Global Rights Compliance، 2025-يىلى 1-دېكابىر
جەنۋە— بۇ ھەپتە جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرىدە، ئالدىنقى قاتاردىكى قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى دۆلەت مەجبۇرلىغان ئەمگەككە (SIFL) تېخىمۇ كۈچلۈك دىققەت قىلىشقا چاقىرىپ ھەرىكەت قوللاندى — بۇ يىللىق مۇنبەر يەنە بىر قېتىم بۇ مەسىلىنى رەسمىي ھالدا ئۆز كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشنى رەت قىلغاندىن كېيىن يۈز بەردى.
ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەلقئارالىق قانۇن فوندى بولغان Global Rights Compliance (GRC)، ئۇيغۇر ياشلار تەشەببۇسى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى مۇنبەرگە بىرلىكتە قاتناشتى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى، سىستېمىلىق ھالقىلىق باستۇرۇش ئارقىلىق دائىم چەتكە قېقىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاۋازلىرىنىڭ سىياسەت مۇزاكىرىلىرىگە ئېلىپ كىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىدى.
ھەپتە داۋامىدا، بۇ پائالىيەتچىلەر دۆلەت مەجبۇرلىغان ئەمگەككە قارىتا تېخىمۇ ماسلاشقان خەلقئارالىق دىققەتنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن يىغىنلارغا قاتناشتى ۋە ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى — بۇنىڭ ئىچىدە ب د ت نىڭ زامانىۋى قۇللۇق شەكىللىرى بويىچە مەخسۇس دوكلاتچىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشمۇ بار.
پىكىر بايان قىلىش ئارقىلىق، پائالىيەتچىلەر ئىشچىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىيەلمەيدىغانلىقى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئاشكارىلىقىنىڭ دۆلەت ئىچى قانۇنلىرى تەرىپىدىن چەكلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشەنچلىك كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈشى (due diligence) نىڭ نۆۋەتتە مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇلار GRC نىڭ يېقىنقى تەتقىقاتىغا ئاساسەن، نەچچە ئونلىغان شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كەلگەن ھالقىلىق قېزىلما بايلىقلار بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى — بۇنىڭ سىستېمىلىق باستۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدىكى شېرىكچىلىك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
«بىزنىڭ ب د ت سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرىگە بېرىدىغان سىگنالىمىز ئېنىق: ھۆكۈمەتلەر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيا بازارلىرىدىن ئورۇن ئالالماسلىقى ئۈچۈن، چوقۇم كۈچلۈك ئىمپورت چەكلىمىلىرىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئىجرا قىلىشى كېرەك» دېدى Global Rights Compliance نىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق بۆلۈمى باشلىقى لارا سترانگۋايىس (Lara Strangways). ئۇ يەنە: «ماسلاشقان دۇنياۋى ھەرىكەت بولمىسا، بىز ئۇيغۇر رايونىدا ئەسلىدىنلا يىلتىز تارتىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك بولغان مەجبۇرلاش سىستېمىسىنىڭ نورماللىشىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
«خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ بىر كىرىزىس ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك — پەقەت 2023-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئەمگەك پىروگراممىلىرىغا مەجبۇرىي يۆتكەلگەن» دېدى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ سودا ئالاقىسى يېتەكچىسى پاترىسىيا كارىيېر (Patricia Carrier). ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بىرلەشمىمىز بۇ ھەپتە تەكىتلىگىنىدەك، دەرھال چېكىنىپ چىقىش — كارخانىلارنىڭ بۇ ئېغىر دەپسەندىچىلىكلەرگە ھەسسە قوشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشىدىكى بىردىنبىر مەسئۇلىيەتچان يول ھېسابلىنىدۇ. ب د ت رەھبەرلىرى ۋە مۇنبەرلىرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشى كېرەك — بۇ مەسىلىگە سەل قاراشقا ياكى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا بولمايدۇ».
بۇ گۇرۇپپىلار ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مەۋجۇت ئەمگەك نىزاملىرىنىڭ، جۈملىدىن ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك نىزامى»نىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىجرا قىلىنىشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش ئۈچۈن تېخىمۇ ماسلاشقان دۇنياۋى ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلماقتا. ئۇلار يەنە بارلىق شىركەتلەرنى جىددىي تۈردە تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ھەر قانداق نۇقتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ۋە ئۇيغۇر رايونىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشقا چاقىرماقتا.
Global Rights Compliance (GRC) ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ۋە ئۇيغۇر ياشلار تەشەببۇسىنىڭ ۋەكىللىرى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلالايدۇ. مۇنبەرگە قاتناشقان پائالىيەتچىلەر ئىشلىگەن بىر سىننى بۇ يەردىن كۆرگىلى بولىدۇ.