سۈرىيەدە ھاكىمىيەت ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى خىتاي-سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنىقسىز كېلەچىكى

سۈرىيەدە ھاكىمىيەت ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى خىتاي-سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنىقسىز كېلەچىكى

ئىستراتېگىيەلىك يېقىنلىشىش، مىش-مىش پاراڭلار ۋە گېئوپولىتىكىلىق رېئاللىقلار

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

2025-يىلى 18-نويابىر

بۇ ماقالىدە سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان يېڭى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايتىدىن شەكىللىنىش جەريانىنى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.  سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانىنىڭ بېيجىڭغا قىلغان مۇھىم زىيارىتىنى مەركەز قىلىپ، سۈرىيە يېڭى دەۋرىنىڭ دىپلوماتىك، ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي تەرەپلىرى تەھلىل قىلىنىدۇ. زىيارەت جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىددىئالار، بۇ ئىددىئالارنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى، سۈرىيە تەرىپىدىن تېزلىكتە ئىنكار قىلىنىشى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئارقىسىدىكى مۇرەككەپ دىنامىكىلار نۇقتىلىق تەتقىق قىلىنىدۇ. بۇ تەتقىقاتتا خىتاينىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ئەمەلىيەتچىل تاشقى سىياسىتى، يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىي ئورۇن تىكلەش ۋە قايتا قۇرۇش ئۈچۈن ھەمكار ئىزدىشى، تۈركىيە ۋە قاتار قاتارلىق رايونلۇق ئاكتىيورلارنىڭ رولى ۋە ئەڭ مۇھىمى، سۈرىيەدىكى ئوخشىمىغان ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىنىڭ (تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى، باشقا ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلار ۋە تەرەپسىز پۇقرالار) كېلەچىكىگە ئائىت مۇمكىن بولغان سىنارىيەلەر كۆپ قاتلاملىق  باھالىنىدۇ. بۇ تەھلىللەردە، خىتاينىڭ دۇنياۋى ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى گېئوپولىتىكىلىق رىقابىتى ئۈچۈن سۈرىيەنىڭ يېڭى بىر سەھنىگە ئايلىنىش ئىھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئۆزگىرىۋاتقان تەڭپۇڭلۇقلار ۋە يېڭى بىر باشلىنىش

سۈرىيەدە تەخمىنەن ئون بەش يىل داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئاخىرلىشىشى پەقەت ئوتتۇرا شەرقتىلا ئەمەس، بەلكى دۇنياۋى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى جەھەتتىنمۇ يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى. بۇ يېڭى دەۋرنىڭ ئەڭ دىققەت تارتىدىغان دىپلوماتىك تەرەققىياتلىرىنىڭ بىرى، سۈرىيەدە قۇرۇلغان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم خەلقئارالىق قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە رەسمىي زىيارەتتە بولۇشىدۇر[1]. بۇ زىيارەت بىر تەرەپتىن بېيجىڭنىڭ ئەمەلىيەتچىل ۋە جانلىق تاشقى سىياسەت چۈشەنچىسىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە قانۇنىي ئورۇنغا ئېرىشىش ۋە دۆلەتنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك شېرىكلەر تېپىش تىرىشچانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولدى.

بۇ ئىستراتېگىيەلىك يېقىنلىشىش ئۆزى بىلەن بىللە ئىنتايىن سەزگۈر ۋە مۇرەككەپ بىر مەسىلىنىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى: سۈرىيەدە ياشاۋاتقان ۋە بىر قىسمى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى. زىيارەتتىن كېيىنلا خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، بولۇپمۇ فىرانسىيە تاراتقۇلىرىدا، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي قوللىشىغا ئېرىشىش بەدىلىگە ئۇيغۇر جەڭچىلەرنى بېيجىڭغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا جىددىي ئىددىئالار ئوتتۇرىغا قويۇلدى[10]. بۇ ئىددىئالار ھەم سۈرىيە ئىچىدىكى تەڭپۇڭلۇقلارنى تەۋرىتىدىغان، ھەم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جامائەتچىلىكىنى يېقىندىن ئەندىشىگە سالغان بىر مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى. ئەمما دەمەشق ھۆكۈمىتى بۇ خەۋەرلەرنى تېزلىكتە ۋە كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىپ، بۇنداق بىر نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى جاكارلىدى[11، 15].

بۇ ماقالىدە مەزكۇر بىيجىڭ زىيارىتىىنڭ ۋە قايتۇرۇپ بېرىش ئىددىئالىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى، خىتاي ۋە يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزئارا كۈتكەنلىرىنى، مىش-مىش پاراڭلارنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرىنى ۋە ئىنكار قىلىنىشىنىڭ ئارقىسىدىكى سىياسىي لوگىكىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر پۈتۈن بىر گەۋدە ئەمەسلىكى رېئاللىقىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارنىڭ كەلگۈسىدە دۇچ كېلىشى مۇمكىن بولغان سېنارىيەلەر (قايتۇرۇپ بېرىلىش، سۈرىيە جەمئىيتىگە سىڭىپ كېتىش، ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ياكى ئېنىقسىزلىق ئىچىدە قېلىش) ۋە بۇ سېنارىيەلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق ئامىللار (تۈركىيەنىڭ رولى، غەربنىڭ ئىنكاسى قاتارلىقلار) ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.  سۈرىيەدىكى ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ بېيجىڭنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» بايانى ئاستىدا يۈرگۈزۈۋاتقان دۇنياۋى ئۇيغۇر سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سەزگۈر تەڭپۇڭلۇقنى قانداق تەڭشەيدىغانلىقى مەسىلىسى تەھلىلنىڭ ئاساسىي مەركىزىنى تەشكىل قىلىدۇ.

تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش: ئەسەد دەۋرىدە خىتاينىڭ سۈرىيە سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرى

خىتاينىڭ سۈرىيەدىكى يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن تېزلىكتە ئالاقە ئورنىتىشىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن، بېيجىڭنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى سىياسىتىنى ۋە بۇ سىياسەتنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرىنى چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم. خىتاي سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ،خىتاي تاشقى سىياسىتىگە يۆنىلىش بەرگەن «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالماسلىق» ۋە «دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش» پىرىنسىپلىرى رامكىسىدا ھەرىكەت قىلدى. بۇ پىرىنسىپچان پوزىتسىيە بېيجىڭنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە (ب د ت خ ك) سۈرىيەگە قارىتىلغان ھەربىي ئارىلىشىش ياكى قاتتىق ئېمبارگولارنى كۆزدە تۇتقان قارار لايىھەلىرىنى رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە قايتا-قايتا ۋېتو قىلىشى بىلەن گەۋدىلەندى[16]. بۇ ۋېتولار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارانىڭ بېسىمىغا قارشى پۈت تىرەپ تۇرالىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

خىتاينىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ ئارقىسىدا بىر قانچە ئاساسىي ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت ياتىدۇ. بىرىنچىدىن، بېيجىڭ 2011-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ  لېۋىيەگە قارىتا ھەربىي ئارىلىشىشىنى بىر ئۈلگە دەپ قارىدى ۋە غەرب يېتەكچىلىكىدىكى «ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىش» ھەرىكەتلىرىگە پىرىنسىپ جەھەتتىن قارشى چىقتى. خىتاي ئىستراتېگىيەچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئارىلىشىشلار رايوننىڭ مۇقىمسىزلىقىنى ئاشۇراتتى، رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ كۈچىيىشىگە زېمىن ھازىرلاپ بەرگەنلىك بولاتتى ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە زىيان سالماقتا ئىدى. يەنى، ئىقتىسادى مەنپەئەتتە كۆزدە تۇتۇلغىنى، سۈرىيەنىڭ مۇقىمسىزلىشىشى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك بىر تۈگۈن بولغان ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ كەڭ بىر قالايمىقانچىلىققا يول ئېچىشىدىن ئەندىشە قىلىنغان ئىدى [14].

ئىككىنچىدىن، خىتاي ئۈچۈن «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» مەسىلىسى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت سەۋەبىدىن، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بېيجىڭ سۈرىيەدىكى توقۇنۇش مۇھىتىنىڭ تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى (ت ئى پ) قاتارلىق ئۇيغۇر «بۆلگۈنچى» ۋە «جىھادچى» گۇرۇپپىلار ئۈچۈن بىر تەلىم-تەربىيە،تەجرىبە توپلاش ۋە تەشكىللىنىش مەيدانىغا ئايلىنىشىدىن چوڭقۇر بىئارام بولدى. ئەسەد ھاكىمىيىتى بۇ گۇرۇپپىلارنى «تېررورچى» دەپ ئېنىقلىما بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بېيجىڭ بىلەن دەمەشق ئارىسىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» مەسىلىسىدە تەبىئىي بىر ھەمپىكىرلىك شەكىللەندى. خىتاي ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاش ئارقىلىق، ۋاسىتىلىك ھالدا شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا بىر تەھدىت دەپ قارالغان بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئاجىزلىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئۈچىنچىدىن، ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرمۇ خىتاينىڭ سىياسىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتتى. ئۇرۇشتىن ئىلگىرى سۈرىيە خىتاي ئۈچۈن چوڭ بىر بازار بولمىسىمۇ، دۆلەتنى قايتا قۇرۇش جەريانىدا خىتاي شىركەتلىرى ئۈچۈن غايەت زور پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىدى. بېيجىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى دەۋردە ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە ۋە تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەرنى قايتا قۇرۇشتا باشلامچى رول ئويناشنى نىشان قىلدى ۋە بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ھازىرقى ھاكىمىيەت بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىستراتېگىيەلىك بىر مەبلەغ سېلىش دەپ قارىدى. شۇڭلاشقا، خىتاينىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللىشى پۈتۈنلەي ئىدېئولوگىيەلىك بىر ئىتتىپاق بولماستىن، بەلكى يەنە دۇنياۋى گېئوپولىتىكىلىق نىشانى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەندىشىسى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي ھېساباتلىرىغا ئاساسلانغان ئەمەلىيەتچىل بىر ئىستراتېگىيەنىڭ مەھسۇلى ئىدى [17].

ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشى ۋە خىتاينىڭ ئەمەلىيەتچىل ماسلىشىش جەريانى

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كۈتۈلمىگەن بىر تېزلىكتە يىمىرىلىشى بېيجىڭنى تەييارلىقسىز قالدۇرغاندەك قىلسىمۇ، خىتاي دىپلوماتىيەسىنىڭ كىرىزىسقا ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىيەتچىللىقى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنى كۆرسەتتى. يىللاردىن بۇيان ئەسەدنى قوللاپ كەلگەن بولسىمۇ، بېيجىڭ يېڭى رېئاللىقنى تېزلىكتە قوبۇل قىلىپ، سۈرىيەدىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت بىلەن دەرھال دىيالوگ يوللىرىنى ئاچتى. خىتاينىڭ بۇ تېز ھەرىكىتى ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك پىرىنسىپلاردىن بەكرەك دۆلەت مەنپەئەتىگە مەركەزلەشكەنلىكىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئىسپاتىدۇر. بېيجىڭ ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى، سۈرىيەنى كىمنىڭ باشقۇرۇشىدىن بەكرەك، سۈرىيەدىكى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ ئاساسىي مەنپەئەتلىرىگە (مۇقىملىق، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش) ھۆرمەت قىلىپ-قىلمىغانلىقىدۇر [9].

سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانىنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى بۇ ئەمەلىيەتچىل ماسلىشىش جەريانىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ شەيبانىنى يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەتچى سۈپىتىدە كۈتۈۋېلىشى ۋە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنىڭ مەزمۇنى بېيجىڭنىڭ يېڭى دەۋرگە ئائىت ئىستراتېگىيەسىنى ئېنىق ئاشكارىلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي باياناتلىرىغا قارىغاندا، سۆھبەتلەردە تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ئالدىنقى ئورۇنغا چىققان:

  • ئىگىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش: خىتاي سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە «سۈرىيەلىكلەر يېتەكچىلىكىدىكى، سۈرىيەلىكلەرگە مەنسۇپ» سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ، بېيجىڭنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتكە قانۇنىي ئورۇن بەرگەنلىكىنىڭ ۋە ئىچكى ئىشلارغا قارىتا تاشقى ئارىلىشىشلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنىڭ بىر ئىشارىتىدۇر [1, 2].
  • قايتا قۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق: خىتاي سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش جەريانىدا ئاكتىپ رول ئويناشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى رامكىسىدىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىگە دىققەتنى تارتتى. بۇ، يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ جەلپ قىلارلىق تەكلىپلەرنىڭ بىرى، چۈنكى يېڭى دۆلەت غەربنىڭ ئېمبارگولىرى ئاستىدا بولۇپ، قايتا قۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغكە موھتاج [8].
  • تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا شېرىكلىك: سۆھبەتنىڭ ئەڭ ھالقىلىق تېمىلىرىنىڭ بىرى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» بولدى. خىتاي سۈرىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى (ش ت ئى ھ)، يەنى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنى نىشان قىلىپ كۆرسەتتى. سۈرىيە تەرەپمۇ خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالىدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن كۈرەش قىلىشتا ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى [4].
  • «بىر خىتاي» سىياسىتىگە سادىق بولۇش: سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى دۆلىتىنىڭ «بىر خىتاي» پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ۋە تەيۋەننى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. <بىر خىتاي سىياسىتىگە سادىق بولۇش>نى تەلەپ قىلىش بېيجىڭنىڭ ھەر بىر دىپلوماتىك سۆھبەتتە ئىزدەيدىغان ئاساسىي كاپالىتى بولۇپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا بەرگەن مۇھىم بىر دىپلوماتىك ئىشارىتىدۇر [5, 6].

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەسى ئېنىق: ئەسەددىن كېيىنكى دەۋردە سۈرىيەدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ۋە تەسىرىنى داۋاملاشتۇرۇش، دۆلەتنى قايتا قۇرۇشتىن ئىقتىسادىي پايدا ئېلىش ۋە ئەڭ مۇھىمى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىكى ئالدىنقى شەرتلىرىگە ئاساسەن باشقۇرالايدىغان بىر شېرىككە ئېرىشىش. يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بولسا، خىتاي غەربكە قارشى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى بىر كۈچ، ب د ت خ ك دە يوشۇرۇن بىر قوغدىغۇچى ۋە دۆلەتنىڭ خارابىگە ئايلانغان ئىقتىسادى ئۈچۈن بىر نىجاتكار ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۆزئارا مەنپەئەتلەر مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش مىش-مىش پاراڭلىرى: پەيدا بولۇشى، سەۋەبلىرى ۋە ئىنكار قىلىنىشىنىڭ تەھلىلى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانىنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى داۋاملىشىۋاتقاندا،ئوتتۇرىغا چىققان  بىر ئىددىئا خەلقئارا جامائەتچىلىكتە زور غۇلغۇلا قوزغىدى: يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن تۈزىدىغان كېلىشىملەر بەدىلىگە، دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر جەڭچىلەرنى بېيجىڭغا قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى قوبۇل قىلغان ئىدى[10]. بۇ ئىددىئا دەسلەپتە RFI (فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى) قاتارلىق مەنبەلەردە ئورۇن ئېلىپ، تېزلىكتە تارقالدى. بۇ مىش-مىش پاراڭنىڭ بۇ قەدەر جىددىي قوبۇل قىلىنىشى ۋە كەڭ غۇلغۇلا قوزغىشىنىڭ ئارقىسىدا ياتقان بىر قانچە كۈچلۈك سەۋەب بار.

ئالدى بىلەن، خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر دىياسپوراسى ۋە ئۆكتىچىلىرىگە قاراتقان بېسىمى ۋە نۇرغۇن دۆلەتنى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىدە قايىل قىلىش تىرىشچانلىقى كۆپچىلىككە مەلۇم بىر ھەقىقەت. بېيجىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دەلىلىنى ئىشلىتىپ، مىسىر، تايلاند، مالايسىيە ۋە بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرگەن. شۇڭلاشقا، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئاجىز بىر ئورۇندا تۇرۇۋاتقان، خەلقئارالىق قانۇنىي ئورۇنغا ۋە پۇلغا جىددىي ئېھتىياجى بولغان يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر بېسىمغا باش ئېگىشى مۇمكىنلىكى قارىشى ناھايىتى ئەقىلگە مۇۋاپىق كۆرۈنگەن.

ئىككىنچىدىن، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقىنىڭ خاراكتېرى بۇ مىش-مىش پاراڭنى كۈچەيتتى. بولۇپمۇ ئىدلىب ۋىلايىتىدە مەركەزلەشكەن ۋە ھەيئەت تەھرىر شام (ھ ت ش) بىلەن بىرلىكتە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى (ت ئى پ) ھەم خىتاي، ھەم ب د ت تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈپىتىدە تونۇلىدۇ. يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان ھ ت ش ۋە باشقا گۇرۇپپىلار ئۇرۇش زامانىدا ت ئى پ بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان بولسىمۇ، دۆلەتلىشىش جەريانىدا بۇ خىل ئۇنسۇرلارنى تازىلاش ياكى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئېھتىياجىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن ئىدى. سۈرىيە ئۈچۈن، خىتايغا بىر قانچە ت ئى پ رەھبىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەم خەلقئارا سەھنىدە «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىدىغان مەسئۇلىيەتچان بىر ئاكتىيور» ئوبرازىنى يارىتىش، بېيجىڭدىن مىلياردلارچە دوللارلىق ياردەم ئېلىش ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بىر بەدەل دەپ قارىلىشى مۇمكىن ئىدى.

ئەمما بۇ كۈتۈلگن ئىھتىماللىقلار ۋە مىش-مىش پاراڭلارنىڭ ئەكسىچە، سۈرىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى بۇ ئىددىئالارنى ئىنتايىن قاتتىق ۋە ئېنىق بىر تىل بىلەن رەت قىلدى.سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەۋەر مەنبەلىرى «بۇ خەۋەرلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى» ۋە «سۈرىيەنىڭ ئىنقىلاب پىرىنسىپلىرىغا ۋە مېھماندوستلۇق ئەخلاقىغا زىت» بىر ھەرىكەتتە بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى[11،15]. بۇ ئىنكارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس كۈچلۈك ۋە لوگىكىلىق سەۋەبلىرى بار.

بىرىنچى ۋە ئەڭ مۇھىمى، يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قانۇنىي ئورنى. بۇ ھۆكۈمەت ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان ھەر خىل ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ بىر بىرلەشمىسىدۇر. بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ كۆپىنچىسى، ت ئى پ نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ئۇيغۇر جەڭچىلەرنى «زالىم ھاكىمىيەتلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان دىنىي قېرىنداشلار» دەپ قارايدۇ. بۇ جەڭچىلەرنى ئۆزلىرى يىللاردىن بۇيان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن خىتاي ھاكىمىيىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىش، يېڭى ھۆكۈمەت ئۈچۈن زور بىر خىيانەت دەپ قارىلىپ، بىرلەشمە ئىچىدە چوڭقۇر بىر كىرىزىسقا يول ئاچىدۇ. بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ئاساسىغا ۋەئۆز قوراللىق كۈچىگە قارشى بىر ھەرىكەت بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، سىياسىي بىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا باراۋەر بولاتتى.

ئىككىنچىدىن، بۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارالىق ئوبرازى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن كېيىن سۈرىيەدە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل ۋە قانۇنلۇق بىر ھۆكۈمەت قۇرغانلىقىنى ئىددىئا قىلىۋاتقان بىر ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى خەلقئارالىق ھەرىكەتلىرىدىن بىرىنىڭ بىر مىللەتنى كوللېكتىپ ھالدا قايتۇرۇپ بېرىش بولۇشى بۇ ئوبرازنى يەر بىلەن يەكسان قىلاتتى. غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن دەرھال ئەيىبلىنىدىغان بۇ ئەھۋال، ھۆكۈمەتنىڭ غەرب بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش تىرىشچانلىقىنى ۋەيران قىلاتتى.

ئۈچىنچىدىن، تۈركىيە ۋە قاتار قاتارلىق رايونلۇق ئىتتىپاقداشلارنىڭ رولى. بولۇپمۇ تۈركىيە ھەم سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم قوللىغۇچىسى، ھەم ئۆزىنى تارىخىي ۋە مىللىي باغلىنىشلىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھامىيسى دەپ قارايدىغان بىر دۆلەت بولۇپ،  ئەنقەرەنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىگە كۆز يۇمۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنداق بىر ھەرىكەت تۈركىيەنىڭ ھەم ئىچكى جامائەت پىكرىدىكى، ھەم تۈرك دۇنياسىدىكى ئابرۇيىغا ئېغىر بىر زەربە بېرەتتى. شۇڭلاشقا، ئەنقەرەنىڭ بۇ مەسىلىدە دەمەشىققە جىددىي بېسىم ئىشلەتكەنلىكى ۋە بۇ خىل بىر قەدەمگە قەتئىي قارشى چىققانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.

بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كوللېكتىپ قايتۇرۇپ بېرىش مىش-مىش پاراڭلىرى يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىي رېئاللىقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇ مىش-مىش پاراڭ، بەلكىم خىتاي ياكى باشقا ئاكتىيورلار تەرىپىدىن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ نىيىتىنى ۋە خەلقئارالىق ئىنكاسلارنى دەڭسەپ بېقىش ئۈچۈن تارقىتىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما كەلگەن ئىنكار، دەمەشقنىڭ ھېچ بولمىغاندا ھازىرچە بۇ قىزىل سىزىقتىن ئۆتۈش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسەتتى.

سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقىنىڭ قاتلاملىق قۇرۇلمىسى: بىر گۇرۇپپىدىن كۆپ

سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، بۇ جامائەتنى بىر پۈتۈن «جەڭچىلەر» توپى دەپ قاراشتىن ساقلىنىش، توغرا بىر تەھلىل ئۈچۈن زۆرۈردۇر. سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقى ئوخشىمىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، باغلىنىش ۋە ئورۇنغا ئىگە كەم دېگەندە ئۈچ ئاساسىي قاتلامدىن تەركىب تاپىدۇ:

ئا) تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى (ت ئى پ) جەڭچىلىرى ۋە ئائىلىلىرى: بۇ گۇرۇپپا سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىنغان قىسمىدۇر. ئافغانىستان-پاكىستان چېگرا رايونىدا مەيدانغا كەلگەن ۋە ئەلقائىدە بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان ت ئى پ سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى بىلەن يۈزلىگەن، ھەتتا مىڭلىغان جەڭچىسىنى ئائىلىلىرى بىلەن بىرگە سۈرىيەگە، بولۇپمۇ ئىدلىبقا يۆتكىگەن. بۇ يەردە ھ ت ش نىڭ ئىتتىپاقدىشى سۈپىتىدە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئەڭ ئالدىنقى سەپلەردە ئۇرۇش قىلغان. ئىنتىزامچان ۋە جەڭ ئىقتىدارى يۇقىرى بىر گۇرۇپپا دەپ تونۇلغان. خىتاينىڭ بىۋاسىتە نىشانىدا بولغان ۋە خەلقئارا سەھنىدە «تېررورچى» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان بۇ گۇرۇپپا كېلەچىكى ئەڭ ئېنىقسىز ۋە ئەندىشىلىك بولغىنىدۇر. يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى ت ئى پ نى بىر تەرەپتىن قوراللىق بىر كۈچ سۈپىتىدە كونترول ئاستىدا تۇتۇش، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە بىر سودىلىشىش ئامىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىشتەك بىر بىرىگە زىت ئىككى خىل قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە.

ب) باشقا ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار: ت ئى پ غا قوشۇلمىغان، ئەمما ئەھرارۇششام، جەيشۇل ئىسلام قاتارلىق باشقا سۈننىي ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ سەپلىرىدە ئۇرۇش قىلغان ئۇيغۇرلارمۇ مەۋجۇت. بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈنكى كۈندە يېڭى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ياكى ھەربىي قۇرۇلمىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. شۇڭلاشقا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى ت ئى پ ئەزالىرىنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. ئۇلار «ئىنقىلاب» نىڭ بىر قىسمى دەپ قارىلىشى مۇمكىن ۋە يېڭى سۈرىيە ئارمىيەسى ياكى خەۋپسىزلىك ئاپپاراتلىرىغا سىڭىپ كىرىش يوشۇرۇن كۈچى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ت ئى پ ئەزالىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشتىن كۆپ تەس ۋە سىياسىي جەھەتتىن تېخىمۇ قىممەتكە چۈشىدۇ، چۈنكى بۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنىڭ قۇرغۇچى ئامىللىرىدىن بىرىنى تازىلىشى دېگەنلىك بولىدۇ.

ج) پۇقرالار، مۇساپىرلار ۋە ئائىلىلەر: جەڭچى كىملىكى بولمىغان، پەقەت خىتايدىكى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قېچىپ سۈرىيەگە كېلىپ پاناھلانغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىمۇ بار. بۇ كىشىلەر ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا تېخىمۇ بىخەتەر ۋە ئىسلامىي بىر ھايات كەچۈرەلەيدىغانلىقى ئۈمىدى بىلەن بۇ جاپالىق سەپەرنى قىلغان. بۇ گۇرۇپپىنىڭ مەسىلىسى پۈتۈنلەي ئىنسانىي بىر مەسىلە. ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنىنىڭ (بولۇپمۇ قايتۇرماسلىق پىرىنسىپىنىڭ) ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلىنىشى بولىدۇ ۋە يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا سەھنىدە ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرىدۇ. بۇ كۆچمەن مۇساپىرلارنىڭ  قوغدىلىشى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى سەمىمىيىتىنىڭ بىر سىنىقى بولىدۇ.

بۇ ئۈچ قاتلاملىق قۇرۇلما «ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش» مەسىلىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاددىي بىر «ھەئە» ياكى «ياق» دېگەن جاۋاب بىلەن ھەل قىلغىلى  بولىدىغان مەسىلە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارغا قارىتا ئوخشىمىغان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشى مۇمكىن. مەسىلەن، ت ئى پ نىڭ رادىكال رەھبەرلىك قاتلىمىنى نىشان قىلغاچ نېمىگە نىشان قىلغاچ، ئادەتتىكى جەڭچىلەرنى ۋە پۇقرالارنى قوغداشقا يۈزلەنگەن بىر ئىستراتېگىيەنى قوللىنىشى مۇمكىن.

كېلەچەككە يۈزلەنگەن سېنارىيەلەر: ئېنىقسىزلىق قىسقۇچىغا قىسىلغان ئۇيغۇرلار

سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى دەمەشق، بېيجىڭ، ئەنقەرە ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاكتىيورلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە شەكىللىنىدۇ. ھازىرقى ئەھۋال ۋە دىنامىكىلارنى نەزەردە تۇتقاندا، بىر قانچە  سېنارىيەنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئالدىنئالا مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ:

1-خىل سېنارىيە: كوللېكتىپ قايتۇرۇپ بېرىش (ئېھتىماللىقى ئەڭ تۆۋەن سېنارىيە): بۇ سېنارىيە مىش-مىش پاراڭلارنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىپ، يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەتراپلىق بىر ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ياردەم بەدىلىگە دۆلەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ياكى ھېچ بولمىغاندا بارلىق جەڭچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى سىنارىيەسىدۇر.  يۇقىرىدا تەھلىل قىلىنغاندەك، ئىچكى قانۇنىيەت كىرىزىسى، رايونلۇق ئىتتىپاقداشلارنىڭ (بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ) بېسىمى ۋە خەلقئارالىق ئوبرازىنى قوغداش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ سېنارىيەنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن. بۇ يېڭى ھۆكۈمەت ئۈچۈن سىياسىي بىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش بولىدۇ.

2-خىل سېنارىيە: تاللاپ قايتۇرۇپ بېرىش ۋە ئاخبارات ھەمبەھرلەش (مەخپىي سودىلىشىش سېنارىيەسى): بۇ تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە تېخىمۇ مۇمكىن بولغان بىر سېنارىيە. سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئاشكارا ھالدا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى تۈزۈشتىن ساقلانغاچ، خىتاي بىلەن «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» مەسىلىسىدە يەڭ ئىچىدە ھەمكارلىشىشى مۇمكىن. بۇ ھەمكارلىق ت ئى پ نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن بىر قانچىسىنىڭ مەخپىي ھالدا خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشى،  مالىيە ۋە ئەشيا-ئامبار  ئاخباراتى تەمىنلەش ياكى خىتاينىڭ سۈرىيە زېمىنىدا ت ئى پ غا قارىتا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا ۋاسىتىلىك ھالدا يول قويۇش شەكلىدە بولۇشى مۇمكىن. بۇ، دەمەشقنىڭ ھەم بېيجىڭنى مەلۇم دەرىجىدە رازى قىلىشىنى، ھەم ئىچكى جامائەت پىكرىدە چوڭ بىر نارازىلىق پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرەلەيدىغان ئەمەلىيەتچىل، ئەمما ئەخلاقىي جەھەتتىن مەسىلىلىك بىر ئوتتۇرا يول بولۇشى مۇمكىن.

3-خىل سېنارىيە: جەمئىيەتكە سىڭدۈرۈش ۋە كونترول ئاستىدا تۇتۇش (دۆلەت ئىچىدىكى ھەل قىلىش چارىسى سېنارىيەسى): بۇ سېنارىيەدە، يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى (بولۇپمۇ ت ئى پ سىرتىدىكىلەرنى) سۈرىيە جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈشكە تىرىشىدۇ. جەڭچىلەر قورالسىزلاندۇرۇلۇپ يېڭى ئارمىيەگە ياكى پۇقراۋى ھاياتقا قوشۇلۇشى، ئائىلىلەرگە بولسا ۋاقىتلىق كىملىك ياكى گراژدانلىق بېرىلىپ قانۇنىي بىر ئورۇنغا ئىگە قىلىنىشى مۇمكىن. ت ئى پ قاتارلىق گۇرۇپپىلار بولسا قاتتىق بىر نازارەت ئاستىدا تۇتۇلۇپ، خىتايغا تەھدىت ئېلىپ كېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ «ئىنقىلاب قېرىنداشلىقى» سۆزىگە ئۇيغۇن بىر سىياسەت بولىدۇ، ئەمما بۇ سىياسەت  خىتاينى قانائەتلەندۈرمەسلىكى ۋە بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە دائىملىق بىر جىددىيچىلىك مەنبەسى يارىتىشى مۇمكىن.

4-خىل سېنارىيە: ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش (تۈركىيە ئامىلى): بۇ، بولۇپمۇ پۇقرا ئۇيغۇرلار ۋە ت ئى پ غا ئارىلىق ساقلىغان جەڭچىلەر ئۈچۈن ئەڭ ئىنسانىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئەقىلگە مۇۋاپىق چارىلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. تۈركىيە تارىخىي ۋە دىنىي باغلىنىشلىرى سەۋەبىدىن بۇ كىشىلەرگە ئىشىكىنى ئېچىشى مۇمكىن. بۇنداق بىر چارە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن يۈزمۈيۈز كېلىش مەسئۇلىيىتىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھامىيسى رولىنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە ئىنسانىي بىر كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەمما بۇ، بېيجىڭنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا يول ئېچىشى ۋە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈشى مۇمكىن. شۇنداقلا، مىڭلىغان قوراللىق ۋە رادىكاللاشقان كىشىنىڭ تۈركىيەگە يۆتكىلىشى تۈركىيە ئۈچۈنمۇ ئۆزىگە خاس  خەۋپ-خەتەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.

5-خىل سېنارىيە: ئېنىقسىزلىق ۋە ئارىدا قېلىش (قىسقا مۇددەتلىك ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى سېنارىيە): ئەڭ مۇمكىن بولغان سېنارىيە، يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدى بىلەن دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش، ئىچكى مۇقىملىقنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش قاتارلىق تېخىمۇ جىددىي مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىق ھالدا كېچىكتۈرۈشىدۇر. بۇ ئەھۋالدا، ئۇيغۇرلار قانۇنىي بىر ئورۇنغا ئىگە بولماي، ئېنىقسىزلىق ئىچىدە ياشاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. نە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، نە گراژدانلىققا ئېرىشىپ تولۇق جەمئىيەتكە سىڭىپ كېتەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ كېلەچىكى سۈرىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي مۇستەھكەملىنىش جەريانىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ۋە خىتاينىڭ بېسىمىنىڭ قانچىلىك ئېشىشىغا باغلىق ھالدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شەكىللىنىدۇ. بۇ «مۇزلىتىپ قويۇلغان» ئەھۋال قىسقا ۋە ئوتتۇرا مۇددەتتە ئەڭ مۇمكىن بولغان نەتىجىدەك قىلىدۇ.

خۇلاسە: ئىستراتېگىيەلىك تۈگۈندىكى يېڭى سۈرىيە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى

سۈرىيەدىكى ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشى بىلەن  بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە يېڭى بىر دەۋرنى باشلاندى.  خىتاي يىللاردىن بۇيان قوللاپ كەلگەن ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن كېيىن، مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن ئەمەلىيەتچىل بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا ئىككىلەنمىدى. سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى بۇ يېڭى مۇناسىۋەتنىڭ ئۇلىنى سالدى؛ ئۆزئارا ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، قايتا قۇرۇش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرىدە چۈشەنچە بىرلىكى شەكىللەندى.

ئەمما بۇ  دىپلوماتىك يېقىنلىشىشنىڭ سايىسىدە قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ مۈشكۈل سىناقلىرىدىن بىرى بولىدۇ. قايتۇرۇپ بېرىش مىش-مىش پاراڭلىرىنىڭ تېزلىكتە تارقىلىشى ۋە ئوخشاش تېزلىكتە ئىنكار قىلىنىشى مەسىلىنىڭ نەقەدەر نازۇك ئىكەنلىكىنى ۋە نۇرغۇنلىغان ئىچكى ۋە تاشقى دىنامىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. كوللېكتىپ قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىماللىقى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز پىرىنسىپىغا خىلاپ بولغانلىقى ۋە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى خەتەرگە ئىتتىرىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئاجىزدۇر. ئەمما بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. تاللاپ قايتۇرۇپ بېرىش، مەخپىي ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇش ياكى دائىملىق ۋەھىمە ئاستىدا ئېنىقسىزلىق ئىچىدە ياشاش ئېھتىماللىقى ناھايىتى رېئالدۇر.

سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى  يېڭى دەمەشق ھۆكۈمىتىنىڭ خاراكتېرىنى، ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە خىتاينىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي كۈچى بىلەن تۈركىيە قاتارلىق رايونلۇق ئىتتىپاقداشلارنىڭ سىياسىي بېسىمى ئارىسىدا قانچىلىك ئۇستىلىق بىلەن بىر تەڭپۇڭلۇق ساقلىيالايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان شىكالا سىزىقىدۇر. سۈرىيە پەقەت ئۆز كېلەچىكىنىڭلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ دۇنياۋى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ۋە ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ چېگرالىرى سىنىلىدىغان يېڭى ۋە ھالقىلىق بىر گېئوپولىتىكىلىق سەھنىگە ئايلاندى.  بۇ نازۇك تەڭلىمىنىڭ قانداق يېشىلىدىغانلىقىنى ۋە ئارىسىدا قالغان ئون مىڭلىغان ئىنساننىڭ تەقدىرىنىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ۋاقىت بىر نىمە دەيدۇ .

تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار

مەنبەلەر:

Kaynakça:

[1] Çin Halk Cumhuriyeti Dışişleri Bakanlığı. (17 Nov, 2025). Wang Yi Holds Talks with Syrian Caretaker Foreign Minister Asaad Hassan al-Shaybani.

[2] Çin Halk Cumhuriyeti Dışişleri Bakanlığı. (17 Nov, 2025). Wang Yi Meets with Syrian Caretaker Foreign Minister Asaad Hassan al-Shaybani.

[3] Çin Halk Cumhuriyeti Dışişleri Bakanlığı Foreign Ministry Spokesperson Lin Jian’s Regular Press Conference on November 17, 2025.

[4] Anadolu Ajansı. (17 Nov, 2025). Syria, China pledge closer collaboration on security, counter-terrorism.

[5] SANA (Syrian Arab News Agency). (17 Nov, 2025). Al-Shaybani from Beijing: We look forward to a strategic partnership with China.

[6] SANA (Syrian Arab News Agency). (17 Nov, 2025). Syria and China agree to combat terrorism and enhance economic cooperation.

[7] SANA (Syrian Arab News Agency). (17 Nov, 2025). Chinese Foreign Minister: We support Syria in preserving its sovereignty and territorial integrity.

[8] Asharq Al-Awsat. (17 Nov, 2025). China FM Pledges Support for Syria in Achieving Peace.

[9] South China Morning Post (SCMP). (17 Nov, 2025). China looks to get relations with Syria back on track after Assad’s downfall.

[10]   Radio France Internationale (RFI). (17 Nov, 2025). La Syrie va remettre à la Chine des jihadistes ouïghours.

[11]   The New Arab. (17 Nov, 2025). Syria denies reports of handover of Uyghurs as FM visits China.

[12]   ئەلجەزىرە (ئەرەبچە)، 2025-يىلى 17-نويابىر، محادثات صينية سورية تتناول تعزيز العلاقات ومكافحة الإرهاب (خىتاي-سۈرىيە سۆھبىتىدە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى).

[13]   السياسة الصينية تجاه الصراع الطائفي في سوريا ومستقبلها (سۈرىيەدىكى مەزھەپ توقۇنۇشىغا قاراتقان خىتاي سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ كېلەچىكى)  ResearchGate.

[14]   جۇسۇر لىددىراسات، 2024-يىلى 15-دېكابىر، ماذا يعني سقوط الأسد للصين؟ (ئەسەدنىڭ يىقىلىشى خىتاي ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟).

[15]   ئەششەرق ئەلئەۋسەت (ئەرەبچە)، 2025-يىلى 17-نويابىر، دمشق تنفي نيتها تسليم مقاتلين من الإيغور إلى بكين (دەمەشق ئۇيغۇر جەڭچىلەرنى بېيجىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىش نىيىتىنى ئىنكار قىلدى).

[16]   ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى. 2025-يىل 7-نويابىر. بېيجىڭنىڭ سۈرىيە سىياسىتى: ئېمبارگوغا ئاۋاز بېرىشتىكى بىتەرەپ پوزىتسىيەسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى.

[17]   ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى. 2025-يىل 8-سېنتەبىر. سۈرىيەدىكى يېڭى ۋەزىيەت ۋە خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىككىلىنىشى.