خىتاينىڭ ب د ت مۇنبىرىدە ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولدى

جەنۋە [شىۋېتسانىيە]، 30-نويابىر (ANI خەۋەر ئاگېنتلىقى): جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت ) ئازسانلىقلار مەسىلىلىرى مۇنبىرىدە، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى رەئىسى دولقۇن ئەيسا تەسىرلىك بىر نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي ۋەكىلىنىڭ ئۇنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىش ۋە جىمىتۇرۇش ئۇرۇنۇشىغا قارىماي، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان سىستېمىلىق باستۇرۇشلىرىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي ۋەكىلى توسقۇنلۇق قىلىپ: «مەن بايا دېگەنلىرىمنى تەكىتلىشىم كېرەك. بۇ مۇنبەردىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۇ غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتى، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى. بىراق، يىغىن رىياسەتچىسى دولقۇن ئەيسانىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلدى؛ بۇ ئەھۋال دىپلوماتىك ئېھتىياتچانلىق ھۆكۈم سۈرگەن ب د ت مۇنبىرىدە كەم ئۇچرايدىغان ئوچۇق-ئاشكارا قارشىلىق كۆرسىتىش پۇرسىتى بولۇپ قالدى.

دولقۇن ئەيسا دۇنيا ۋەكىللىرى ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ۋەتىنىدە سىستېمىلىق يوقىتىلغان مەدەنىيەت ۋە پۇقراۋى بوشلۇقلارنى چەت ئەللەردە قانداق قايتا قۇرۇپ چىققانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرى تىل مەكتەپلىرى، سەنئەت پائالىيەتلىرى، دېموكراتىك تەشكىللىنىش ۋە پۇقراۋى ئورگانلار ئارقىلىق مەدەنىيىتىمىزنى قايتا جانلاندۇردى. بىز ياشاۋاتقان جەمئىيەتلەرنى بېيىتىش بىلەن بىرگە، ئۆز مىراسلىرىمىزنى قوغداۋاتىمىز» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان زىيانكەشلىكىنى ئەيىبلىگەن دولقۇن ئەيسا، خىتاينى «ئۇيغۇرلارنى ئۆز تۇپراقلىرىدا ئازسانلىققا ئايلاندۇرۇش»قا ئۇرۇنۇش ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەدەنىيەتنى يوقىتىش ھەمدە سىياسىي باستۇرۇش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇ داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن پىروفېسسور ئىلھام توختى، دوكتور گۈلشەن ئابباس ۋە باشقىلارنىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ شەخسلەر باشقا جايلاردا بولسا، تۆھپىلىرى ئۈچۈن ئالقىشلىنىدىغان يەردە، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىنى ئۆتىمەكتە» دېدى.

دولقۇن ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقى يەنە شەرقىي تۈركىستاندا تىل ۋە مائارىپ ھوقۇقلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىغا، جۈملىدىن مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىغا دىققەتنى تارتتى. ئۇ: «بۇ، خاتىرە، تارىخ ۋە كىملىكنىڭ داۋاملىشىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ» دەپ تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى مەدەنىيەت ۋە تىل ئەركىنلىكىنى قوغداشقا ھەمدە «ۋەكىللىك قىلىنمىغان ئاۋازلارنىڭ قورقۇنچ، كەمسىتىش ۋە سىياسىي بېسىمسىز تۆھپە قوشۇشىغا» كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.

دولقۇن ئەيسانىڭ نۇتقى داۋامىدا خىتاي ۋەكىلىنىڭ ئۇنى توختىتىشقا ئۇرۇنۇشى بىلەن يۈز بەرگەن بۇ توقۇنۇش، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قارىتىلغان خەلقئارا تەكشۈرۈشلەر ئەتراپىدىكى چوڭقۇر سۈركىلىشنى يورۇتۇپ بەردى.