«ئاقچاقلىقلار» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت بەرىكەت ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ئىستانبۇل – 2025-يىلى 15-نويابىر

«ئاقچاقلىقلار» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت بەرىكەت ئىستانبۇل 16- ۋە 18- مەمۇرىي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ خىتايدىن قېچىپ كەلگەن مەخمۇت ئىنايەت ۋە ئەركىن ئابدۇۋەلىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى قارارىغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ قارارنىڭ ھاياتىي خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا سىستېمىلىق باستۇرۇش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە يامان مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىدىن ئاگاھلاندۇردى.

بەرىكەت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا يامان مۇئامىلە، بېسىم ۋە ئادىل سوتلىنىش كاپالىتىدىن مەھرۇم قېلىش ئېھتىماللىقىغا دىققەتنى ئاغدۇردى. ئۇ خەلقئارا قانۇننىڭ ئېنىق بەلگىلىمىلىرىنى تىلغا ئېلىپ: «خەتەر مۇشۇنچىۋالا ئېنىق تۇرغان ئەھۋالدا، قايتۇرۇپ بېرىش قارارىنى ئىجرا قىلىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

«تۈركىيە تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك»

بەرىكەت ئەپەندى تۈركىيەنىڭ تارىختىن بۇيان مەزلۇم مىللەتلەر ئۈچۈن پاناھگاھ بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«مىللىتىمىزنىڭ ۋىجدانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە ئورنى بار. ئۇيغۇرلار تۈركىيە بىلەن مەدەنىيەت ۋە تارىخ جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك باغلىنىشقا ئىگە جامائەلەرنىڭ بىرى. بىزنىڭ تارىخىي، مەدەنىي ۋە ھېسسىي رىشتىلىرىمىز بىزدىن بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. تۈركىيە ھەر دائىم مەزلۇمنىڭ يېنىدا بولۇپ كەلگەن، بۈگۈنمۇ ئوخشاش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. بىز دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىدىن بۇ قېتىملىق قايتۇرۇپ بېرىش قارارى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن چىقىرىلىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق قايتۇرۇپ بېرىش قارارلىرىنى قايتىدىن