دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ يېشىل ئېنېرگىيە كېڭەيتىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكىتلىدى

ۋاشىنگتون [ئامېرىكا]، 29-نويابىر(ANI): دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) ھەپتىلىك خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ئۆزىنى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچى دەپ ئاتىۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا سۈكۈت ساقلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

«كودا» (Coda) نىڭ 21-نويابىر ئېلان قىلىنغان خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاينىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاساسى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىغا قارىماي، COP30  يىغىنىدا تەكشۈرۈشتىن قاچقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرازىلىيەدىكى يەرلىك خەلقلەر ئادالەت تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئاساسلىق كىلىمات ئىشتىراكچىلىرى خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە باتارىيە سانائىتى ئۈچۈن مۇھىم بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە تىبەتتىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىغا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلارغا سەل قارىدى.

«كودا» خەۋىرىدە، تىبەت مۇھىتىنىڭ دۇنيا ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئىككى ھەسسە تېز ئىسسىپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان ئەمگەك تۈزۈمىدە قىسىلىپ قېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا (COP) قاتناشقان تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولۇپ، كەڭ تارقالغان بىپەرۋالىق ئىچىدە ئۇيغۇر ئاۋازىنىڭ ئاڭلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن ھالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە رەئىسى رۇشەن ئابباس دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا، كانادا ۋە كولومبىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئەربابلار بىلەن بىر سەھنىدىن ئورۇن ئالغان رۇشەن ئابباس، خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشىنى ۋە ھەدىسى دوكتۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ داۋاملىق قاماقتا تۇتۇلۇشىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

2022-يىلى نويابىردىكى ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىگە ئۈچ يىل توشقانلىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتتىق قامال ئاستىدا قېلىپ قۇربان بولغان 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۈچۈن ئازا تۇتتى. گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى بېيجىڭنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان ئۆلۈم سانىغا زىت بولۇشىغا قارىماي، خىتاي ھېچقاچان تەكشۈرۈش نەتىجىسى ياكى قۇربانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلمىدى. بۇ پاجىئە تيەنئەنمېن مەيدانى ۋەقەسىدىن بۇيانقى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نارازىلىق نامايىشى بولغان «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» نىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ سودا ۋە ئازسانلىقلار ھوقۇقى مۇنبىرىدە كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىپ، خەلقئارا ئورگانلارنى خىتاينى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەدەنىيەت باستۇرۇشى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىردى.

تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى بېرلىن ۋە گوللاندىيەدە داۋاملاشتى، بۇ يەردە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ۋە پۇقراۋى جەمئىيەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاڭلىقلىقنى ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. ب د ت نىڭ ئازسانلىقلار مەسىلىسى مۇنبىرىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ھەمكارلاشقۇچى تەشكىلاتلار باستۇرۇش ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىدامچانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى سىستېمىلىق يوقىتىشىغا قارشى بىرلىشىپ خەلقئارالىق ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى. (ANI)