(پىروفېسسور لۇئىس رېنې بېرېسنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ۋە دۇنيا سىستېمىسىدىكى قالايمىقانچىلىق ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۈستىدە ئانالىز)
2025-يىلى 17-نويابىر
بۇ ماقالە پۇردۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا قانۇن پەنلىرى بويىچە پەخرىي پىروفېسسورى لۇئىس رېنې بېرېس تەرىپىدىن يېزىلىپ، 2025-يىلى 15-نويابىر ئېلان قىلىنغان ˝Calamity, Truth and Silence: America and World-System Chaos˝ [ئاپەت، ھەقىقەت ۋە سۈكۈت: ئامېرىكا ۋە دۇنيا سىستېمىسىدىكى قالايمىقانچىلىق] ناملىق چوڭقۇر ئانالىزىنى مەركەز قىلىپ يېزىلغان. بېرېسنىڭ بۇ تەتقىقاتى زامانىمىز خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر سىستېمىسىنىڭ ئۇلى بولغان ئانارخىك قۇرۇلمىنىڭ ئۆز ئورنىنى تېخىمۇ خەتەر كەلتۈرىدىغان ۋە مۆلچەرلىگۈسىز بىر قالايمىقان قۇرۇلمىغا بوشىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى بىلەن دىققەتلەرنى جەلب قىلىدۇ. ئاپتور ئالبېرت كامۇسنىڭ «ۋابا» ناملىق ئەسىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىدىيەۋى رامكىسىنى سىزىپ تۇرۇپ، يەر شارى سىستېمىسىدىكى بۇ سۈپەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى «سىنېرگىيە» ئۇقۇمى ئارقىلىق قاتلاممۇ قاتلام تەھلىل قىلىدۇ. مەزكۇر ماقالىنىڭ ئەھمىيىتى ئەنئەنىۋى ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئەندىزىلىرىنىڭ ئەمدى يېتەرسىز بولۇپ قالغان بىر دەۋرگە كىرىلگەنلىكىنىڭ ئەسكەرتىلگەنلىكىدە ۋە تەھدىتلەرنى يەككە ئەمەس، بەلكى بىر-بىرى بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان، بىر-بىرىنى كۈچەيتىدىغان («كۈچ ھەسسىلىگۈچ») دىنامىكىلىق كۈچلەر دەپ چۈشىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىڭ تەكىتلىنىلگەنلىكىدىدۇر. بۇ تەتقىقاتتا بېرېسنىڭ قاراشلىرى سىستېمىلىق شەكىلدە تەھلىل قىلىنىپ، دۇنيا سىستېمىسىدىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ماھىيىتى، سىنېرگىيەلىك تەھدىتلەر پەيدا قىلغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەڭلىمە ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ يېڭى رېئاللىققا ماسلىشىش ئۈچۈن يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولغان ئىدىيەۋى قىيىنچىلىقلىرى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
1. ئانارخىيەدىن قالايمىقانچىلىققا: ۋېستفالىيە تۈزۈمىنىڭ كىرىزىسى ۋە يېڭى دۇنيا رېئاللىقى
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پېنىنىڭ ئاساسلىق پارادىگمىلىرىنىڭ بىرى 1648-يىلدىكى ۋېستفالىيە تىنچلىق كېلىشىمىدىن بۇيان يەر شارى سىستېمىسىنىڭ «ئانارخىك» بىر قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەنلىكىدۇر. بۇ ئۇقۇم كۆپىنچە خاتا چۈشىنىلگەندەك مۇتلەق تەرتىپسىزلىك ياكى قالايمىقانچىلىق ھالىتىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى دۆلەتلەرنى جازالاش ھوقۇقىغا ئىگە مەركىزىي بىر ھوقۇق ئورگىنىنىڭ (بىر دۇنيا ھۆكۈمىتىنىڭ) مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھەتتا ئانارخىك بىر سىستېمىدىمۇ دۆلەتلەر دۆلەت مەنپەئەتىگە ئاساسەن ئەقلىي تاللاشلارنى قىلالايدۇ، كۈچ تەڭپۇڭلۇقى سىياسىتىنى يۈرگۈزەلەيدۇ ۋە مەلۇم قائىدىلەر دائىرىسىدە ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ. پىروفېسسور بېرېس ماقالىسىنىڭ مەركىزىي، ئىدىيەسى سۈپىتىدە بۈگۈنكى دۇنيانىڭ بۇ كىلاسسىك ئانارخىيە ئېنىقلىمىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئەمدى بىر «قالايمىقانچىلىق» باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، قالايمىقانچىلىق سۈپەت جەھەتتىن ئانارخىيەدىن كۆپ ئېغىر بىر ئەھۋال بولۇپ، قالايمىقانچىلىق مۇھىتىدا دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولماس بولىدۇ ۋە ئەقلىي تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزملىرى پۈتۈنلەي ئىشتىن قالىدۇ. قالايمىقان بىر خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر سىستېمىسىنىڭ بىردىنبىر مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىكى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغانلىقنىڭ ئۆزىدۇر.
بېرېسنىڭ بۇ خىل ئايرىمىسى ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئۈچۈن بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئانارخىيە شارائىتىدا چۆچۈتۈش كۈچى، ئىتتىپاقداشلىق سىياسەتلىرى ۋە دىپلوماتىك مانېۋىرلار مەلۇم بىر لوگىكا دائىرىسىدە ئىشلەيدۇ، ئەمما قالايمىقانچىلىق مۇھىتىدا بۇ ۋاسىتىلەرنىڭ ئۈنۈمى زور دەرىجىدە يوقايدۇ. رەقىبلەر ۋە دۈشمەنلەرنىڭ نىيىتى، ئىقتىدارى ۋە يوشۇرۇن قەدەملىرىنى ئەقلىي ئاساستا ھېسابلاش مۇمكىن بولمىغاندا، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر گويا بىر تۇمانلىق پەردە ئارقىسىدا ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بېرېسنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋال «ئەسىرلەردىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ئۇرۇشلار ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەر»نىڭ يىغىندا نەتىجىسى بولۇپ، ex nihilo، يەنى، يوقلۇقتىن بىردىنلا بارلىققا كەلگەن ئەمەس. بۇ بايان ھازىرقى يەر شارى جىددىيچىلىكلىرى، توقۇنۇشلىرى ۋە مۇقىمسىزلىقلىرىنىڭ يەككە ھادىسىلەر ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق بىر يىمىرىلىشنىڭ ئالامەتلىرى دەپ چۈشىنىش كېرەكلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، بېرېسنىڭ كامۇستىن كەلتۈرگەن نەقىلى ھالقىلىق رول ئوينايدۇ: «يۇقۇم باشلانغاندا ۋە ئاخىرلاشقاندا، ھەمىشە بىر نۇتۇقۋازلىققا مايىللىق بولىدۇ… ئىنسان پەقەت بىر ئاپەتنىڭ ئىچىدە تۇرغاندىلا ھەقىقەت بىلەن يۈزلىشىپ، سۈكۈتكە چۆمىدۇ.» بۇ مېتافورا سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچە كىرىزىسلارنىڭ دەسلىپىدە ئەھۋالنى چىرايلىق سۆزلەر، دىپلوماتىك باياناتلار بىلەن ئۆتكۈزۈۋېتىشكە ئۇرۇنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئاپەت ھەقىقىي تۈردە ئىشىككە كەلگەندە ئاچچىق ھەقىقەتلەر بىلەن يۈزلىشىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بېرېس ئامېرىكىلىق ئىستراتېگىيەچىلەرنى دۇنيانىڭ بۇ «ئاپەتنىڭ ئوتتۇرىسى» باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى تونۇپ يېتىشكە ۋە نۇتۇقۋازلىقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كەلگەن «ئاچچىق رىئاللىق» بىلەن يۈزلىنىشكە چاقىرىدۇ. بۇ رىئاللىق شۇكى، ئەنئەنىۋى ئانالىز قېلىپلىرى كېرەكتىن چىقتى ۋە يېڭى، تېخىمۇ مۇرەككەپ تەپەككۇر شەكىللىرىگە جىددىي ئېھتىياج تۇغۇلدى. بۇ قالايمىقانچىلىق پەقەت مەركىزىي ھوقۇقنىڭ يوقلۇقىلا ئەمەس، سىستېمىنىڭ ئاساسىي لوگىكىسى ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش ئىقتىدارىنىڭمۇ يوقلۇقىدۇر. بۇ ئەھۋال ئامېرىكا بىخەتەرلىك پىلانلىغۇچىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ مۈشكۈل خىرىستۇر.
2. سىنېرگىيە ئۇقۇمى: تەھدىتلەرنىڭ گېئومېترىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئارىفمېتىكا
پىروفېسسور بېرېس ئانالىزىنىڭ ئەڭ ئۆزگىچە ۋە جان تومۇرى بولغان نۇقتىسى قالايمىقانچىلىق مۇھىتىدىكى تەھدىتلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن «سىنېرگىيە» ئۇقۇمىنى مەركەزگە قويغانلىقىدۇر. ئىلمىي ئاتالغۇلاردا سىنېرگىيە بىر سىستېمىنى تەشكىل قىلغان بۆلەكلەرنىڭ ئومۇمىي تەسىرىنىڭ، بۆلەكلەرنىڭ ئايرىم-ئايرىم تەسىرلىرىنىڭ ئارىفمېتىكىلىق يىغىندىسىدىن چوڭ بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ («پۈتۈن، ئۇنى تەشكىل قىلغان پارچىلارنىڭ يىغىندىسىدىن چوڭدۇر»). بېرېس بۇ پىرىنسىپنى خەلقئارا بىخەتەرلىككە تەتبىقلاپ، ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان دۈشمەن تەھدىتلىرىنى يەككە ھالدا مۇھاكىمە قىلىشنىڭ چوڭ بىر ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ تەھدىتلەر بىر-بىرى بىلەن ئۆزئارا تەسىرلىشىش ئارقىلىق، ئالدىن مۆلچەرلىگۈسىز ۋە ئادەتتە تېخىمۇ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغان «كۈچ ھەسسىلىگۈچ» (force multiplier) تەسىرىنى يارىتالايدۇ.
بېرېس بۇ سىنېرگىيەلىك تەھدىتلەر توپلىمىنى تەشكىل قىلغان تۆت ئاساسلىق ئامىلنى مۇنداق تىزىدۇ: (1) ئامېرىكا-رۇسىيە ئارىسىدا قايتىدىن كۈچىيىۋاتقان «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى II» جىددىيچىلىكى ۋە پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادا سادىر قىلغان خەلقئارالىق جىنايەتلىرى؛ (2) خىتاينىڭ گېئوپولىتىكىلىق تەۋەككۈلچىلىكى ۋە كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرى؛ (3) شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو قوراللىرى پىلانى؛ (4) ئىراننىڭ قايتىدىن كۈچەيگەن يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇش ئېھتىماللىقى. بېرېسنىڭ قارىشىچە، ئەنئەنىۋى بىر ئانالىزچى بۇ تەھدىتلەرنى مۇھىملىق دەرىجىسىگە ئاساسەن پەلەمپەيسىمان بىر تىزىملىككە تىزىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمما سىنېرگىيەلىك نۇقتىئىنەزەر بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئاشكارىلايدۇ. ھەقىقىي خەتەر بۇ تۆت تەھدىتنىڭ يەككە ھالەتتە قانچىلىك چوڭ بولۇشىدا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۆلچەرلىگۈسىز ئۆزئارا تەسىرلەرنىڭ قانداق بىر يىغىندا نەتىجە پەيدا قىلىشىدىدۇر. مەسىلەن، تەيۋەن بوغۇزىدا خىتاي سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بىر كىرىزىس شىمالىي كورىيەنى جەنۇبىي كورىيەگە قارشى تېخىمۇ جۈرئەتلىك قەدەملەرنى ئېلىشقا جۈرئەتلەندۈرۈشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇسىيەنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى بېسىمىنى ئاشۇرۇشىغا زېمىن ھازىرلىشى مۇمكىن. بۇ سېنارىيەدە، ئامېرىكا بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ ئوخشىمىغان سەپتە، بىر-بىرىگە باغلانغان ۋە بىر-بىرىنى قوزغايدىغان كىرىزىسلارغا دۇچ كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ئەھۋال پەيدا قىلىدىغان ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك يۈك ھەر بىر كىرىزىسنىڭ ئايرىم-ئايرىم پەيدا قىلىدىغان يۈكىنىڭ يىغىندىسىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ.
بېرېس سىنېرگىيەنىڭ ھەر دائىم پاسسىپ (تەھدىتلەرنى كۈچەيتىدىغان) بولۇشى ناتايىنلىقىنىمۇ بىلدۈرۈپ، ئانالىزىغا يەنە بىر مۇرەككەپلىك قەۋىتى قوشىدۇ. گەرچە قارىماققا زىتلىق باردەك كۆرۈنسىمۇ، بەزى ئەھۋاللاردا تەھدىتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر «ئۆز ئارا يوقىتىشىدىغان» بىر ئۈنۈم پەيدا قىلىپ، تېخىمۇ ئېغىر خەتەرلەرنى تۈگىتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئىككى دۈشمەن دۆلەتنىڭ ئورتاق بىر رەقىبىگە قارشى ئوخشىمىغان ئىستراتېگىيەلەرنى قوللىنىشى بۇ ئىستراتېگىيەلەرنىڭ بىر-بىرىنى ئاجىزلىتىشىغا ۋە ئاخىرىدا ئورتاق رەقىبنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئەمما قالايمىقانچىلىق مۇھىتىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولغان مۆلچەرلىگىلى بولماسلىق، يۇقىرىدىكىدەك «ئىجابىي» سىنېرگىيەلەرگە تايىنىپ سىياسەت چىقىرىشنى مۇمكىنسىز قىلىدۇ. سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك بولغان ئىش ئەڭ ناچار سېنارىيەنى، يەنى پاسسىپ سىنېرگىيەلەرنىڭ ۋەيران قىلغۇچ يىغىندا تەسىرىنى ئالدىن پەرەز قىلالاش ۋە شۇنىڭغا قارشى تەييارلىق قىلىشتۇر.
بۇ نۇقتىدا بېرېس ئىستراتېگىيەچىلەرنىڭ ئەمدى «نورمال گېئومېتىرىيە» پەرەزلىرىدىن (پۈتۈننىڭ بۆلەكلەرنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولۇشى دېگەن قاراش) ۋاز كېچىپ، بۇ خىل «قالايمىقانچىلىقنىڭ گېئومېتىرىيەسى»نى چۈشىنىشكە تىرىشىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ يېڭى گېئومېتىرىيە سىزىقسىز، مۇرەككەپ ۋە بىر-بىرىگە باغلانغان مۇناسىۋەتلەر تورى ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇ ئامېرىكالىق ھەربىي ۋە پۇقراۋى پىلانلىغۇچىلار ئۈچۈن غايەت زور بىر ئىدىيەۋى خىرىس دېمەكتۇر. تەھدىتلەرنى ئايرىم بۆلۈملەرگە ئايرىپ ئانالىز قىلىدىغان تارماقلاشقان بىيۇروكراتىك قۇرۇلمىلار بۇ يېڭى رېئاللىق ئالدىدا يېتەرسىز قېلىشقا مەھكۇم. بېرېسنىڭ سىنېرگىيەنى تەكىتلىشى بىر پۈتۈن بولغان، پەنلەر ئاراماسلاشتۇرۇلغان ۋە سىستېمىلىق بىر ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئەندىزىسىگە ئۆتۈشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىگە دائىر كۈچلۈك بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. جېيمىس ھىلتوننىڭ «يوقالغان ئۇپۇق» رومانىدىن كەلتۈرگەن نەقىلى بۇ نۇقتىدا ئىنتايىن چوڭقۇر مەنىگە ئىگە: «شۇنداق بىر بوران-چاپقۇن بولىدۇكى، دۇنيا ئىلگىرى بۇندىقىنى كۆرۈپ باقمىغان بولىدۇ. قوراللاردا بىخەتەرلىك، ھوقۇقدارلاردا ياردەم، ئىلىم-پەندە تاقابىل تۇرۇش بولمايدۇ.» بۇ نەقىل سىنېرگىيەلىك تەھدىتلەر بىرلەشكەن بىر قالايمىقانچىلىق بورىنىنىڭ بىز بىلىدىغان بارلىق مۇداپىئە مېخانىزملىرىنى ئىشتىن چىقىرىپ قويۇشى مۇمكىنلىكىگە دائىر ئەدەبىي بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.
3. ئەقلىيلىك، غەيرىي ئەقلىيلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك چۆچۈتۈش كۈچىنى قايتىدىن ئېنىقلاش
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىن مىراس قالغان يادرو ئىستراتېگىيەسى ۋە چۆچۈتۈش كۈچى نەزەرىيەلىرىنىڭ ئۇل تېشى ئاكتىيورلارنىڭ «ئەقلىي» ھەرىكەت قىلىشىدۇر. ئەقلىي بىر ئاكتىيور ھەر قانداق شارائىتتا ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى (دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشنى) باشقا بارلىق تاللاشلاردىن ئۈستۈن قويىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۆزىگە قىلىنغان بىر ھۇجۇمنىڭ ئۆچ ئېلىش سۈپىتىدە قايتىپ ئۆزىنىڭ مۇتلەق يوقىتىلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلگەن بىر رەھبەر بۇ ھۇجۇمنى قوزغاشتىن ساقلىنىدۇ (ئۆزئارا كاپالەتلىك ھالدا يوقىتىش – MAD تەلىماتى). پىروفېسسور بېرېس قالايمىقانچىلىق مۇھىتى ۋە سىنېرگىيەلىك تەھدىتلەرنىڭ بۇ ئۇل تاش بولغان پەرەزنى كۈچلۈك تەۋرىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان دۈشمەنلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ (ياكى كەلگۈسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ) ھەر دائىم بۇ ئەقلىيلىك قېلىپىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا ھېچقانداق كاپالەت يوق.
بېرېس سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ دۈشمەن ئاكتىيورلارنى ئۈچ تۈرگە ئايرىپ ئانالىز قىلىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ: ئەقلىي، غەيرىي ئەقلىي ۋە «ساراڭ» (mad). غەيرىي ئەقلىي بىر ئاكتىيورنىڭ ئىزچىل بولمىغان بىر قىممەت قارىشى سىستېمىسى بولۇشى،ئىھتىماللىقلارنى ھېساپقا ئېلىشتا خاتالىق ئۆتكۈزۈشى ياكى دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن تېخىمۇ مۇھىم دەپ قارايدىغان ئىدېئولوگىيەلىك، دىنىي ياكى شەخسىي نىشانلىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئاكتىيور ئالدىدا، ئەنئەنىۋى چۆچۈتۈش كۈچى لوگىكىسى يىمىرىلىدۇ. يادرو ئارقىلىق ئۆچ ئېلىش تەھدىتى ئۆلۈمنى ياكى ۋەيرانچىلىقنى بىر غەلىبە دەپ قارايدىغان بىر رەھبەرنى توسۇپ قېلىشقا يەتمەسلىكى مۇمكىن. بېرېس بۇ ئېھتىماللىقنىڭ ئەمدى سەل قارىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە رېئال ئىكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنىڭ مەركىزىگە قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ يادرو قوراللىرىغا ئىگە ياكى ئىگە بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان شىمالىي كورېيە ۋە ئىرانغا ئوخشاش ھاكىمىيەتلەرنىڭ رەھبەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى بۇ ئەندىشىلەرنى ئورۇنلۇق قىلىدۇ.
بۇ ئەھۋال ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ يادرو ئارقىلىق چۆچۈتۈش كۈچىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەگلىگىنى تەقەززا قىلىدۇ. بېرېس بۇ مەسىلىدە بىر پارادوكسلۇق نۇقتىغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇرىدۇ: ئامېرىكانىڭ يادرو قورال-ياراغلىرىنىڭ «ئىنتايىن چوڭ» ياكى «ئىنتايىن ۋەيران قىلغۇچ» دەپ قارىلىشى، چۆچۈتۈش كۈچى تەسىرىنى ئاشۇرۇش تۈگۈل، ئەكسىچە ئازايتىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇنداق چوڭ بىر كۈچنىڭ كىچىك ياكى ئوتتۇرا كۆلەملىك بىر ھۇجۇمغا جاۋابەن ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىلمەسلىكى مۇمكىن. دۈشمەن ئامېرىكىنى نىيۇيوركنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە سېئۇل ياكى رىيادنى قوغداش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك بىر يادرو ئۇرۇشىغا جۈرئەت قىلمايدۇ، دەپ ھېسابلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا بېرېس ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ «ئىلاستىكىلىق»، كۆپ خىل ۋە دەرىجىگە ئايرىلغان بىر يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ئىقتىدار دۈشمەننىڭ تۇنجى ھۇجۇمىدىنلا تەسىرگە ئۇچرىمايدىغان دەرىجىدە بىخەتەر (ئىككىنچى قېتىملىق زەربە بېرىش ئىقتىدارى) ۋە دۈشمەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتەلەيدىغان دەرىجىدە تېخنولوگىيەلىك جەھەتتىن ئۈستۈن (ئاۋازدىن تېز سۈرئەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا ئوخشاش) بولۇشى كېرەك.
ئۇندىن باشقا، ئىنتېرنېت ئۇرۇشى ۋە ئىنتېرنېت مۇداپىئە ئىقتىدارلىرىنىڭمۇ بۇ يېڭى چۆچۈتۈش كۈچى تەڭلىمىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئىنتېرنېت ساھەسىدە ئىگە بولغان ئۈستۈنلۈك دۈشمەنلەرنىڭ ئادەتتىكى قوراللار ياكى يادرو ئۇرۇشىغا كىرىشىنى توسۇيدىغان بىر ئامىل بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بېرېس «ئىنتېرنېت ياللانما ئەسكەرلىرى»گە ئوخشاش دۆلەتسىز ئاكتىيورلارنىڭ تەڭلىمىگە كىرىشى بىلەن بۇ ساھەنىڭمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە مۆلچەرلىگۈسىز ھالەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئاخىرىدا، چۆچۈتۈش كۈچىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت ھەربىي جابدۇقلارغىلا ئەمەس، يەنە دۈشمەنلەرنىڭ تاللاشلىرى، قىممەت قارىشى قاتلاملىرى ۋە پىسخولوگىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئىقتىدارىغىمۇ باغلىق. بۇ بىزنى بېرېسنىڭ ئانالىزىدىكى يەنە بىر ئاساسىي تۈۋرۈككە، يەنى ئىدىيەۋى كۈرەشنىڭ مۇھىملىقىغا ئېلىپ كېلىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك چۆچۈتۈش كۈچىنى قايتىدىن ئېنىقلاش پەقەت تېخنولوگىيەلىك بىر مۇسابىقە ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن ۋە ئاساسلىقى بىر «ئەقىل ئۇرۇشىدۇر».
4. ئىدىيەۋى كۈرەش ۋە نەزەرىيەنىڭ رولى: ئەقىلنىڭ ئەقىل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى
پىروفېسسور بېرېسنىڭ ماقالىسىدە جاسارەت بىلەن تەكىتلىگەن نۇقتىلىرىنىڭ بىرى، دۇچ كېلىنگەن قالايمىقانچىلىق ۋە سىنېرگىيە مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىنىڭ ھەربىي جابدۇقلار ياكى سىياسىي نۇتۇقلاردا ئەمەس، بەلكى ئىدىيەۋى ۋە ئانالىز جەھەتتىكى ئىنچىكىلىكتە ياتقانلىقىدۇر. ئۇ ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تۈزۈش جەريانىنى ئاساسەن بىر «ئىدىيەۋى ۋەزىپە» دەپ ئېنىقلايدۇ. بۇ ۋەزىپىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان نەزەرىيەۋى رامكىلارغا ئېھتىياج بار. بۇ نۇقتىدا ئۇ نوۋالىسقا مەنسۇپ بولغان مەشھۇر مېتافورانى قوللىنىدۇ: «نەزەرىيە بىر تورغا ئوخشايدۇ. پەقەت تورنى تاشلىغانلارلا بىر نەرسە تۇتالايدۇ.». بۇ مېتافورا پەقەت «پاكىت» ياكى سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، بۇ مەلۇماتلارنى مەنىلىك بىر پۈتۈنلۈككە ئايلاندۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يوشۇرۇن باغلىنىشلارنى ئاشكارىلايدىغان ۋە كەلگۈسىنى مۆلچەرلەشكە ئىمكانىيەت يارىتىدىغان بىر نەزەرىيەۋى مودېلغا ئىگە بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
بېرېس بولۇپمۇ ئامېرىكا سىياسىتىدە كەڭ تارقالغان، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە پارتىيەۋازلىق شوئارلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈۋېتىش خاھىشىغا قارشى قاتتىق بىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. رۇسىيە، خىتاي، شىمالىي كورىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىپ چىققان تەھدىتلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىرىنى ئاددىي ۋە سىزىقلىق تەپەككۇر قېلىپلىرى بىلەن چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ كلاۋسېۋىتزنىڭ ئۇرۇشلاردىكى «سۈركىلىش» (friction) ئۇقۇمىنى ئەسلىتىدىغان، ئەمما ئۇنىڭدىن تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان، مۆلچەرلىگۈسىز ئۆزئارا تەسىرلەر ۋە كۈتۈلمىگەن نەتىجىلەر ھۆكۈم سۈرگەن بىر ساھەدۇر. بۇ ئىدىيەۋى كۈرەشتىن قېچىش ياكى ئىلاھىي بىر ياردەمگە (deus ex machina) تايىنىش بېرېسنىڭ قارىشىچە بىر ئىستراتېگىيە ئەمەس، بەلكى تەسلىمچىلىكتۇر. ئۇرۇش سەنئىتىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇۋەپپەقىيەت «ئەقىلنىڭ ئەقىل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىدۇر» ۋە بۇ غەلىبىلەر ھەر دائىم ئالدى بىلەن ئىدىيەۋى غەلىبىلەردۇر.
بۇ ئىدىيەۋى تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، بېرېس قالايمىقانچىلىقنىڭ پەقەت ۋەيران قىلغۇچ بىر كۈچ دەپلا قارالماسلىقى كېرەكلىكىگە دائىر پەلسەپەۋى بىر ئىشىك ئېچىپ بېرىدۇ. فرىدرىخ نىتچېنىڭ «زەردۇشت مۇنداق دېگەن» ناملىق ئەسىرىدىكى «سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى، ئىچىڭلاردا يەنىلا قالايمىقانچىلىق بولۇشى كېرەك» دېگەن سۆزىگە ۋە شائىر فرىدرىخ ھۆلدېرلىننىڭ «ھەممە نەرسىنىڭ يىلتىزىدا تۇرىدىغان ۋە ھەممە نەرسىنى تەييارلايدىغان مۇقەددەس ۋە قالايمىقان بىر چۆللۈك باردۇر» دېگەن مىسراسىغا ئىشارەت قىلىپ، قالايمىقانچىلىقنىڭ يەنە بىر يېڭىلىنىش ۋە قايتا تۇغۇلۇش يوشۇرۇن كۈچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. قەدىمكى يۇنانچىدىكى logos ئۇقۇمىنىڭمۇ قالايمىقانچىلىقنى پۈتۈنلەي تاسادىپىيلىق دەپ ئەمەس، بەلكى ئىچىدە يوشۇرۇن بىر تەرتىپنى ساقلىغان ب مەنبە دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كەلگەن ۋەيرانچىلىق، بەلكىم 17-ئەسىردىن قالغان ۋېستفالىيە سىستېمىسىنىڭ قالدۇقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ ئادىل ۋە تىنچ يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپى قۇرۇش ئۈچۈن بىر «پۇرسەت» بولۇشى مۇمكىنلىكىگە دائىر ئاجىز بىر ئۈمىد نۇرىدۇر. ئەمما بۇ پۇرسەتنى تۇتۇۋېلىش يەنىلا ئىدىيەۋى جۈرئەت ۋە يىراقنى كۆرەرلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ھازىرقى كىرىزىسنى پەقەت باشقۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئورنىغا، كىرىزىسنىڭ ئۆزگەرتىش يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈپ يىتەلىشى كېرەك.
خۇلاسە
پىروفېسسور لۇئىس رېنې بېرېسنىڭ «Calamity, Truth and Silence: America and World-System Chaos» ناملىق ماقالىسى 21-ئەسىرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتىغا دائىر ئىنتايىن ۋاقتىدا يېزىلغان، ئىلھام بېرىدىغان ۋە چوڭقۇر بىر ئانالىزنى سۇنىدۇ. بېرېسنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى خەلقئارا سىستېمىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن «ئانارخىيە» ئۇقۇمىنىڭ يېتەرسىز قالغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆز ئورنىنى تېخىمۇ خەتەرلىك ۋە ئېنىقسىز بىر «قالايمىقانچىلىق» ھالىتىگە بوشىتىپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىدۇر. بۇ قالايمىقانچىلىق مۇھىتىدا، ئەقلىي تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزملىرى يىمىرىلمەكتە ۋە مۆلچەرلىگۈسىزلىك مۇقەررەرلىككەئايلانماقتا.
بۇ تەتقىقاتتا بېرېسنىڭ قاراشلىرىنىڭ تۆت ئاساسىي تۈۋرۈك ئۈستىدە تۇرغانلىقى مەلۇمدۇر. بىرىنچىسى، ئانارخىيە بىلەن قالايمىقانچىلىق ئارىسىدىكى سۈپەت خاراكتېرلىك پەرقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھازىرقى يەر شارى كىرىزىسىنىڭ سىستېماتىك بىر ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇر. ئىككىنچىسى، ئامېرىكا دۇچ كەلگەن ئاساسلىق تەھدىتلەرنى (رۇسىيە، خىتاي، شىمالىي كورىيە، ئىران) ئانالىز قىلىش ئۈچۈن «سىنېرگىيە» ئۇقۇمىنى قوللىنىپ، بۇ تەھدىتلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىرىدىن تۇغۇلغان ۋە بۆلەكلەرنىڭ يىغىندىسىدىن كۆپ چوڭ بولغان يىغىندا خەتەرگە دىققەتلىرىمىزنى ئاغدۇرۇشىدۇر. ئۈچىنچىسى، دۈشمەن ئاكتىيورلارنىڭ ئەقلىي ھەرىكەت قىلماسلىق ئېھتىماللىقىنى ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرنىڭ مەركىزىگە قويۇپ، ئەنئەنىۋى چۆچۈتۈش كۈچى نەزەرىيەلىرىنىڭ جىددىي ھالدا قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇر. تۆتىنچىسى ۋە بەلكىم ئەڭ مۇھىمى، بۇ مۇرەككەپ مەسىلىلەر تۈگۈنىنىڭ ھەل قىلىنىشىنىڭ چارىسىنىڭ ھەممىدىن ئاۋۋال بىر «ئىدىيەۋى كۈرەش» ئىكەنلىكىنى ۋە نەزەرىيەۋى چوڭقۇرلىقتىن مەھرۇم، ئاددىيلاشتۇرۇلغان تىئورمىلارنىڭ ئاپەتكە يول ئاچىدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇر.
بېرېسنىڭ كامۇسقا ئىشارەت قىلىش بىلەن باشلىغان ۋە ئاخىرلاشتۇرغان ماقالىسى بىر ھەرىكەت چاقىرىقىدۇر. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى «يۇقۇمنىڭ دەسلىپىدە» نۇتۇقۋازلىق قالقىنىدا پاناھلىنىشنىڭ ئورنىغا، ئاپەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ «رىئاللىق»نىڭ رەھىمسىزلىكى بىلەن يۈزلىشىشى ۋە بۇ رىئاللىق تەلەپ قىلىۋاتقان مۈشكۈل ئىدىيەۋى ۋە ئىستراتېگىيەلىك قەدەملەرنى بېسىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ئەڭ ناچار سىنارىيەلەر بىرلەشكەن سىنېرگىيەلىك بىر ئاپەتنىڭ ئاخىرىدا يېتىپ بارىدىغان جايى كامۇس كۆرسەتكەن ئاشۇ مەڭگۈلۈك «سۈكۈت» بولىدۇ. بۇ ئانالىز پەقەت ئامېرىكا سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ئېنىقسىزلىق ۋە قالايمىقانچىلىق كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر دۇنيادا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ ھاياتىي ساۋاقلارنى سۇنىدۇ.
تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار
پايدىلانغان مەنبە:
Beres, Louis René. “Calamity, Truth and Silence: America and World-System Chaos”. Modern Diplomacy, 15 Kasım 2025.