىل قانىتىنى سىياسىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ قاسىمى رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت كونتروللۇقىدىكى گۇرۇھنىڭ كونترولىغا ئۆتۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. ئەلىخان تۆرە ھاياتىنىڭ قالغان قىسمىنى سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەزەربەند ئاستىدا ئۆتكۈزدى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق غايىسىنىڭ خەلقئارالىق كۈچ ئويۇنىدا قانداق قۇربان قىلىنغانلىقىنىڭ جانلىق بىر پاجىئەسىگە ئايلاندى.
ئەلىخان تۆرە قاچۇرۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى1946-يىلى گومىنداڭ بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى ۋە گېنېرال جاڭ جىجوڭ گېنېرال-گۇبېرناتور بولغان بىر بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى[1, 3]. ئەمما بۇ بىرلەشمە ھۆكۈمەت گومىنداڭنىڭ ئاپتونومىيە ئىسلاھاتلىرىنى توختىماي ئاستىلىتىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۈچ ۋىلايەت (ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي)تىكى ھەربىي كونتروللۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇشى سەۋەبىدىن كېلىشەلمەي 1947 -يىلى يىمىرىلدى. گومىنداڭنىڭ خىتاي ئىچكى ئۇرۇشىدا كوممۇنىستلارغا قارشى ئاجىز ئەھۋالدا قېلىشى ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدىكى بېسىمىنى ئاشۇرۇشىغا قولايلىق بەرمىدى.
1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرى قايتىدىن بەلگىلەندى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىسىنى گومىنداڭدىن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە يۆتكەپ [4]، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنى يېڭى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە مەجبۇرلىدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رەھبەرلىرى (ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ئىسھاقبېك مۇنونوف ، دەلىلقان سۈگۈربايوف قاتارلىقلار) موسكۋا ئارقىلىق بېيجىڭغا يېڭى كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىندى، ئەمما 1949-يىلى 25-ئاۋغۇستتا ئۇلار ئولتۇرغان ئايروپىلان سىرلىق ھالدا چۈشۈپ كەتتى[2]. بۇ ئايروپىلان ۋەقەسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئارمىيەسىنىڭ رايونغا ئۇرۇشسىز كىرىشىگە يول ئاچتى. شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى.
5. چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرى ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرلىشىشى: سېلىشتۇرما تەھلىل
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ ئىككى ئوخشىمىغان تارىخىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ئىپادىسىدۇر. سابىت داموللانىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيەچىل بېسىمىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان، ئىسلامىي كىملىك ۋە تۈرك مىللەتچىلىكىنى ئاساس قىلغان بىر مىللىي دۆلەت قۇرۇشنى نىشان قىلغان ئىدى[6]. ئەمما بۇ يىراقنى كۆرەرلىك سوۋېتلارنىڭ ئەندىشىسى سەۋەبىدىن شېڭ شىسەي ۋە قىزىل ئارمىيە ئارقىلىق يانجىلدى.
ئەلىخان تۆرەنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بولسا سوۋېت قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان بولسىمۇ، رەھبەرلىكىدە يەنىلا تولۇق مۇستەقىللىقچى بىر قاناتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى[7]. ئەمما شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرى سوۋېتلارنىڭ پەقەت خىتايدىن مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بىر «سودىلىشىش كوزىرى»[4] بولۇشتىن ھالقىپ كېتەلمىدى. ئەلىخان تۆرەنىڭ قاچۇرۇلۇشى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ 1949-يىلىدىكى ئايروپىلان ۋەقەسى موسكۋانىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ ئۆزىگە ئەمەس، پەقەت ھەرىكەتنىڭ سوۋىتنىڭ خىتايغا قارشى تاقابىل كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك قىسىمىغىلا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا كۆرسىتىپ بەردى.
خىتاي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسەتلىرىنىڭ ئورتاق نۇقتىسى رايوننىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىغا ھەرگىز يول قويماسلىق بولدى.شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى خىتاي ئۈچۈن مۇستەقىللىق زېمىن پۈتۈنلىكىگە، سوۋېتلار ئۈچۈن بولسا ئىدېئولوگىيەلىك بىخەتەرلىككە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان تەھدىت دېگەنلىك ئىدى[2]. شۇ سەۋەبتىن، شەرقىي تۈركىستانلىق رەھبەرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى قانچىلىك داھىيانە ۋە خەلقنىڭ قوللىشى قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى چوڭ گېئوپولىتىكىلىق كۈچنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا مۇستەقىللىق ئارزۇسى ھەر قېتىمدا پاجىئەلىك ئاخىرلىشىشقا مەھكۇم قىلىندى.
خۇلاسە: مۇستەقىللىق غايىسىنىڭ مىراسى
1912-1949-يىللىرى ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى «چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا» مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ دىراماتىك مىساللىرىنىڭ بىرىدۇر. سابىت داموللا رەھبەرلىكىدىكى بىرىنچى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى مىللىي مۇستەقىللىق غايىسىنىڭ باشلامچىسى بولغان، ئەمما سوۋېت مۇداخىلىسى ۋە خىتاينىڭ ھەمكارلىقى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يىقىلغان. ئون يىلدىن كېيىن، ئەلىخان تۆرە رەھبەرلىكىدىكى ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەربىي ئاساستا قۇرۇلغان بولسىمۇ، سوۋېتلارنىڭ دىپلوماتىك مانىۋېرلىرىغا قۇربان بولدى؛ رەھبىرى قاچۇرۇلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كونتروللۇق ھوقۇقى ئاخىرىدا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىقىلىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي كىملىك ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئارزۇسىنىڭ جانلىق ئىسپاتلىرىدۇر. سابىت داموللانىڭ ئىسلاھاتچى مىللەتچىلىكى ۋە ئەلىخان تۆرەنىڭ مەنىۋى نوپۇزى مىللىي كۈرەشكە ئىدېئولوگىيەلىك چوڭقۇرلۇق ۋە خەلق قوللىشىنى ئېلىپ كەلگەن. ئەمما، رايوننىڭ گېئوپولىتىكىلىق ئورنى رەھبەرلەرنىڭ ئىقتىدارىدىن ۋە خەلقنىڭ پىداكارلىقىدىن كۆپ ئېغىر باستى. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى خەلقئارالىق كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى ئۈچۈن قۇربان قىلىندى، 1949-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىردى. بىراق، سابىت داموللا ۋە ئەلىخان تۆرەنىڭ مىراسى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئېڭى ۋە قارشىلىق روھىنىڭ ئاساسىنى سالدى.
مەنبەلەر
- Forbes, Andrew D. W. (1986). Warlords and Muslims in Chinese Central Asia: A Political History of Republican Sinkiang 1911-1949. Cambridge: Cambridge University Press.
- Hasanli, Jamil. (2021). Soviet Policy in Xinjiang: Stalin and the National Movement in Eastern Turkistan. Lanham: Lexington Books.
- Benson, Linda. (1990). The Ili Rebellion: The Moslem Challenge to Chinese Authority in Xinjiang, 1944-1949. New York: M. E. Sharpe Inc.
- Ekrem, Erkin. (2008). 中蘇關係中的「東突」問題 (1944-1945) (The ›East Turkestan‹ Question in Sino-Soviet Relations (1944-1945)). 兩岸發展史研究 (Research on Cross-Strait Development History), (6), 147-252.
- Wang Ke (王柯). (2012). 東突厥斯坦獨立運動:1930年代至1940年代 (East Turkestan Independence Movement: 1930s to 1940s). Hong Kong: The Chinese University Press.
- Tursun, Nabijan. (2022). Uyghur Omumiy Tarixi (Genel Uygur Tarihi), Cilt 5: Şerqi Türkistan İslam Cumhuriyeti ve Uygur Millî Uyanış Hareketleri (1. Kısım). Washington, D.C.: Uyghur American Publishing House.
- Tursun, Nabijan. (2023). Uyghur Omumiy Tarixi (Genel Uygur Tarihi), Cilt 6: Şerqi Türkistan İslam Cumhuriyeti: Tantanası ve Trajedyası (2. Kısım). Washington, D.C.: Uyghur American Publishing House.