بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى: ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتىنىڭ پەردە ئارقىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەتلىرى

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
2025-يىلى 25-نويابىر
 
 
خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى (خ ك پ) سىياسىي بىيۇرو ئەزاسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر سەھنىسىدە ئادەتتىكى بىر دىپلوماتىك ئۇچرىشىشتىن كۆپ ھالقىغان مەنىلەرگە ئىگە. زىيارەتنىڭ ۋاقتى، تاللانغان دۆلەتلەر، مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلار ۋە دىققەتنى تارتىدىغان شەكىلدە زىيارەت قىلىنمىغان قازاقىستان، بېيجىڭنىڭ ئۆزىنىڭ «ئارقا ھويلىسى» دەپ قارايدىغان بۇ ھاياتىي مۇھىم رايونغا قاراتقان كۆپ قاتلاملىق ۋە تەشەببۇسكار ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئېنىق نامايەندىسىدۇر. ئامېرىكانىڭ C5+1 (ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە ئامېرىكا)  ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىدىن كېيىنلا ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەتنى، بېيجىڭنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى مۇستەھكەملەش، ئامېرىكا تەسىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ تۈپ دۆلەت مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ كونكرېت بىر قەدىمى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
 
بۇ ئانالىزدا، ۋاڭ يى زىيارىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادنى مەركەز قىلغان نىشانلىرى ۋە قازاقىستاننىڭ بۇ تەڭلىمىدىن چىقىرىۋېتىلىشىنىڭ مۇمكىن بولغان سەۋەبلىرى، ھەر بىر تېمىنىڭ مۇھىملىقىغا ئاساسەن  چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلىنىدۇ.بۇ دىپلوماتىك ھەرىكەت، خىتاينىڭ خەلقئارا سىياسەتتە ئەمدى پاسسىپ بىر رولچى بولۇشتىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھالدا تەشەببۇسكار ۋە ئالدىن تەدبىر ئېلىۋاتقان بىر كۈنتەرتىپ بەلگىلىگۈچىگە ئايلانغانلىقىنى ئالاھىدە ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا، بېيجىڭ ئۈچۈن پەقەت بىر قوشنا رايون بولۇپلا قالماي، بەلكى غەربكە ئېچىلغان دەرۋازىسى، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىنىش بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالىتى، «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستىراتىگىيەسىنىڭ ئاساسىي تومۇرى ۋە ئەڭ مۇھىمى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ھاياتىي مۇھىم بىر تامپون  رايوندۇر. شۇڭلاشقا، بۇ جۇغراپىيەدىكى ھەر قانداق گېئوپولىتىكىلىق ئۆزگىرىش، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك دوكتىرىناسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتى، بۇ دوكتىرىنانىڭ ئەمەلىيەتتە قانداق ئىنچىكىلىك بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدىغان بىر ئەمەلىي مىسالدۇر.

زىيارەت ۋاقتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى: ئامېرىكانىڭ C5+1 ھەرىكىتىگە بېيجىڭنىڭ قايتۇرما زەربىسى

خەلقئارا دىپلوماتىيەدە ۋاقىتنى تاللاش، يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش مۇھىم، ھەتتا بەزىدە ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم. ۋاڭ يى زىيارىتىنىڭ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنى ۋاشىنگتوندا كۈتۈۋالغىنىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي پىلانلىنىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. بۇ، بېيجىڭنىڭ ۋاشىنگتونغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا پايتەختلىرىگە قاراتقان ئوچۇق ۋە ئېنىق سىگنالىدۇر: يەنى «رايوننىڭ ھەقىقىي ۋە مەڭگۈلۈك ھەمكارى بىزدۇرمىز».  ئامېرىكانىڭ C5+1 تەشەببۇسى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە رۇسىيە ۋە خىتاي ئۈچۈن بىر ئالماشتۇرۇلغۇچى تەمىنلەشنى، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاشنى ۋە بولۇپمۇ «ئوتتۇرا كارىدورى» غا ئوخشاش تۈرلەر بىلەن غەربكە يۈزلەنگەن يېڭى ئالاقە يوللىرىنى ئېچىش ئارقىلىق بېيجىڭ ۋە موسكۋانىڭ ئەشيا ئوبوروتى ۋە سودا ھۆكۈمرانلىقىنى بۇزۇپ تاشلاشنى نىشان قىلىدۇ. ۋاشىنگتون، بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق مەزكۇر رايون دۆلەتلىرىنىڭ گىگانت قوشنىلىرىغا بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېقىندىلىقىنى ئازايتىش، ئۆزىنىڭ نوپۇز دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بۇ ئەھۋال، خىتاي تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتىغا قىلىنغان بىر مۇداخىلە،  نوپۇزغا تاجاۋۇز قىلىش ۋە يىراق كەلگۈسىدىكى بىر قورشاۋ ھەرىكىتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنماقتا. بېيجىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا، پەقەت ئىقتىسادىي ھەمراھ ياكى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگۈچى بولۇپلا قالماي، بەلكى غەربىي چېگرالىرىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇقىملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ قۇرۇقلۇق لىنىيەسىنىڭ يۈرىكى بولۇشى سەۋەبىدىن ۋاز كېچىلمەيدىغان بىر ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك رايوندۇر. بۇ رايوندىكى ھەر قانداق مۇقىمسىزلىق ياكى خىتايغا قارشى بىر گېئوپولىتىكىلىق سەپلىنىش، بېيجىڭنىڭ ئەڭ سەزگۈر دۆلەت بىخەتەرلىك نېرۋىلىرىغا تېگىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. شۇڭلاشقا، ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتى، ئامېرىكانىڭ كۈچىيىۋاتقان مۇداخىلىسىگە قارشى بىر «ساداقەت ۋە كاپالەت زىيارىتى» رولىنى ئوينىدى. بۇ زىيارەت، بېيجىڭنىڭ مەزكۇر رايوندىكى شېرىكلىرىگە «بىز يېنىڭلاردا» دېگەن ئۇچۇرنى بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارغا كىمنىڭ تېخىمۇ ئىشەنچلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمراھ ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ۋاڭ يىنىڭ مەنسەپداشلىرى ۋە دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدە ئۈزلۈكسىز ھالدا «ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش»، «تاشقى مۇداخىلىلەرگە قارشى ئورتاق مەيداندا تۇرۇش» ۋە «تەقدىرداشلىق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» قاتارلىق ئىبارىلەرنى تەكىتلىشى، بۇ  جاۋابەن ھۇجۇمنىڭ دىپلوماتىك تىلىدۇر. خىتاي، ئامېرىكانىڭ «قەدرى-قىممەت»، «كىشىلىك ھوقۇق» ۋە «دېموكراتىيە» نى ئاساس قىلغان، كۆپىنچە رايون ھاكىمىيەتلىرى تەرىپىدىن ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش دەپ قارىلىدىغان سۆزلەملىرىگە قارشى، «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىۋالماسلىق »، «ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش» ۋە «ئەمەلىي ھەمكارلىق» پىرىنسىپلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ ئۇسۇل، رايوندىكى مۇستەبىت ۋە مۇقىملىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ھاكىمىيەتلەرنىڭ سەزگۈر نۇقتىلىرىغا بىۋاسىتە خىتاب قىلىدۇ. ۋاڭ يى، بۇ زىيارىتى ئارقىلىق خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان مودېلنىڭ، يەنى سىياسىي تەنقىدسىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەرەققىيات مودېلىنىڭ، غەربنىڭ شەرتلىك ھەمكارلىق تەكلىپلىرىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق ئىكەنلىكىنى ئىما قىلماقتا.

زىيارەتنىڭ يەنە بىر قاتلىمى، خىتاينىڭ رايون دۆلەتلىرىگە جۇغراپىيەنىڭ ئۆزگەرمەس رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىشىدۇر. ئامېرىكا ئوكيانلارنىڭ نېرىسىدىكى بىر كۈچ بولسا، خىتاي مەڭگۈلۈك بىر خوشنىدۇر. بۇ جۇغراپىيەلىك يېقىنلىق، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە يىلتىزلىق بولۇشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بېيجىڭ، ئون يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چوڭقۇر ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (ش ھ ت) رامكىسى ئاستىدا ئاپپاراتلاشقان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ ۋە غايەت زور ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىلىرىنىڭ، ۋاشىنگتوندىن كەلگەن ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىدىغان ۋەدىلەردىن تېخىمۇ كونكرېت ۋە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ،  «يېقىندىكى كۈچلۈك خوشنىمۇ ياكى يىراقتىكى باي تۇغقانمۇ؟» دېگەن سوئالنى رايون رەھبەرلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىگە قايتىدىن ئېلىپ كېلىشتۇر.

يەكۈنلەپ ئېيتقاندا، ۋاڭ يى زىيارىتىنىڭ ۋاقىتچانلىقى، چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەھنىسىدىكى يېڭى بىر پەردىسىنى ئاچتى. بۇ، بېيجىڭنىڭ ئامېرىكانىڭ  مەزكۇر رايوندىكى كۈچىيىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى پاسسىپ كۆزىتىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ھەر بىر ھەرىكەتكە بىر قارشى ھەرىكەت بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئېنىق بىر ئىرادە باياناتىدۇر. خىتاي، بۇ رىقابەتتە پەقەت ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ قېلىشلا ئەمەس، بەلكى رايوننىڭ كەلگۈسىدىكى گېئوپولىتىكىلىق يۆنىلىشىنىمۇ ئۆز پايدىسىغا شەكىللەندۈرۈشكە بەل باغلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ زىيارەت، بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزىنىڭ ۋاز كېچىلمەس نوپۇز دائىرىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ساھەدە باشقا بىر كۈچنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى دوست ۋە دۈشمەنگە جاكارلىغان بىر دىپلوماتىك خىتابنامىدۇر.

بىخەتەرلىكنى مەركەز قىلغان شېرىكلىك: «ئۈچ خىل يامان كۈچ» بىلەن كۈرەش قىلىش ۋە تەيۋەن مەسىلىسى

ۋاڭ يى زىيارىتى كۈنتەرتىپىنىڭ ئەڭ ئۆزگەرمەس ۋە ئەڭ مۇھىم تۈرلىرىنىڭ بىرى، شۈبھىسىزكى، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى بولدى. خىتاي دىپلوماتىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسىي تۈۋرۈكى بولغان ۋە ش ھ ت نىڭ قۇرۇلۇش پەلسەپەسىنى تەشكىل قىلىدىغان «ئۈچ خىل يامان كۈچ» (تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە  دىنىي ئاشقۇنلۇق) بىلەن ئورتاق كۈرەش قىلىش سۆزلەمى ، بۇ زىيارەتلەردىمۇ ئەڭ يۇقىرى پەدىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئۇقۇم، بېيجىڭ ئۈچۈن كۆپ يۆنىلىشلىك ۋە ئىنتايىن ئىقتىدارلىق بىر ئىستراتېگىيەلىك قورالدۇر. بۇ سۆزلەم ، خىتاينىڭ مەزكۇر رايون دۆلەتلىرى بىلەن ئورتاق تەھدىت تۇيغۇسى يارىتىشىغا ۋە بۇ تۇيغۇ ئارقىلىق چوڭقۇر بىر بىخەتەرلىك شېرىكلىكى بەرپا قىلىشىغا شارائىت ھازىرلايدۇ. بۇ شېرىكلىك، ئاددىي بىر ھەربىي ھەمكارلىقتىن ھالقىپ، ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇش، تور بىخەتەرلىكى، چېگرا كونتروللۇقى ۋە ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكى قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ ئۇقۇمنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئەڭ ھالقىلىق رولى، شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشىدۇر. بېيجىڭ، رايوندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، مەجبۇرىي تەربىيەلەش لاگېرلىرى ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى قاتارلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى، بۇ «ئۈچ خىل يامان كۈچ» كە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرسەتمەكتە. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن بۇ سۆزلەمگە  قارىتا دىپلوماتىك قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە بۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر دىياسپوراسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى كونترول ئاستىدا تۇتۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، غەربتىن كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەيىبلىمىلىرىگە قارشى رايون خاراكتېرلىك بىر قانۇنلۇق قالقان شەكىللەندۈرمەكتە. ۋاڭ يىنىڭ زىيارەتلىرىدە بۇ مەسىلىنى تەكىتلىشى، بۇ قالقاننى كۈچەيتىش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ «مۇقىملىقى» نى قوغداشنىڭ پۈتۈن رايوننىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئىكەنلىكى دېگەن ئۇچۇرنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيا ھاكىمىيەتلىرى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ ھەمكارلىق، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىتىلغان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا خىتايدەك كۈچلۈك بىر شېرىكنىڭ تېخنولوگىيەلىك ۋە سىياسىي ياردىمىگە ئېرىشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.  ئافغانىستاندىكى مۇقىمسىزلىق، رادىكال ئىسلامچى گۇرۇپپىلارنىڭ سىڭىپ كىرىش ئېھتىماللىقى، ھاكىمىيەتكە قارشى ھەرىكەتلەر ۋە مىللىي جىددىيچىلىكلەر، بۇ دۆلەتلەرنىڭمۇ ئاساسىي بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىدۇر. خىتاي تەمىنلىگەن ئىلغار نازارەت قىلىش تېخنولوگىيەلىرى (يۈز تونۇش سىستېمىلىرى، سانلىق مەلۇمات ئىز قوغلاش تورلىرى)، ھەربىي جابدۇقلار ۋە ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇش، بۇ ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆز بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىغا ۋە ئۆكتىچى ئاۋازلارنى باستۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە سىياسىي مۇقىملىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ئەمەلىيەتچىل بىر مەنپەئەت ئىتتىپاقىنى يارىتىدۇ. ۋاڭ يىنىڭ سۆھبەتلىرىدە «مۇقىملىقنى قوغداش» قا ۋە «رەڭلىك ئىنقىلابلار» غا قارشى ئورتاق مەيدانغا ئىشارەت قىلىنىشى، بۇ ئورتاق بىخەتەرلىك چۈشەنچىسىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر.

بىخەتەرلىك كۈنتەرتىپىنىڭ يەنە بىر ھالقىلىق ۋە ۋاز كېچىلمەس ئامىلى بولسا تەيۋەن مەسىلىسىدۇر. ۋاڭ يى، زىيارەت قىلغان ھەر بىر دۆلەتتە رەھبەرلەرنىڭ «بىر خىتاي» پىرىنسىپىغا بولغان تەۋرەنمەس ساداقىتىنى جەزملەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى. بۇ، بېيجىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر دىپلوماتىك رەسمىيەتتىن ھالقىغان، ھاياتىي مۇھىم بىر دۆلەت مەنپەئەتى مەسىلىسىدۇر. ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىشنى كۆپەيتكەن، يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەتلەرنى ئېلىپ بارغان ۋە ئارالنىڭ خەلقئارادىكى كۆرۈنۈشچانلىقى ئاشقان بىر مەزگىلدە، خىتاي، ئۆزىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى دەپ قارايدىغان بۇ مەسىلىدە خەلقئارالىق قوللاش بازىسىنى ئىمكانقەدەر كەڭ ۋە پۇختا تۇتۇشقا تىرىشماقتا. ھەر بىر دۆلەتنىڭ بۇ پىرىنسىپقا ئاشكارا ھالدا شەرتسىز قوللاش بېرىشى، خىتاينىڭ دىپلوماتىك كۈچىنى ۋە بۇ دۆلەتلەر ئۈستىدىكى تەسىرىنى كۆرسىتىپلا قالماي، ئامېرىكاغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يەرشارىۋىي كۈچ تالىشىش ئۇرۇشىدا بېيجىڭنىڭ كوزىرىنى كۈچەيتىدۇ.

بۇ قوللاش، ئۆزئارا كاپالەت كېلىشىمى خاراكتېرىگە ئىگە. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، بېيجىڭنىڭ ئەڭ سەزگۈر مەسىلىسىدە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بەدىلىگە خىتاينىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە «ئۆزلىرى تاللىغان تەرەققىيات يوللىرى» غا (يەنى ھازىرقى سىياسىي تۈزۈملىرىگە) ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنىڭ كاپالىتىنى ئالىدۇ. خىتاي، بۇ قوللاشقا جاۋابەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ۋە تاشقى مۇداخىلىلەرگە قارشى ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. بۇ، «سەن مېنىڭ تۈپ مەنپەئەتىمگە چېقىلما، مەنمۇ سېنىڭكىگە چېقىلمايمەن» دەپ خۇلاسىلىگىلى بولىدىغان، ئىنتايىن ئەمەلىيەتچىل بىر دىپلوماتىك ئالماشتۇرۇشتۇر.

ئاخىرقى ھېسابتا، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىن باشلاپ، تەيۋەننىڭ خەلقئارا سەھنىدە يېتىم قېلىشىغىچە بولغان كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا، بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ھەر ئىككى پۇتى ئۈچۈن مۇھىم بىر جۇغراپىيەلىك رايوندۇر. «ئۈچ خىل يامان كۈچ» بىلەن كۈرەش قىلىش، شەرقىي تۈركىستاننى قورشاپ تۇرىدىغان بىخەتەرلىك بەلبېغىنى شەكىللەندۈرسە، «بىر خىتاي» پىرىنسىپىغا ئېرىشىلگەن قوللاش، بېيجىڭنىڭ يەرشارىۋىي قانۇنلۇق كۈرىشىگە كۈچ قوشىدۇ. ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتىنى، بۇ ئىككى ئاساسىي بىخەتەرلىك تۈۋرۈكىنى مۇستەھكەملەشكە قارىتىلغان مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر ھەرىكەت دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش ۋە «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ كەلگۈسى

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نوپۇزىنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك يۇمشاق كۈچى ئىقتىساد تۇر. 2013-يىلى قازاقىستاندا ئېلان قىلىنغان «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى (BRI)، يېقىنقى ئون يىلدا بۇ رايوننى غايەت زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى، مىلياردلىغان دوللارلىق قەرزلەر ۋە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سودا تورلىرى بىلەن قايتقىلى بولمايدىغان بىر زىچلىقتا خىتاي ئىقتىسادىغا باغلاپ قويدى. يوللار، تۆمۈريوللار، تۇرۇبا يوللىرى ۋە سانائەت ، رايوننىڭ ئىقتىسادىي جۇغراپىيەسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈردى. ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتى، «بىر بەلباغ بىر يول» نىڭ بۇ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى نەتىجىلىرىنى قوغداش ۋە بۇ تەشەببۇسنى يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈش جەھەتتە ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ئەمدى پەقەتلا چوڭ كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدىن ھالقىپ، «يېشىل»، «رەقەملىك» ۋە «سەھىيە» قاتارلىق تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخنولوگىيەنى مەركەز قىلغان ۋە سىجىل تەرەققىياتقا ئۇيغۇن ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن بىر «بىر بەلباغ بىر يول» تەسەۋۋۇرى ئالدىنقى ئورۇنغا چىقماقتا[ئئ1] .

بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئەڭ كونكرېت مىسالى، سۆھبەتلەردە «رەقەملىك يىپەك يولى»، «يېشىل تەرەققىيات» ۋە «يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىق» قاتارلىق ئۇقۇملارنىڭ دائىم كۈنتەرتىپكە كېلىشىدۇر. «رەقەملىك يىپەك يولى»، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ (خۇاۋېيغا ئوخشاش) رايوندا 5G تورى، سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر  قۇرۇش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، «يېشىل تەرەققىيات»، خىتاينىڭ قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيەسىگە ئوخشاش قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە تېخنولوگىيەلىرىنى رايونغا ئېكسپورت قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يېڭى ئەۋلاد تۈرلەر، خىتاينىڭ پەقەت بىر قۇرۇلۇش ۋە قەرز بېرىش كۈچى ئەمەس، بەلكى بىر تېخنولوگىيە ۋە ئۆلچەم بەلگىلىگۈچى كۈچ ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي مەۋجۇتلۇقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

زىيارەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈنتەرتىپىنىڭ مەركىزىدە تۇرغان ئەڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈرلەرنىڭ بىرى، شۈبھىسىزكى، خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان (خ ق ئۆ) تۆمۈر يولىدۇر . يىللاردىن بۇيان پىلانلاش باسقۇچىدا تۇرغان بۇ تۈر، ئەمەلگە ئاشقاندا بىر گېئوپولىتىكىلىق  رول ئالماشتۇرغۇچى بولۇش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. ھازىر خىتايدىن ياۋروپاغا بارىدىغان تۆمۈريوللارنىڭ كۆپ قىسمى رۇسىيە ئارقىلىق ئۆتىدۇ. خ ق ئۆ تۆمۈريولى، رۇسىيەنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، خىتاينى بىۋاسىتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا تۇتاشتۇرىدىغان  بىر باشقا كارىدور يارىتىدۇ. بۇ، ھەم خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئوخشاش كرىزىسلار سەۋەبىدىن رۇسىيەگە بولغان ئەشيا ئوبوروتى بېقىندىلىقىنى ئازايتىدۇ، ھەم ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قوللاۋاتقان «ئوتتۇرا كارىدور»  (تىرانس-كاسپىي تىرانسپورت لىنىيەسى) غا قارشى كۈچلۈك بىر رىقابەتچى كارىدور شەكىللەندۈرىدۇ. ۋاڭ يىنىڭ قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى زىچ ئالاقىلىرى، بېيجىڭنىڭ بۇ چوڭ تىپتىكى تۈرنىڭ ئالدىدىكى ئاخىرقى سىياسىي ۋە مالىيە توسالغۇلىرىنى يېڭىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى كۆرسىتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي مۇداخىلىسى رايوندا بەزى ئەندىشە ۋە قارشىلىقلارنىمۇ پەيدا قىلماقتا. «قەرز يەمچۈكى» دىپلوماتىيەسى دېگەن سۆزلەر، بولۇپمۇ تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستانغا ئوخشاش كىچىكرەك ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ خىتايغا بولغان غايەت زور قەرزى نەزەردە تۇتۇلغاندا، غەرب تاراتقۇلىرىدا ۋە بەزى يەرلىك مۇنبەرلەردە دائىم تىلغا ئېلىنماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، «بىر بەلباغ بىر يول» تۈرلىرىدىكى ئاشكارىلىقنىڭ كەمچىل بولۇشى، چىرىكلىك ئەيىبلىمىلىرى، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە تۈرلەردە يەرلىك خەلقنىڭ ئورنىغا خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر، جامائەت پىكرىدە پات-پات خىتايغا قارشى ھېسسىياتنى قوزغاپ تۇرىدۇ. ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئەندىشىلەرنى بېسىقتۇرۇش ۋە خىتاينىڭ نىيىتىنىڭ «مۇستەملىكىچىلىك» چۈشەنچىسى ئەمەس، بەلكى «ئۆزئارا مەنپەئەتكە ئاساسلانغان شېرىكلىك» ۋە «ئورتاق غەلىبە» پىرىنسىپى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكە قارىتىلغان بىر ئاممىۋى مۇناسىۋەت تىرىشچانلىقى دەپمۇ قاراشقا بولىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، ئىقتىساد، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەڭ ھەرىكەتچان ۋە ئەڭ كۈچلۈك قورالىدۇر. بېيجىڭ، ئىقتىسادىي كۈچىنى ۋە غايەت زور بازىرىنى، رايون دۆلەتلىرىنى ئۆزىگە تېخىمۇ چىڭ باغلاش، ئۇلارنىڭ سىياسىي ساداقىتىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئامېرىكانىڭ ئابستراكت دېموكراتىيە ۋەدىلىرى بىلەن چەكلىك ئىقتىسادىي تەكلىپلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرىنچى ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللانماقتا. ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتى، بۇ ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەسىلە بار ساھەلەرنى باشقۇرۇش ۋە «بىر بەلباغ بىر يول» نى كەلگۈسىدىكى تېخنولوگىيەلىك ۋە يېشىل ئىقتىسادلارغا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى ۋاز كېچىلمەس ئىقتىسادىي ھەمراھلىق ئورنىنى پۇختىلاشنى مەقسەت قىلغان.

قازاقىستان نېمە ئۈچۈن زىيارەت قىلىنمىدى؟

ۋاڭ يىنىڭ ئىنچىكە پىلانلانغان ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىدە ئەڭ كۆپ دىققەتنى تارتقان ۋە ئەڭ كۆپ گۇمان پەيدا قىلغان نۇقتا، شۈبھىسىزكى، رايوننىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى، ئەڭ كەڭ زېمىنغا ئىگە دۆلىتى، خىتاينىڭ (ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان بىلەن) ئەڭ ئۇزۇن چېگراسىغا ئىگە قوشنىسى ۋە «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ 2013-يىلى دۇنياغا ئېلان قىلىنغان ئورنى بولغان دۆلەت قازاقىستاننىڭ  زىيارەت كۈنتەرتىپىدە ئورۇن ئالماسلىقىدۇر. بۇ ئەھۋالنى، ئاددىي بىر كۈنتەرتىپ ماس كەلمەسلىكىدىن ھالقىغان، چوڭقۇر گېئوپولىتىكىلىق مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاڭلىق بىر تاللاش دەپ چۈشىنىشكە ۋە ھەر خىل سېنارىيەلەر ئارقىلىق تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ.

ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ كەڭ تارقالغان ئېھتىماللىق، قازاقىستاننىڭ جۇمھۇر رەئىس قاسىم-جومارت توقايېۋ ھاكىمىيىتى ئاستىدا كۈنسېرى روشەن ۋە دادىللىشىۋاتقان «كۆپ ۋېكتورلۇق» تاشقى سىياسىتىدۇر. ئاستانە، ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىرى بولغان رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەرب (ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى)، تۈركىيە ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى قاتارلىق باشقا كۈچ مەركەزلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋىتىنى ئاكتىپ ۋە تەڭلا كۈچەيتمەكتە. بۇ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىياسىتى، قازاقىستاننىڭ ھەر قانداق بىر چوڭ كۈچكە ھەددىدىن زىيادە بېقىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىق ئىزدىنىشىدۇر.  بولۇپمۇ غەرب بىلەن ئېنېرگىيە ساھەسىدە تۈزۈلگەن كېلىشىملەر، «ئوتتۇرا كارىدور» نى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم رولى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشىغا قارشى تۇتقان ئارىلىق ساقلاش پوزىتسىيەسى، بېيجىڭ تولۇق ئارزۇ قىلغان شەرتسىز ساداقەت دەرىجىسىدە بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ۋاڭ يىنىڭ قازاقىستاننى ئاتلاپ ئۆتۈشى، ئاستانەنىڭ بۇ مۇستەقىل مەيدانىغا قارىتا بېيجىڭدىن كەلگەن يوشۇرۇن بىر دىپلوماتىك سىگنال، بىر نارازىلىق، ھەتتا بىر ئاگاھلاندۇرۇش دەپ شەرھلىنىشى مۇمكىن. خىتاي، تېخىمۇ «سادىق» ياكى ئۆزىگە تېخىمۇ «ئېھتىياجلىق» بولغان شېرىكلىرىگە (تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستانغا ئوخشاش) ئالدىنقى ئورۇننى بېرىش ئارقىلىق، تەڭپۇڭلۇق سىياسىتى يۈرگۈزگەنلەرگە ۋاسىتىلىك ھالدا ئەسلى ئوقىدا قېلىش كېرەكلىكىنى ئەسلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

ئىككىنچى بىر ئېھتىماللىق، گەرچە ئۇنچە دىراماتىك بولمىسىمۇ، خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئاللىبۇرۇن يېتەرلىك دەرىجىدە پۇختا، چوڭقۇر ۋە ئاپپاراتلاشقان بولۇشىدۇر. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئارىسىدا دائىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلماقتا، مىنىستىرلىقلار دەرىجىسىدە قەرەللىك مەسلىھەتلىشىش مېخانىزملىرى ئىشلەۋاتىدۇ ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر مەلۇم بىر تويۇنۇش ھالىتىگە يەتكەن. شۇڭلاشقا، جىددىي بىر «كاپالەت زىيارىتى» ياكى مەسىلە ھەل قىلىش زىيارىتى ئۈچۈن قازاقىستانغا بېرىشقا ئېھتىياج قالمىغان بولۇشى مۇمكىن. زىيارەتنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى، بەلكىم ئامېرىكانىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ ئوچۇق، ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئاجىز ياكى خ ق ئۆ تۆمۈر يولىغا ئوخشاش جىددىي ئىلگىرىلەشكە ئېھتىياجلىق تۈرلەرگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەش بولۇشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ ئاتلاپ ئۆتۈلۈشىنى بىر نارازىلىق سىگنالى ئەمەس، بەلكى ھازىرقى مۇناسىۋەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئوڭۇشلۇق ئىشلەۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى دەپمۇ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.

بىراق، گېئوپولىتىكىلىق رىقابەت بۇ دەرىجىدە كەسكىنلەشكەن ۋە سىمۋوللۇق زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بىر دەۋردە، دىپلوماتىك بىر زىيارەتتە بۇنداق مۇھىم بىر ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھنىڭ چەتتە قالدۇرۇلۇشى ئادەتتە سەل قارىلىدىغان بىر ئەھۋال ئەمەس. قازاقىستاننىڭ يوقلۇقى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپلەشكەنلىكىنى ۋە رايوندىكى دۆلەتلىرىنىڭ «چوڭ ئويۇن» دا ئۆزلىرىنىڭ مانېۋىر بوشلۇقىنى يارىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ، چوڭ كۈچلەر تەرىپىدىن نەقەدەر يېقىندىن ۋە سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋال، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ ھەمكارلىقلارنى دەرىجىگە ئايرىيالايدىغانلىقىنى ۋە دىپلوماتىك ئالدىنقى شەرتلىرىنى ئۆزگىرىۋاتقان شارائىتقا ئاساسەن تەڭشىيەلەيدىغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. قازاقىستاننىڭ يوقلۇقى، بېيجىڭنىڭ رايون سىياسىتىدە ھەممىگە ماس كېلىدىغان بىر مودېلىنىڭ يوقلۇقىنى، ھەر بىر دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىچىدە باشقۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

خۇلاسە

يەكۈنلىگەندە، ۋاڭ يىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى، بېيجىڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئامېرىكانىڭ كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن باسقان، كۆپ يۆنىلىشلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك بىر قەدەمدۇر. بۇ زىيارەت، نورمال بىر دىپلوماتىك رەسمىيەتتىن كۆپ ھالقىپ، خىتاينىڭ رايونغا قاراتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكلىرىنى قايتىدىن ئىسپاتلىدى ۋە مۇستەھكەملىدى: بۇ تۈۋرۈكلەر بولسا بىخەتەرلىك ئاساسىدا تەۋرەنمەس بىر مۇقىملىق ھەمكارلىقى، ئىقتىساد ئاساسىدا قايتقىلى بولمايدىغان بىر بىر گەۋدىلىشىش  ۋە دىپلوماتىك ئاساستا بېيجىڭنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە شەرتسىز ساداقەت.   ۋاڭ يى، بۇ زىيارىتى ئارقىلىق خىتاينىڭ پەقەت بىر ئىقتىسادىي گىگانتلا ئەمەس،يەنە  بەلكى رايوننىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك كاپالەتلەندۈرگۈچىسى ۋە سىياسىي يۆنىلىش كۆرسەتكۈچىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتتى.

زىيارەتنىڭ نەتىجىلىرى، خىتاينىڭ 21-ئەسىردىكى «يېڭى چوڭ ئويۇن» دا پەقەت پاسسىپ بىر ئوينىغۇچى بولۇشنى ئەمەس، بەلكى ئويۇننىڭ قائىدىلىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاكتىپ بىر قۇرغۇچى بولۇش نىيىتى ۋە ئىقتىدارىغا  ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. «ئۈچ خىل يامان كۈچ» بىلەن كۈرەش قىلىش سۆزلەمى ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدە ئېرىشكەن ئېنىق قوللاش، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى ئەندىشىلىرىگە كۆرە، بىر تامپون رايون ۋە ئىتتىپاقداشلار ھالقىسى قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يېڭى، تېخنولوگىيەنى مەركەز قىلغان باسقۇچى، رايوننى خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەشيا ئوبوروتى تورلىرىغا تېخىمۇ چوڭقۇر باغلاش ئارقىلىق، غەربكە يۈزلەنگەن ھەر قانداق بىر ئىستراتېگىيەلىك بۇرۇلۇشنى ئىنتايىن قىممەتكە چۈشىدىغان بىر ھالغا كەلتۈرمەكتە.

قازاقىستاننىڭ زىيارەت سىرتىدا قېلىشى بولسا، بۇ چوڭ ئىستراتېگىيەنىڭ ئىچىدە يەنە ئىنچىكە تەڭشەشلەرنىڭ ۋە دىپلوماتىك سىگناللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى،  رايوندىكى تەڭلىمىنىڭ تۇراقلىق ئەمەسلىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ چوڭ كۈچلەر ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق ساقلاش ئىزدىنىشلىرىنىڭ بېيجىڭ تەرىپىدىن دىققەت بىلەن خاتىرىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ساداقەتنىڭ ئۈزلۈكسىز سىنىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئاخىرىدا، ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتى، ۋاشىنگتونغا جاۋابەن بېرىلگەن ئۇدۇل بىر ئىنكاستىن كۆپ مۇرەككەپ بولغان مەنىلەرگە ئىگە؛ بۇ زىيارەت، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ «ئارقا ھويلىسى» دەپ قارايدىغان ئوتتۇرا ئاسىيادا، ئۆز رەھبەرلىكىدە بولغان، مۇقىم، ئۆزى بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر گەۋدىلەشكەن ۋە سىياسىي جەھەتتىن ماسلاشقان بىر تەرتىپ بەرپا قىلىشقا باغلىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە تەۋرەنمەس ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك  تەرزدە جاكارلىنىشىدۇر.

تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار

پايدىلانغان مەنبەلەر:

中华人民共和国外交部 ,»Wang Yi Holds Talks with Tajik Foreign Minister Sirojiddin Muhriddin.»  fmprc.gov.cn.

中华人民共和国外交部. «Wang Yi Meets with President of Tajikistan Emomali Rahmon.» fmprc.gov.cn.

中华人民共和国外交部. «Wang Yi Meets with Secretary of the Security Council of Tajikistan Mahmudzoda Nasrullo Rahmatjon.» fmprc.gov.cn.

中华人民共和国外交部. «Wang Yi Holds Talks with Kyrgyz Foreign Minister Jeenbek Kulubaev.» fmprc.gov.cn.

中华人民共和国外交部. «Wang Yi Meets with President of Kyrgyzstan Sadyr Japarov.» fmprc.gov.cn.

中华人民共和国外交部. «Wang Yi Meets with Uzbek Acting Foreign Minister Vladimir Norov.» fmprc.gov.cn.

中华人民共和国外交部. «Wang Yi Meets with President of Uzbekistan Shavkat Mirziyoyev fmprc.gov.cn.

Uygur Araştırmaları Enstitüsü. «İstikrarın Korunması ve ›Üç Kötü Güç‹: Çin’in Orta Asya’daki Rolünün Çerçevelendirilmesi.» uysi.org.

Uygur Araştırmaları Enstitüsü. «Orta Asya’nın Stratejik Hamlesi: Trump’ın İlgisi Gerçekten Satın Alınabilir mi?» uysi.org.

Uygur Araştırmaları Enstitüsü. «Çin’in Orta Asya Siyaseti ve Bölgedeki Müslüman Güçler ile İşbirliği.» uysi.org.